ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يەنە قامالغان: جازا مۇددىتى 11 يىل
2018.11.09
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىنىڭ پېنسىيىگە چىققان تەھرىرى، ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى يېقىندا 11 يىللىق كېسىلگەن. مەلۇم بولۇشىچە ئۇنىڭ كېسىلىشىگە «يۈسۈپ خاس ھاجىپ» قاتارلىق رومانلىرى ۋە بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزى سەۋەب بولغان. ئەدىب 1959 -يىلى، يەنى 20 ياش ۋاقتىدا «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق شېئىرى سەۋەبلىك «يەرلىك مىللەتچى» بولۇپ ئەيىبلىنىپ، 13 يىل تۈرمىدە ياتقان ۋە يەتتە يىل ئائىلىسىدە نەزەربەند قىلىنغان ئىدى. ئۇ بۇ يىل سوتلانغاندا يېشى 80 گە ئۇلاشقان، سالامەتلىكى بىر قاتار كېسەللىكلەر بىلەن چىرمالغانكەن.
قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن 14 كىشىنىڭ تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدىكى رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، بۇ 14 كىشىنىڭ بىرىنىڭ كېسىلىپ بولۇنغانلىقى، كېسىلگەن تۇتقۇننىڭ ئۇلارنىڭ ئىچىدىكى ياشتا ئەڭ چوڭى بولغان شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئىكەنلىكى بىلدۈرۈلگەن ئىدى. قەشقەردىكى ساقچىخانىلارغا ئېلىپ بارغان تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا، يېقىندا ئۇنىڭ ئۈستىدىن سوت ئېچىلغانلىقى دەلىللەندى. ئەمما خادىملار، ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ قانچە يىللىق كېسىلگەنلىكى ھەققىدە مەلۇمات بېرەلمىدى. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا، ھاجى مىرزاھىد كېرىمىنىڭ «يۈسۈپ خاس ھاجىپ»، «جۇدالىق»، «مىرزا ئابابەكرى»، «سۇلتان سەئىدخان» ۋە «سۇلتان ئابدۇرىشىتخان» قاتارلىق بەش رومانى سەۋەبلىك تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلگەن. ئىنكاستا يەنە مەزكۇر رومانلاردا، ئۇيغۇرلارنىڭ سەلتەنەتلىك ھاياتى، يەنى قاراخانىيلار دەۋرى ۋە سەئىدىيە خانلىق دەۋرى تېما ۋە ئارقا كۆرۈنۈش قىلىنغان بولغاچقا، بۇ كىتابلارنىڭ نۆۋەتتىكى سىياسىي شامالدا، گۇمانلىق كىتابلارنىڭ ئەڭ بېشىدىن ئورۇن ئالغانلىقى ئەسكەرتىلگەن.
ئالدىنقى كۈنى زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان قەشقەردىكى بىر سىياسى-قانۇن ساھەسىدىكى خادىممۇ، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدىن تۇتۇلغانلار ئىچىدە، مەسىلىسى ئەڭ ئېغىر دەپ قارالغان كىشىنىڭ ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى.
ماتېرىياللاردا تونۇشتۇرۇلۇشىچە بۇ يىل 80 ياشقا كىرگەن ھاجى مىرزاھىد كېرىم 1958 -يىلى سابىق شىنجاڭ ئىنستىتۇتىنى پۈتتۈرگەن. 1959 -يىلى ئۇيغۇر جەمئىيىتىدە زور داغدۇغا پەيدا قىلغان «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» دېگەن شېئىرى سەۋەبلىك يەرلىك مىللەتچىلىك بىلەن ئەيىبلىنىپ كېسىۋېتىلگەن. 13 يىللىق تۈرمە ھاياتىنى باشتىن كەچۈرگەن ئەدىب، 1972 -يىلدىن 1979 -يىلغىچە نەزەربەند ئاستىدا ياشىغان. 1981 -يىلى قەشقەردىكى ئۇيغۇر ئوتتۇرا مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئۇ، 1983 -يىلدىن پېنسىيىگە چىققانغا قەدەر قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتىدا مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن. رادىيومىزغا كەلگەن ئىنكاستا ئەدىبنىڭ ئۆزىگە تون كىيدۈرۈلۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىدىن مەسىلە تېپىلغانلىقى ئەسكەرتىلگەن. تور ئارخىپلىرىنى ئاختۇرغىنىمىزدا، 2015 -يىلى قەشقەردە شائىر مىرزا كېرىمىگە تون كىيدۈرۈش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەنلىكى ۋە مۇراسىمدا بۇ شائىرغا ئاتاپ يېزىلغان شېئىرلار ئوقۇلغانلىقى ھەم شائىرنىڭمۇ بۇ مۇراسىمدا سۆز قىلغانلىقى مەلۇم بولدى. قەشقەردىكى سىياسىي-قانۇن خادىمى، مىرزاھىد كېرىمىنىڭ تۇتۇلۇشىغا بىر تون كىيدۈرۈش مۇراسىمىدا قىلغان سۆزىنىڭمۇ بىر سەۋەب قىلىنغانلىقىنى ئاشكارىلىدى. ئاشكارىلىنىشىچە، 20 ياش ۋاقتىدا تۇنجى قېتىم كېسىلىپ 20 يىلغا يېقىن ھاياتىنى تۈرمە ۋە نەزەربەند ئاستىدا ئۆتكۈزگەن ئەدىب، بۇ قېتىم 80 يېشىدا 11 يىللىق كېسىلگەن.