كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئىستراتېگىيەلىك دىئالوگىدا ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017.04.21
Ilham-toxti-saxarof-mukapati.jpg ياۋروپا پارلامېنتىدا ئىلھام توختىنى ساخاروف مۇكاپاتىغا نامزات كۆرسىتىش يىغىنى ئېچىلغان. 2016-يىلى 26-ماي.
unpo.org


ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاينىڭ 7-نۆۋەتلىك ئىستراتېگىيە دىئالوگى 19-، 20-ئاپرېل كۈنلىرى بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلدى. دىئالوگدا شىمالىي كورېيە ۋەزىيىتى ۋە كىشىلىك ھوقۇق قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. بىراق سۆھبەت نەتىجىسى كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى ئۈمىدسىزلەندۈردى.

ياۋروپا ئىتتىپاقنىڭ تاشقى ئىشلار-بىخەتەرلىك كومىسسارى فېدىرىكا مۇگېرىنى خىتايغا قاراپ يولغا چىقىش ھارپىسىدا كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى بايانات ئېلان قىلىپ، موگېرىنىنىڭ بېيجىڭدا خىتاي كىشىلىك ھوقۇق ۋەزىيىتىنى يېپىق ۋە ئاشكارا تەنقىد قىلىشىنى تەلەپ قىلغان. كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى ئۇنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىنى تەنقىدلەپ، قولغا ئېلىنغان بارلىق مەھبۇسلارنى، خۇسۇسەن ئۆكتىچى زىيالىي ئىلھام توختى بىلەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شاۋبونى دەرھال قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

مەزكۇر ئورگان باياناتىدا، ك ھ ك ت نىڭ خىتاي ئىشلار دىرېكتورى دوكتور سوفىي رېچاردسوننىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ: «ئالىي ۋەكىل موگېرىنى ئۆزىنىڭ خىتاي زىيارىتىدە ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ چەتئەلدە كىشىلىك ھوقۇق، دېموكراتىيە، قانۇن بىلەن باشقۇرۇشنى ئالغا سۈرۈش ۋەدىسىگە ئاساسەن ھەرىكەت قىلىشى زۆرۈر» دەپ كۆرسەتكەن.

موگېرىنى 19-ۋە 20-ئاپرېلدىكى 2 كۈنلۈك دىئالوگىدا، خىتاي دۆلەت كومىسسارى ياڭ جيېچى ۋە باش مىنىستىرى لى كېچياڭ بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزگەن ئىدى.

ئۇنىڭ 20-ئاپرېل بېيجىڭدا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىگە بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىشىچە، دىئالوگدا سۈرىيە، شىمالىي كورېيە، ئافغانىستان تىنچلىق سۆھبىتى، تېررورلۇق، پارىژ كىلىمات شەرتنامىسى، ئىقتىسادىي قۇرۇلما ئىسلاھاتى، سودا-ئىقتىساد، خىتاي بازىرىنى ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇن مەسىلىلەر مۇزاكىرە قىلىنغان. ئۇ، شۇ قاتاردا كىشىلىك ھوقۇقنىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق بۇ مەسىلىنى ھەل قىلىشنىڭ يولى دوستانە ۋە ئىجابىي دىئالوگ، دەپ قارايدىغانلىقىنى قەيت قىلدى.

موگېرىنى مۇنداق دەيدۇ: «ياۋروپا ئىتتىپاق بىلەن خىتاينىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك مۇناسىۋەت كۈچلۈك ئاساسلارغا تايىنىدۇ. ئۇ، ب د ت نىزامنامىسى، خەلقئارا قانۇنلارنىڭ شېرىكچىلىك، ھەمكارلىق، ئۆز-ئارا ھۆرمەت پرىنسىپلىرىنى ئاساس قىلىدۇ. شۇنداقلا بىزنىڭ يەنە ئەقىل، تەجرىبە ۋە دوستلۇقىمىز بار. بۇ، بىزنىڭ ئوتتۇرىدىكى ئىختىلاپلارنى بىر تەرەپ قىلىشىمىزغا ئىمكانىيەت يارىتىپ بېرىدۇ. مەن دۆلەت كومىسسارى) ياڭ جيېچى) غا ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزدۈم. بىز شۇنىڭغا قاتنىشىشىمىز، دوستلۇق ۋە ئىجابىي دىئالوگ بارلىق مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنىڭ ئەڭ توغرا يولى.»

موگېرىنى خىتايغا كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدىكى ئەندىشىلىرىنى يەتكۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، ئەمما بۇ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنى قايىل قىلالمىدى.

گېرمانىيە «خەتەر ئاستىدىكى خەلقلەر جەمئىيىتى» ياۋروپا-خىتاي ئىستراتېگىيە دىئالوگى باشلىنىشتىن بۇرۇن ياۋروپا كومىتېتى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىلھام توختىنى قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشنى تەلەپ قىلغان تەشكىلاتلارنىڭ بىرى.

