رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى د ئۇ ق ھەيئىتى جەنۋەدىكى پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2014-10-22
Share
duq-jenwe-yighin.JPG د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم باشچىلىقىدىكى ھەيئەت ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى 24-نۆۋەتلىك يىغىنىدا. 2013-يىلى 19-سېنتەبىر، جەنۋە.
RFA/Erkin Tarim

دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم نورۋېگىيەدىكى پائالىيىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، بۈگۈن شۋېتسارىيەنىڭ جەنۋە شەھىرىگە يېتىپ كېلىپ بۇ يەردىكى پائالىيىتىنى باشلىۋەتتى.

بۈگۈن، يەنى 10-ئاينىڭ 22-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ھەرقايسى كومىتېتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە كاتىپلىرى بىلەن ئۇچرىشىپ ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى توغرىسىدا مەلۇمات بەرگەن. د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ ئېيتىشىچە، بۈگۈن د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا، مۇئاۋىن رەئىسى ئۆمەر قانات قاتارلىق كىشىلەر، ھەرقايسى كومىتېتلارغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان چىدىغۇسىز زۇلۇمى توغرىسىدا مەلۇمات بېرىپ، 10-ئاينىڭ 23-كۈنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىنسان ھەق ۋە ھوقۇقلىرى ئومۇمىي يىغىنىدا خىتاينى تەنقىد قىلىشنى تەلەپ قىلغان. شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا سەرسان بولۇپ يۈرگەن ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ دېموكراتىيە بىلەن باشقۇرۇلۇۋاتقان 3-بىر دۆلەتكە كېتىشىگە ياردەم قىلىشنى تەلەپ قىلغان.

بۈگۈنكى پائالىيەت توغرىسىدا رابىيە خانىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

تەپسىلاتىنى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىز.

پىكىرلەر (0)

بارلىق پىكىر - بايانلارنى كۆرۈش.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.

تولۇق بەت