ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى 2019-يىلدىكى پائالىيەت پىلانلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2019.01.03
ilham-toxti-guruppisi-ezaliri.JPG «ئىلھام توختى گۇرۇپپىسى» ئەزالىرى يىغىندىن كېيىنكى زىياپەتتە. 2016-يىلى 26-ئاپرېل، بېرلىن.
RFA/Ekrem

گېرمانىيەدىكى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ مەسئۇلى ئەنۋەرجان ئەپەندى رادىيومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، 2018-يىلنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئەڭ ئېغىر بولغان، مىليونلارچە ئۇيغۇر لاگېرلارغا قامىلىپ، ئىلىم ئادەملىرى تۈركۈم-تۈركۈملەپ تۇتقۇن قىلىنغان، ئۇيغۇرلار ئېتنىك تازىلاشقا دۇچ كەلگەن قاباھەتلىك بىر يىل بولغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى. ئۇ شۇنداق بولۇشىغا قارىماي 2018-يىلنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنىڭ خەلقئارالىشىشى كۈچەيگەن بىر يىل بولغانلىقىنى تەكىتلىدى. ئۇ باشقا ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىغا ئوخشاش «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭمۇ بۇ جەھەتتە ئېلىپ بارغان خىزمەتلىرىنى خۇلاسىلىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى بايانىدا «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ 2018-يىللىق پائالىيەتلىرىدە خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن مۇددەتسىز قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئىلھام توختىغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىش ۋە ئىلھام توختى ئەپەندىنى «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى»، «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارادا تەسىرى بولغان كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ئىشلىرىنى تىلغا ئېلىپ ئۆتتى. ئۇ يەنە خىتاينىڭ «تەربىيەلەش مەركەزلىرى» دەپ ئاتالغان جازا لاگېرلىرىغا قامالغان ئۇيغۇرلارغا ئەركىنلىك تەلەپ قىلىپ ئۇيۇشتۇرۇلغان مۇھاكىمە يىغىنلىرى بىلەن نامايىش پائالىيەتلىرىنىمۇ ساناپ ئۆتتى.

«ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ ئەزالىرىدىن فىرانسىيەدىكى پارىژ شەھەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى، كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى مارى ھولىسمەن خانىممۇ ئىلھام توختى مەسىلىسىنى غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىگە ئاڭلىتىشتا ئىزچىل ھالدا خىزمەت قىلىپ كەلگەن پائالىيەتچىلەرنىڭ بىرى.

مارىي ھولىسمەن خانىم ئىلھام توختى ئەپەندىنى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»، «ساخوروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆرسىتىش خىزمىتىنىڭ مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ بىرى ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

مارىي خانىم بايانىدا يەنە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» ۋە خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتىنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە ئىلھام توختىنىڭ 2018-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى» غا كۆرسىتىلگەن 330 نامزاتنىڭ بىرى بولغانلىقىنى بىلدۈردى.

مارىي خانىم يەنە «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ بۇندىن كېيىنكى پائالىيەتلىرىدە ئىلھام توختى ئەپەندىنى كېيىنكى يىللاردىكى «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» غا ئوخشاش خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا داۋاملىق نامزات قىلىپ كۆرسىتىشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدىمۇ توختالدى. ئۇ بايانىدا خەلقئارادا تەسىرى زور بولغان بۇ خىل مۇكاپاتلارنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئىلھام توختى مەسىلىسى ئارقىلىق ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتىگە بولغان دىققىتىنى قوزغاش ۋە غەرب دېموكراتىك ھۆكۈمەتلەرنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىدە خىتايغا بېسىم قىلىشىدا مەلۇم ئۈنۈمى بولىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈردى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى «ئىلھام توختىنى قوللاش گۇرۇپپىسى» نىڭ 2019-يىلدىكى پىلانلىرى ھەققىدىمۇ توختىلىپ ئۆتتى.

ئۇ بايانىدا ئىلھام توختىنى2019-يىللىق «نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى»، «ساخاروف ئەركىنلىك مۇكاپاتى» قاتارلىق خەلقئارالىق كىشىلىك ھوقۇق مۇكاپاتلىرىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىش ۋە ئىلھام توختى مۇھاكىمە يىغىنلىرى ئۇيۇشتۇرۇش قاتارلىق پائالىيەتلەردە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتە ياۋروپا پارلامېنتى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىدىكى تەسىرى كۈچلۈك سىياسىي ئەربابلارنىڭ قوللىشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى.

ئەنۋەرجان ئەپەندى سۆزىنىڭ ئاخىرىدا يەنە ئىلھام توختى ئەپەندىنى خەلقئارالىق مۇكاپاتلارغا كۆرسىتىشنىڭ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە بولغان دىققىتىنى يەنىمۇ كۈچەيتىشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن سۆھبەتنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.