مەزكۇر تەشكىلاتنىڭ رەئىسى ئۇلرىخ دېلئىۇس پەيشەنبە كۈنى موگېرىنىنىڭ سۆزىگە ئىنكاس قايتۇرۇپ، ئۇنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىگە يېتەرلىك جىددىيەت كۆرسەتمىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

دېلىئۇس مۇنداق دەيدۇ: «ئۇ بەزى مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىراق، بۇ يەردىكى سوئال ئۇ، بۇ مەسىلىلەرنى ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدىكى نۇقتىلىق مەسىلە قاتارىدا ئوتتۇرىغا قويدىمۇ-يوق. بىزنىڭ ئالغان تەسىراتىمىز، ئۇ، بۇ مەسىلىلەر خىتاينى قايىل قىلىش، خىتايدا ۋەزىيەتنى مۇقىملاشتۇرۇش ئۈچۈن زۆرۈر، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى ياۋروپا خەلقىنىڭ ئاڭلىشى زۆرۈر، دەپ قارىغانلىقى ئۈچۈن ئوتتۇرىغا قويدى. مەن ئۇنى بۇنىڭغا كۆڭۈل بۆلىدۇ، دەپ قارايمەن. مانا بۇ بىزنىڭ ھوشيارلىقىمىزنى قوزغاۋاتىدۇ.»

بۇ نۆۋەتلىك ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي ئىستراتېگىيە دىئالوگى ئۇيغۇر رايونىنىڭ ۋەزىيىتى ئېغىرلىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى قاتتىق ۋە قوراللىق ئامانلىق تەدبىرلىرىنى يۈرگۈزگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئېكولوگىيە ساھەسىدە «ئەسەبىيلىك» «بۆلگۈنچىلىك» كە قارشى ھەرىكەت قوزغاپ، زەربە بېرىش نىشانىنى زىيالىيلار، ئوقۇتقۇچىلار، كادىرلار باشقا ساھە كىشىلىرىگە قاراتقان مەزگىلدە ئۆتكۈزۈلگەن ئىدى.

شۇ سەۋەبتىن د ئۇ ق ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگىدا بەزى كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلىپ كەلگەن.

د ئۇ ق باش كاتىپى دولقۇن ئەيسا بۇ ھەقتە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي ئىشلىرى بۆلۈمى بىلەن 20 دىن ئارتۇق خەلقئارالىق تەشكىلاتلارنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن بىر ئۇچرىشىش بولغان. شۇ ۋاقىتتا بىزمۇ بېرىپ قاتنىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئارزۇ-تەلەپلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدۇق. بىزنىڭ ئۇ يەردە ئوتتۇرىغا قويغان ئاساسلىقى مەسىلىلىرىمىز بەزى كونكرېت تېمىلار ئۈستىدە بولدى. مەسىلەن، مۇشۇ ئىلھام توختى مەسىلىسى بىزنىڭ شۇ ۋاقىتتا ئوتتۇرىغا قويغان مۇھىم تېمىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭدىن باشقا دىنىي مەسىلىلەردە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رامىزان ئايلىرىدا روزا تۇتۇشنى چەكلەشتەك، مەسچىتلەرگە بايراق ئېسىشتەك، ئۇيغۇرلارنىڭ ساياھەت ئەركىنلىكىنى چەكلەشتەك كونكرېت مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا قويدۇق.»

دولقۇن ئەيسا يەنە، دۆلەتلەرنىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسىدە خىتايغا كۈچلۈك بېسىم ئىشلەتمەيۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈپ، بۇنىڭدا دۆلەتلەر ئوتتۇرىسىدىكى سودا مۇناسىۋىتى رول ئويناۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۇلرىخ دېلئىۇسنىڭ قارىشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ خىتاي بىلەن سودا ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭ بىلەن سودا ئىتتىپاقى قۇرۇشى خىتايدا كىشىلىك ھوقۇقنى داۋاملىق بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىتىدىكەن.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «ئومۇمەن ياۋروپا ئىتتىپاقى، گېرمانىيە ۋە خىتاي مۇناسىۋىتىگە دائىر ئاخىرقى بۇ دىئالوگ بىزنىڭ قاتتىق ئەندىشىمىزنى قوزغىدى. چۈنكى، ئۇلارنىڭ ‹ئەركىن سودا›، ‹يەر شارى ئەركىن سودىسى› دېگەن سۆزلىرى بىزدە ھەقىقەتەن ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن خىتاي ناھايىتى زور سودا ئىتتىپاقى قۇرامدۇ-قانداق؟ دېگەن تەسىرات پەيدا قىلدى. ئۇلار ئامېرىكىنىڭ سىياسىتىگە ناھايىتى ئەندىشە بىلەن قارايدۇ. سودا بارلىق دۆلەتلەر ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم نەرسە. گېرمانىيە ئاخباراتى ۋە بىز ئۇچراشقان سىياسەتچىلەرنىڭ بىزگە بەرگەن تەسىرى، خىتاي بىلەن مۇشۇنداق بىر ئىتتىپاق قۇرۇش ئۈچۈن بىر ئىشلار بولۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.»

كىشىلىك ھوقۇق كۆزىتىش تەشكىلاتى باياناتىدا يەنە، ياۋروپا تاشقى ئىشلار-بىخەتەرلىك كومىسسارىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتى چىقارغان بەزى قانۇنلارنىڭ ئەندىشە قوزغاۋاتقانلىقى، بۇ قانۇن-تۈزۈملەر ئىجتىمائىي گۇرۇھلارنىڭ پائالىيىتىنى چەكلەپ، كىشىلىك ھوقۇققا بۇزغۇنچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلدى.

كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، خىتاينىڭ «تېررورلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»، «تور بىخەتەرلىك قانۇنى»، «چەتئەل ئاممىۋى تەشكىلاتلىرىنى باشقۇرۇش قانۇنى» كىشىلىك ھوقۇق ۋە ئەركىنلىكنى بوغماقتىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.