ئىشقىيار ئابدۇرەھىم: «ئۇرۇق-تۇغقانلىرىمدىن 35 كىشى تۈرمە ياكى جازا لاگېرلىرىدا»

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2019.02.20
Ishqiyar-abdurehim-1.jpg ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇن خانىم.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار يۇرتىدىكى ئاتا-ئانىلىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بىلەن تېلېفون ئالاقىسى ئۈزۈلۈپ قالغانلىقتىن بەزىلىرى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا گۇۋاھلىق بېرىپ سىن كۆرۈنۈشلىرىنى تارقاتسا، يەنە بەزىلىرى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىغا ئوخشاش خەلقئارالىق ئورگانلارغا ئەرز يېزىپ، ئاتا-ئانا ۋە بالا-چاقىلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا. تۈركىيە پۇقرالىقىغا ئۆتكەن بەزى ئۇيغۇرلار تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا خەت يېزىپ، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى ئېلىشقا تىرىشماقتا.

تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلاردىن ئىشقىيار ئابدۇرەھىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئائىلە ئەزالىرى ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 35 كىشىنىڭ جازا لاگېرلىرى ياكى تۈرمىدە ئىكەنلىكى توغرىسىدا ئېنىق ئۇچۇر كەلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىشقىيار ئابدۇرەھىم ئەپەندى قورغاس ناھىيەسىدىن بولۇپ، ئۇ 2014-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى مىسىرغا ئوقۇشقا بارغان، مىسىردا 6 ئاي تۇرغاندىن كېيىن بەزى سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن شۇ يىلى 9-ئاينىڭ 19-كۈنى تۈركىيەگە يېتىپ كەلگەن. ھازىر تۈركىيەنىڭ ئىستانبۇل شەھىرىدە 3 بالىسى بىلەن بىرلىكتە تۇرمۇش كۆچۈرمەكتە.

ئىشقىيار ئابدۇرەھىم 1992-يىلى قورغاستا دۇنياغا كەلگەن بولۇپ، ئۇ 5 ياشقا كىرگەن ۋاقتىدا دادىسى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» گە چېتىشلىق دەپ تۇتۇپ كېتىلگەن ۋە 15 يىل كېسىۋېتىلگەن ئىكەن. ئۇ زىيارىتىمىز جەريانىدا بۇ ھەقتە مەلۇمات بەردى.

ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ دادىسى ئابدۇرەھىم داۋۇت تۈرمىدىكى مەزگىلدە، يەنى 2008-يىلى ئاپىسىنىڭ دادىسى تۇرسۇن مەمەتئاخۇن ۋە ئىنىلىرىدىن بولۇپ 9 كىشى تۇتۇپ كېتىلگەن ئىكەن. ئۇ بوۋىسىنىڭ خىتاي سوتى تەرىپىدىن بەش يىللىق قاماق جازاسىغا كېسىۋېتىلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

مەلۇم بولغىنىدەك، خىتاي دائىرىلىرى 2016-يىلىنىڭ باشلىرىدا ئۇيغۇرلارغا قاراتقان پاسپورت كونتروللۇقىنى بوشاتقان ۋە ھەتتا يەرلىك ئاھالىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشىنى تەشۋىق قىلغان بولسا، شۇ يىلىنىڭ 10-ئېيىغا كەلگەندە تۇيۇقسىزلا ئۇيغۇرلارنىڭ پاسپورتلىرىنى يىغىۋېلىشقا باشلىغان. ئىشقىيار ئابدۇرەھىم مىسىردىن تۈركىيەگە كەلگەندىن كېيىن، ئۇنىڭ قورغاستا قالغان ئاپىسى 2016-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى پۇل بېرىپ پاسپورت بېجىرىپ تۈركىيەگە كەلگەن. ئاپىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇن ئوغلىنىڭ يېنىدا 2 ئاي تۇرغاندىن كېيىن، 5-ئاينىڭ 30-كۈنى غۇلجىغا قايتىپ كەتكەن. ئىشقىيار ئابدۇرەھىم ئەپەندى بۇ ھەقتە تەپسىلىي مەلۇمات بەردى.

