كېرىيەدە ئىككى يىل خىزمەت قىلغان زۈمرەت خانىم، كېرىيەنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەققىدە تەسىراتىنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.02.20
keriye-yer-tewresh-harabe-2014-305.png خوتەننىڭ كېرىيە ناھىيىسىدىكى يەر تەۋرەش ئاپىتى
Photo: RFA

ئۇيغۇر رايونىنىڭ شىمالىدىكى بىر شەھەردە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن، 1990 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرى خىتاي شەھەرلىرىدىن بىرىدە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغان، ئوقۇش پۈتتۈرگەندىن كېيىن، ئۈرۈمچىدە خىزمەت ئىشلىگەن بىر ئۇيغۇر خانىم، 2000 - يىللارنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا خوتەننىڭ كېرىيە ناھيەسىگە ئىككى يىللىق خىزمەتكە ئەۋەتىلىدۇ.

كېرىيەدىكى نوپۇسنىڭ 98%ىنى ئۇيغۇرلار تەشكىل قىلىدىغانلىقىدەك ئۈستۈنلۈكنى كۆزى بىلەن كۆرۈپ يۈرىكى يايرىغان بۇ خانىم، ناھىيە خەلقىنىڭ تۇرمۇشىدىكى قىيىنچىلىق ۋە قاتتىقچىلىقلارنى كۆرۈپ يۈرىكى پۇچىلىنىدۇ. مىللىتىنىڭ بېشىدىكى بۇ ئاچچىق قىسمەتنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ بىر كىشىلىك ئىنسانىي ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىش داۋامىدا خەۋپ - خەتەرگە يولۇقۇپ، ۋەتەندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە نۆۋەتتە ياۋروپادا ياشاۋاتقان زۈمرەت خانىم، بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا ئۆزىنىڭ كېرىيەنىڭ ئومۇمى ۋەزىيىتى ھەققىدىكى تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى. تۆۋەندە بۇ ھەقتە مەلۇمات ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.