خىتاينىڭ ئاقسۇ كەلپىندە يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پەرقلىقمۇ؟

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.03.21
pilanliq-tughut-305.jpg ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﯧﻠﯩﺪﯨﻜﻰ ﻣﻪﻟﯘﻡ ﺑﯩﺮ ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺋﺎﻳﺎﻟﻨﯩﯔ ﺑﺎﻟﯩﺴﯩﻨﻰ ﻗﯘﭼﯩﻘﯩﺪﺍ ﺗﯘﺗﯘﭖ ﺋﻮﻟﺘﯘﺭﻏﺎﻥ ﺳﯜﺭﯨﺘﻰ.
RFA Archive

ئاقسۇ كەلپىندىكى 40 ياشلىق ئانا خەيرىنسا مامۇتنىڭ 5 ئايلىق ھامىلىسىنىڭ مەجبۇرىي چۈشۇرىۋېتىلگەنلىكى رادىئومىزغا مەلۇم قىلىنغاندىن كېيىن مۇخبىرىمىز مەزكۇ ناھىيەنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مۇدىرى ئامۇت مامۇتنى زىيارەت قىلدى.

مۇدىر، خەيرىنسا مامۇتنىڭ 5 ئايلىق ھامىلىسىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلىش بىلەن بىرلىكتە، يېقىنقى بىر يىل ئىچىدە 15 ھامىلىنى چۈشۈرۈۋەتكەنلىكىنى، بۇلارنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ 4 بىلەن 6 ئايلىق ئارىسىدىكى ھامىلە ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىدى. مۇدىر يەنە 6 ئايدىن ئاشمىغان ھامىلىلەرنى پىلاننىڭ سىرتىدا بولسا داۋاملىق چۈشۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. خىتاي مەركىزى ھۆكۈمىتىنىڭ پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇلى، بۇ يىل 1 - ئاينىڭ بېشىدا، چوڭ ئايلىق ھامىلىلەرنى چۈشۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقى ھەققىدە مەخسۇس بايانات ئېلان قىلغان ئىدى. كېرىيە ناھىيىسىدىكى بىر سابىق پىلانلىق تۇغۇت مەسئۇلىمۇ ئىككى ئاينىڭ ئالدىدا مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە 45 كۈنلۈكتىن يۇقىرى ھامىلىنى چۈشۈرۈشكە قەتئىي بولمايدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى. ئۇنداقتا، خىتاينىڭ ئاقسۇ كەلپىندە يولغا قويۇۋاتقان پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پەرقلىقمۇ؟ تۆۋەندە مۇخبرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:

مۇدىر ئامۇت مامۇتنىڭ بايان قىلىشىچە، 6 ئايلىقتىن يۇقىرىلار چوڭ ھامىلە، 3 بىلەن 6 ئايلىق ئارىسدىكىلەر ئوتتۇرا ھامىلە، 3 ئايدىن تۆۋەنلەر بولسا كىچىك ھامىلە ھېسابلىنىدۇ؛ پىلاندىن سىرت بولغان 6 ئاينىڭ تۆۋىدىنىكى ھامىلىلەرنى چۈشۈرۈشتە سىياسەتتە ھېچقانداق توسالغۇ مەۋجۇت ئەمەس. ئۇنىڭ يەنە بايان قىلىشىچە، پىلانلىق تۇغۇتتا «تولۇقلىما تەدبىر» دېيىلىدىغان تەدبىرمۇ بار، بۇ تەدبىرگە ئاساسەن، ناھىيىلىك پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ 27 ھەپتىلىك، يەنى 7 يېرىم ئايلىق ھامىلىنىمۇ چۈشۈرۈشنى تەستىقلاش ھەققى بار. بىز ئۇنىڭدىن، مەركىزى پىلانلىق تۇغۇت كومىتېتىنىڭ بۇ يىل 1 - ئايدا ئېلان قىلان قىلغان «چوڭ ئايلىق ھامىلىلەرنى قەتئىي چۈشۈرۈشكە بولمايدۇ» دېيىلگەن ئۇقتۇرۇشىنى سورىدۇق. ئۇ ئۆزىنىڭ بۇنداق بىر ئۇقتۇرۇشتىن خەۋىرى يوقلۇقىنى ئېيتتى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، ئوخشاش ۋەقە يەنى ھامىلە قەتلىئام قىلىش ۋەقەسى، ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرى كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدىمۇ يۈز بەرگەن. بىز شۇ چاغدا كېرىيە ناھىيىسىنىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرىدىن بىرىگە تېلېفون قىلغان. ئۇ، خىتاينىڭ ھامىلە چۈشۈرۈش بەلگىلىمىسى ھەققىدە، بولۇپمۇ قانچە ئايلىق ھامىلىنىڭ چوڭ ئايلىق ھامىلە سانىلىدىغانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېگەن ئىدى:

- مەن 2008 - يىلغا قەدەر 9 يىل پىلانلىق تۇغۇت خىزمىتى ئىشلىگەن. چوڭ ئايلىق ھامىلىنى چۈشۈرۈش 2005 - يىللاردا توختىتىلغان. پىلانلىق تۇغۇتتا دايىڭچان قىلىشقا) ھامىلىنى قىرىش، پارچىلاش ۋە چۈشۈرۈۋېتىشكە( قەتئىي بولمايدۇ دېگەن ئۇقتۇرۇش بار. بۇ دېگەنلىك 45 كۈندىن يۇقىرى ھامىلە چوڭ ھامىلە سانىلىدۇ، چۈشۈرۈلسە قەتئىي بولمايدۇ دېگەنلىك.

- ھەر قايسى جايلارنىڭ بۇ ھەقتىكى بەلگىلىمىسى پەرقلىقمۇ - يا؟

- ھەرقانداق بىر ناھىيە ياكى ياكى ۋىلايەت بولسۇن، چوڭ ھامىلىنى چۈشۈر، يەنى قورساقتىكى بالىنى ئۆلتۈر دېمەيدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق ۋەقە يۈز بەرگەن بولسا، بۇ خاتا.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىدا ئاڭلىغىنىڭلار، ھەر ئىككى ناھىيە دەرىجىلىك بولغان ئوخشاش ۋەزىپىدىكى خادىملارنىڭ ئوخشاش ۋەقە ئۈستىدىكى ئوخشىمىغان بايانلىرى. بۇ بايانلار مۇنداق بىر سوئالنى تۇغدۇرماقتا: خىتاينىڭ كەلپىن ناھىيىسىدىكى پىلانلىق تۇغۇت سىياسىتى پەرقلىقمۇ ۋە ياكى ھەرقايسى ناھىيەلەر پىلانلىق تۇغۇت مەسىلىسىدە ئۆز ئالدىغا تۈزۈم تۈزۈپ ئۆز ئالدىغا ئىجرا قىلىۋاتامدۇ؟

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.