ئىشقىيار ئابدۇررەھىم ئائىلىسى 1997-يىلىدىن تارتىپ «نۇقتىلىق ئائىلە» دەپ قارىلىپ كۆزىتىلىپ كېلىنگەن بولۇپ، ئاپىسى تۈركىيەدىن قايتقاندىن كېيىن كۆپ قېتىم سوراققا تارتىلغان ئىكەن. 2017-يىلى 3-ئاينىڭ 21-كۈنى ئاچىسى مەۋلۇدە ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن. 4-ئاينىڭ بېشىدا بولسا ئانىسى ھۆرىگۈل تۇرسۇنمۇ تۇتۇپ كېتىلگەن. ئىشقىيارنىڭ ئاپىسى تۈركىيەگە بېرىپ ئوغلىنى يوقلاپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن 5 يىل، ئاچىسى مەۋلۇدە ئىنىسىغا تېلېفون قىلغانلىقى ئۈچۈن 3 يىل كېسىۋېتىلگەن. ئۇ بۇ ھەقتە ئېنىق خەۋەر ئىگىلىگەنلىكىنى بايان قىلدى.

ئىشقىيار ئابدۇرەھىم 13 يىل تۈرمىدە يېتىپ چىققان دادىسى بىلەن سىڭلىسىنىڭ بولسا 2018-يىلىنىڭ بېشىدا جازا لاگېرىغا ئېلىپ كېتىلگەنلىكىنى بايان قىلدى.

قىممەتلىك رادىيو ئاڭلىغۇچىلار، ھازىر تۈركىيەدە ياشاۋاتقان، ھەتتا تۈرك پۇقرالىقىغا ئۆتۈپ بولغان نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ خىتاي تۈرمىلىرىدە ياكى جازا لاگېرلىرىدا يېتىۋاتقان كۆپلىگەن ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ بارلىقى مەلۇم بولماقتا. ئىشقىيار ئابدۇرەھىمنىڭ ئائىلىسى بولسا 1997-يىلىدىكى «5-فېۋرال غۇلجا ۋەقەسى» دىن بۇيان نازارەت ئاستىدا تۇرۇپ كەلگەن بىر ئائىلە ئىكەن. ئۇ ئاتا-ئانىسى، ئاچا-سىڭىللىرى، بوۋىسى، تاغىلىرى، ھاممىلىرى ۋە ئۇلارنىڭ بالا-چاقىلىرىدىن بولۇپ، جەمئىي 35 كىشىنىڭ تۈرمە ۋە جازا لاگېرلىرىدا ئىكەنلىكىنى، ئائىلىسىدىكى ھەر بىر جاننىڭ ھاياتىنى ئېغىر زۇلۇم ئاستىدا ئۆتكۈزۈپ كەلگەنلىكىنى تىلغا ئالدى.

تونۇلغان سەنئەتكار ئابدۇرېھىم ھېيتنىڭ خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەنلىك خەۋىرى تۈركىيەدىكى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقالغاندىن كېيىن، 9-فېۋرال كۈنى تۈركىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى «خىتاينىڭ 21-ئەسىردە مىليونلارچە ئۇيغۇرلارنى لاگېرىغا قامىشى ئىنسانىيەت ئۈچۈن بىر نومۇس» دېگەن كۈچلۈك ئىبارىنى قوللىنىپ بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. شۇنىڭدىن كېيىن تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلار «مەنمۇ ئۇيغۇر» پائالىيىتى ئارقىلىق ۋەتەندىكى ئاتا-ئانا ۋە ئۇرۇق-تۇغقانلىرىنىڭ ئىز-دېرىكىنى قىلماقتا.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.