د ئۇ ق رەھبەرلىرى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى «ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» كۇرسىغا قاتناشماقتا

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2016.01.14
dolqun-eysa-oxford-kurs.jpg ئوكۇسفورت ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق كۇرستا د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى دوكلات بەرمەكتە. 2016-يىلى يانۋار، ئەنگلىيە.
RFA/Erkin Tarim

ئەنگلىيەنىڭ ئوكسفورد شەھىرىدىكى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتىدا چاقىرىلغان «ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق كۇرسقا دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بىلەن ياشلار كومىتېتى رەئىسى غەيۇر قۇربان قاتناشماقتا. مەزكۇر تەربىيەلەش كۇرسىنى ئوكسفورد ئۇنىۋېرسىتېتى، ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتى، تىبەت ئادالەت مەركىزى قاتارلىق ئورگانلار بىرلىكتە ئۇيۇشتۇرغان بولۇپ، يىغىنغا ۋاكالەتسىز مىللەتلەر تەشكىلاتىغا ئەزا مىللەتلەردىن ۋەكىللەر قاتناشماقتا.

«ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق تەربىيەلەش كۇرسىدا ئامېرىكا ۋە ياۋروپا دۆلەتلىرىدىن كەلگەن مۇتەخەسسىسلەر دەرس بەرگەندىن سىرت، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ۋەكىللىرى ئۆز داۋاسىنى ئاڭلىتىشتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە بۇ قىيىنچىلىقلارنى ھەل قىلىشنىڭ يوللىرىنى ئاڭلاتقان. بىز، بۇ ئىنسان ھەقلىرى ۋە دىپلوماتىيە جەھەتتىن تەربىيەلەش كۇرسى توغرىسىدا تېخىمۇ تەپسىلىي مەلۇمات ئىگىلەش ئۈچۈن نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، دولقۇن ئەيسا ۋە غەيۇر قۇربانلار بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.

دولقۇن ئەيسا ئەپەندى «ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق تەربىيەلەش كۇرسىدا ئىنسان ھەقلىرى دەپسەندىچىلىكىنى دىپلوماتىيەلىك يوللار بىلەن قانداق ئاڭلىتىشنى ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى، ئۆزىنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ئاڭلىتىش ئەھۋالى ۋە قىيىنچىلىقلار توغرىسىدا دوكلات بەرگەنلىكىنى، باشقىلارنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ناھايىتى قىزىققانلىقىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
غەيۇر قۇربان ئەپەندى بۇ تەربىيەلەش كۇرسىدا، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ 2-3 يىلدىن بېرى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى جەنۋەدىكى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئاڭلىتىشىنىڭ قانچىلىك مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى يەنە بىر قېتىم تونۇپ يەتكەنلىكىنى، بۇ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى باشقا مىللەت ۋە ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىلەن ئورتاقلىشىش پۇرسىتىگە ئىگە بولغانلىقىنى، بۇ ھەقتە د ئۇ ق قولغا كەلتۈرگەن نەتىجىلەرنى ئاڭلاپ ئىنتايىن خۇرسەن بولغانلىقىنى بايان قىلدى.

«ئىنسان ھەق - ھوقۇقلىرى ۋە دىپلوماتىيە» ماۋزۇلۇق تەربىيەلەش كۇرسى ئىككى كۈن ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، 15-يانۋار كۈنى ئاخىرلىشىدىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.