ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى يەنە ئوتتۇرىغا قويۇلدى
2015.09.25

ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 30-نۆۋەتلىك يىغىنى 9-ئاينىڭ 14-كۈنى جەنۋەدە باشلانغان بولۇپ، 10-ئاينىڭ 2-كۈنى ئاخىرلىشىدىغان بۇ يىغىنغا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ۋە قۇرۇلتاي پروگرامما خادىمى پېتىر ئەپەندىلەر قاتنىشىپ ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى تەكرار ئوتتۇرىغا قويغان.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى يىغىنى ئۇيغۇرلارنى دۇنياغا تونۇتۇشتا ياخشى پۇرسەتلەر بىلەن تەمىنلىمەكتە. د ئۇ ق خادىملىرى ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ب د ت دا كۈنتەرتىپكە ئەكېلىش، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئىلىدا ئېلىپ بېرىۋاتقان جىنايەتلىرىنى پاش قىلىش ۋە دۇنيا مىقياسىدا كەڭ جامائەت پىكرى ھازىرلاش ئۈچۈن يىللاردىن بېرى تېرىشچانلىق كۆرسىتىپ كەلمەكتە.
دولقۇن ئەيسا ئەپەندىنىڭ بۈگۈن جەنۋەدىن بەرگەن مەلۇماتىغا ئاساسلانغاندا، ھەر يىلقىغا ئوخشاش بۇ قېتىممۇ د ئۇ ق زور تەييارلىقلار بىلەن ئالدىنقى ھەپتە قۇرۇلتاي خادىمى پېتىرنى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك يىغىنىغا ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە خىتاي زۇلۇمى ھەققىدە يىغىن ئەھلىگە دوكلات تەقدىم قىلىش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن. پېتىرنىڭ بولۇپمۇ تايلاندتىن قايتۇرۇلغان 109 نەپەر ئۇيغۇر توغرىسىدىكى دوكلاتى ھەرقايسى ئەل ۋەكىللىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىگە ئۇلاشقان.
22-سېنتەبىردىن بۇيان جەنۋەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان دولقۇن ئەيسا ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۈگۈن ب د ت كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى زالىدا تىبەت، ئۇيغۇر قاتارلىق يەتتىدىن ئارتۇق مىللەت تەشكىلاتلىرى بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان « تەن جازاسى ۋە خىتاي ھۆكۈمىتى» ناملىق يىغىنغا قاتناشقانلىقىنى تىلغا ئالدى. يىغىندا ئۇ، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا ئېلىپ بېرىۋاتقان تۇتقۇن قىلىش ۋە باستۇرۇش سىياسەتلىرىنى پاش قىلغان. ئۇيغۇر خەلقىنىڭ يالغۇز جىسمانىي زەربىلەرگىلا ئەمەس، ئېغىر مەنىۋى زەربىلەرگىمۇ ئۇچراۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن. دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ قېتىمقى يىغىندا يەنە، ئىلھام توختى مەسىلىسىنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ، دۇنيا جامائىتىنىڭ دىققىتىنى چەككەن. دولقۇن ئەيسا ئۇيغۇر ئىلىدا تەن جازاسى بىلەن مەجبۇرىي ئىقرار قىلدۇرۇلغان ۋە تۈرمىدە ئۆلتۈرۈلگەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنى مىسالغا ئېلىپ، يىغىندا زور غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.