فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتى: ئىلھام توختىنى نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىشكە تىرىشىمىز

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ھاجى قۇتلۇق قادىرى
2014.09.30
fransiye-uyghur-jemiyiti-erkin-5-iyul.jpg فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىنى خاتىرىلەش نامايىشىدا سۆزلىمەكتە. 2014-يىلى 5-ئىيۇل، پارىژ.
RFA/Qutluq

23-سېنتەبىر ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئوتتۇرا سوت مەھكىمىسى ئۇيغۇر ئۆكتىچى زىيالىيسى ئىلھام توختىغا مۇددەتسىز قاماق جازاسى ئېلان قىلغاندىن كېيىن، دۇنيا مەتبۇئاتلىرى بۇ ھەقتە كۆپلىگەن خەۋەرلەرنى تارقاتتى. جۈملىدىن فىرانسىيەدىكى تۈرلۈك گېزىت-ژۇرناللار، تېلېۋىزىيە قاناللىرى، تور بەتلىرى بۇ ھەقتە مەخسۇس خەۋەر بەردى ۋە مۇلاھىزىلەرنى ئېلان قىلدى.

بۈگۈن رادىئويىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان فىرانسىيە ئۇيغۇر جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن پارىژدا ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئىلھام توختى ھەققىدىكى تەشۋىقاتلار ۋە ئۇنىڭ فىرانسىيە پارلامېنتى ئارقىلىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا نامزات قىلىپ كۆرسىتىلمەكچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى بىر قاتار ئۇچۇرلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتتى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.