گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى
2014.10.01
خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 65 يىللىقىنى، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار ئۆز دۆلەتلىرىدىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نارازىلىق نامايىشى بىلەن خاتىرىلىدى.
10-ئاينىڭ 1-كۈنى گېرمانىيەنىڭ ميۇنخېن شەھىرىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشقا، ميۇنخېن شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن 100 دىن ئارتۇق كىشى قاتناشتى.
خىتاي كونسۇلخانىسى ئالدىدا ئۆتكۈزۈلگەن نامايىشتا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان بىرلىكىنىڭ رەئىسى ئەنۋەر جان ئەپەندى، ئۈمىد ئاگاھى ئەپەندى ۋە دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى مۇدىرى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر قاتناشتى. نامايىش جەريانىدا ئەسقەر جان نېمىسچە، پەرھات مۇھەممەد ئەپەندى بولسا ئۇيغۇر تىلىدا مۇخبىرلارغا بايانات بەردى. پەرھات سۆزىدە 1-ئۆكتەبىرنى، ئۇيغۇرلار بۈگۈن دۇچ كېلىۋاتقان زۇلۇم ۋە بالايىئاپەتلەرنىڭ باشلانغۇچ نۇقتىسى دەپ كۆرسەتكەندىن كېيىن، 65 يىلدىن بېرى خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلغان زۇلۇمىنى قىسقىچە بايان قىلىپ ئۆتتى. ئەسقەرجان بولسا نۇقتىلىق ھالدا بۈگۈن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىتا ئېلىپ بېرىۋاتقان قىرغىنچىلىق سىياسىتى ۋە ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكى توغرىسىدا توختالدى.
ئۇيغۇرلار 20-ئەسىردە ئىككى قېتىم مۇستەقىللىق جاكارلاپ، «شەرقى تۈركىستان ئىسلام جۇمھۇرىيىتى» ۋە «شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتى» نامىدا ئىككى دۆلەت قۇرغان. 1944-يىلى قۇرۇلغان 2-قېتىملىق شەرقى تۈركىستان جۇمھۇرىيىتىنىڭ ھاكىمىيىتىگە، 1949-يىلى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى خىتاي خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغاندىن كېيىن خاتىمە بېرىلگەن.
بۈگۈن يەنە خىتاينىڭ دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئەلچىخانىلىرى ئالدىدا نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدىكى مۇستەملىكىچىلىكىگە نارازىلىق بىلدۈرۈلدى.