گۈزەلنۇر خانىم: ئېرىم ئىلھام توختى ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇنىي ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلدى خالاس!

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.01.17
ilham-toxti-guzelnur-woeser.jpg ئىلھام توختى ئەپەندى تۇتۇلۇپ كېتىشتىن ئىككى كۈن ئىلگىرى، تىبەت ئايال يازغۇچىسى ۋوەسەر ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۆيىگە يوقلاپ كەلگەندە چۈشكەن خاتىرە سۈرەت. سولدىن ئوڭغا: ئىلھام توختى، ئىلھام توختىنىڭ خانىمى گۈزەلنۇر ۋە ۋوەسەر خانىم. 2014-يىلى 13-يانۋار، بېيجىڭ.
RFA/Méhriban

15-يانۋار چارشەنبە ئۇيغۇر ئۆكتىچىسى ئىلھام توختى تۇتقۇن قىلغاندىن كېيىن، نۇرغۇنلىغان كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە ئامېرىكا قاتارلىق بىر قىسىم دېموكراتىك دۆلەتلەر بايانات بېرىپ، ئىلھام توختىنىڭ ئەھۋالىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

16-يانۋار پەيشەنبە كۈنى خىتاي باياناتچىسى خۇڭ لېيمۇ چەتئەل مۇخبىرلىرىنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بېرىپ، مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختىنىڭ «قانۇنغا خىلاپلىق قىلىش» گۇمانى بىلەن قولغا ئېلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. ئىلھام توختىنىڭ ئايالى گۈزەلنۇر خانىم بۈگۈن رادىئومىز ئۇيغۇر بۆلۈمى ۋە كۆپلىگەن خەلقئارا مەتبۇئاتلاردا ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئىلھام توختىنىڭ خىتاي قانۇنىغا خىلاپلىق ئىش قىلمىغانلىقىنى، ئۇنىڭ پەقەت ئۇيغۇرلارنىڭ قانۇندا بەلگىلەنگەن ھەق-ھوقۇقىنىلا تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.

17-يانۋار كۈنى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئىلھام توختى ئەپەندى ھەققىدە يەنىلا ھېچقانداق ئۇچۇر بەرمىگەنلىكىنى بىلدۈرگەن گۈزەلنۇر خانىم، ئۆزىنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيان نۇرغۇنلىغان خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغانلىقىنى بايان قىلدى.

گۈزەلنۇر خانىم خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئوتتۇرىغا قويغان مەسىلىلەر ھەققىدە توختىلىپ، ئېرى ئىلھام توختىنىڭ ھېچقانداق گۇناھى يوقلۇقىنى تەكىتلىدى. ئۇ ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي قانۇنىدا بەلگىلەنگەن قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىنىڭ ھەقىقىي ئەمەلىيلىشىشىنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شۇڭا خىتاي ھۆكۈمىتىدىن ئەڭ تېز ۋاقىت ئىچىدە ئىلھام توختىنى گۇناھسىز دەپ قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىمدىن ئۇنىڭ ئائىلىسىنىڭ ئىككى كۈندىن بۇيانقى ئەھۋالىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ، ئىشىك سىرتىدا يەنىلا 10 نەچچە ساقچىنىڭ بۇ ئائىلىنى كېچە-كۈندۈز نازارەت قىلىۋاتقانلىقىنى، بۈگۈن چوڭ ئوغلىنى مەكتەپكە ئاپارغىچىمۇ 4 ساقچىنىڭ ئۇلارنى نازارەت قىلىپ بىللە بارغانلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ يەنە ئۇ قېينى ئانىسىنىڭ سالامەتلىكى بارغانچە ناچارلىشىۋاتقىنى ئۈچۈن، بۈگۈن ئىلھام توختىنىڭ ئاكىسى ئاتۇشتىن بېيجىڭغا كەلگەنلىكىنى ۋە بىر ئىككى كۈن ئىچىدە قېينى ئانىسىنى ئاتۇشقا يولغا سالىدىغانلىقىنى دەپ ئۆتتى.

گۈزەلنۇر خانىم يەنە، ئۆزىنىڭ نۆۋەتتىكى يۈكىنىڭ ئېغىرلىقىنىمۇ ئەسكەرتىپ، مۇشۇنداق ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ بېشىغا كېلىۋاتقان ھەرقانداق ئىشقا تەييار تۇرالايدىغان روھى ھالەتنى ساقلاشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇ ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ھازىرغىچە ئۆزىگە ئىلھام توختىنىڭ نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقى ھەققىدە رەسمىي ئۇقتۇرۇش قىلمىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئىلھام توختى ئەپەندىنى ۋە بۇ قېتىم قولغا ئېلىنىپ كەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈرۈش ئۈچۈن بېيجىڭدىن ئادۋوكات تاپقانلىقىنى ۋە ئۆزىنىڭ ئىلھام توختىنىڭ گۇناھسىز ئىكەنلىكىنى سۆزلەيدىغان ھەرقانداق پۇرسەتنى قولدىن بەرمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

گۈزەلنۇر خانىم زىيارىتىمىز ئاخىرىدا، خىتاي تاشقى ئىشلار باياناتچىسى خۇڭ لېينىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، «ئېرىم ئىلھام توختى ھەرگىزمۇ جۇڭگو قانۇنىغا خىلاپلىق ئىش قىلمىدى. ئۇ پەقەت قەلىمى ئارقىلىق، سۆزى ئارقىلىق، تەتقىقاتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئېرىشىشكە تېگىشلىك بولغان قانۇنىي ھەق-ھوقۇقلىرىغا ئېرىشىشى كېرەكلىكىنى تەشەببۇس قىلدى. مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېرىم ئىلھام توختىنى ۋە بۇ قېتىم تۇتقۇن قىلىنغان ئوقۇغۇچىلارنى گۇناھىسز دەپ قويۇپ بېرىشنى ئۈمىد قىلىمەن. مەن بۇ يولدا شۇنىڭغا تەييارلاندىمكى، مەن 3 يىل ئەمەس، بەلكى ئىلھامنى 30 يىل ساقلاشقىمۇ تەييارمەن!» دېگەن سۆزلەر بىلەن گېپىنى ئاخىرلاشتۇردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.