غايىب ئالىم ھېلاجىنىڭ دادىسى: «بىز شىنجاڭغا پاتمىدۇق، 6 جان تالادا قالدۇق»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2013.09.23
helaji-baqqal-305.jpg 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە ئوغلى(ئوتتۇرىدا) غايىب بولغان، ساقچىلارنىڭ نازارىتى ئاستىدا تىجارەت قىلىۋاتقان باققال ھېلاجى (سولدىن بىرىنچىسى). 2012-يىلى، ئۈرۈمچى.
RFA

خىتاينىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى دائىرىلىرى 5-ئىيۇلدىن كېيىن غايىب بولغانلاردىن 17 ياشلىق ئالىم ھېلاجىنىڭ ئائىلىسىگە ئىجارىگە ئۆي بەرمەسلىك ھەققىدە مەخپىي ئۇقتۇرۇش تارقاتقان. بۇ ئۇقتۇرۇشقا خىلاپ ھالدا، مەزكۇر ئائىلىگە ئۆي ئىجارە بەرگەن سېلىم ھاجى دېگەن كىشى ئايال، بالىلىرى بىلەن قېتىپ 24 سائەت سولاقخانىغا قاماپ قويۇلغان. مەزكۇر مەخپىي ئۇقتۇرۇشنىڭ بىر كوپىيىسىنى قولغا چۈشۈرگەن مەزكۇر ئائىلە بۈگۈن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئۆز زېمىنىغا-ئانا ۋەتىنىگە سىغمىغانلىقىنى، 6 جانلىق بۇ ئائىلىنىڭ بىرقانچە ھەپتىدىن بېرى تالادا قالغانلىقىنى بايان قىلدى.

سوئال: ھېلاجى ئەھۋالىڭلار ياخشىمۇ، بالىدىن بىرەر ئۇچۇر بارمۇ؟
جاۋاب: بالىدىن ھېچقانداق ئۇچۇر يوق، ئەھۋالىمىز ناچار.

سوئال: ئەھۋالىڭلار قايسى جەھەتتىن ناچار، قانداق قىيىنچىلىق بار ھازىر؟
جاۋاب: بالا ئىزدىگەنلىكىمىز ئۈچۈن، ئۆز زېمىنىمىزغا پاتمىدۇق، 6 جان تالادا قالدۇق.

سوئال: بۇ نېمە ئەھۋال، قاچاندىن بېرى شۇنداق؟
جاۋاب: بۇ يىل 3-ئاينىڭ 29-كۈنى مېنى ئۆيىدە تۇرغۇزغانلىقى ئۈچۈن، فاڭدۇڭنى(ئۆي ئىگىسىنى) ساقچىخانىغا سولىۋالدى. مەن بۇ نېمە قىلغىنىڭلار دەپ ساقچىخانىغا بارسام، بۆشۈكتىكى 6 ئايلىق بالامدىن تارتىپ ئائىلەمدىكى 6 جاننى ۋە ئۆي ئىگىسىنىڭمۇ خوتۇن، بالىسىنى قېتىپ 24 سائەت سولاپ قويدى. ئەتىسى مېنى شىسەن تۈرمىگە ئاپىرىپ 12 كۈن قامىدى.

سوئال: بۇ قايسى ساقچىخانىنىڭ ئىشى.
جاۋاب: باخۇلياڭ ساقچىخانىسىنىڭ. خەنزۇ سوجاڭ بىر بۇيرۇق بىلەنلا مېنى 12 كۈنلۈك قاماققا بۇيرۇدى. قاماقتىن چىققاندىن بېرى ئۆي ئىزدەۋاتىمەن، يۈك-تاقام بۇرۇن تۇرغان ئۆيۈمنىڭ ئارقا قورۇسىدا دۆۋلىنىكلىك. ئۆي ئىزدەش داۋامىدا ئۇقتۇم، مەن ۋە ئوغلۇمنىڭ رەسىمىنى چاپلاپ چىقارغان بىر مەخپىي ئۇقتۇرۇش باركەن. بۇ كىشىگە ئۆي بەرسەڭ بولمايدۇ، بۇ كىشىگە ئۆي بەرسەڭ، 10 مىڭ سوم جەرىمانە قويۇلىدۇ، قورۇيۇڭ قۇلۇپلىنىدۇ، يەنە قانۇنىي جازاغا تارتىلىسەن، دېگەندەك گەپلەر يېزىلىپتۇ. يەنە تېخى بۇ ئۇقتۇرۇشنى خەققە كۆرسەتمەيسەن، دەپ ئەسكەرتىلىپتۇ. تونۇشلار ئارقىلىق بۇ ئۇقتۇرۇشنىڭ بىر كوپىيىسىنى تاپتىم؛ بۇ قەغەز قولۇمدا بار.

سوئال: شۇ ئۇقتۇرۇش قايسى ئورۇن تەرىپىدىن تارقىتىلىپتۇ؟
جاۋاب: جەنۇبىي يول مەھەللە باشقارمىسى تەرىپىدىن.

سوئال: شۇ قەغەزنى كۆتۈرۈپ باشلىقلارنىڭ ئالدىغا بېرىپ باقمىدىڭىزمۇ؟
جاۋاب: باردىم، شەھەرلىك ۋە ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتكە. تەكشۈرۈپ باقايلى دەپ قۇرۇق گەپ بىلەن يولغا سالدى، ھازىرغىچە تەكشۈرگەن بىر ئادەم يوق؛ شۇنىڭ بىلەن يېقىندا يەنە بېرىپ دېدىم: بىز شىنجاڭغا پاتمىدۇق، ئەمىسە بۇ شىنجاڭلىق ئەمەس دەپ بىر خەت قىپ بەر ۋە كېتىدىغان يېرىمىزنى كۆرسىتىپ بەر، بالامنىمۇ ئىزدىمەي بوپتۇ، بىزگە بىر چىقىش يولى بەر. بىز ئۆز ۋەتىنىگە پاتمىغان ئادەملەر بولغاندىن كېيىن بىر يەرگە كېتەيلى ئەمىسەمۇ دەپ باقتىم. بۇنداق قىلىشقىمۇ بولمايدۇ دەيدۇ، قانداق قىلىشنى، نېمە قىلىشىمىزنى بىلمىدۇق.

يۇقىرىدا، 17 ياشلىق غايىب ئالىم ھېلاجى ئائىلىسىنىڭ ئۆز زېمىنىغا پاتمىغانلىقى ھەققىدە تەپسىلىي خەۋەر بەردۇق.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.