ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرى ئامېرىكىنى خىتاي بىلەن بولغان ھەمكارلىقتا ئۇيغۇرلارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى قوغداشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2017-03-22
ئېلخەت
پىكىر
Share
پرىنت
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەكس تېللىرسون خىتاي زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 19-مارت، بېيجىڭ.
ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەكس تېللىرسون خىتاي زىيارىتىدە خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشتى. 2017-يىلى 19-مارت، بېيجىڭ.
AFP

ئامېرىكا دۆلەت ئىشلار مىنىستىرى رەكس تېللىرسون 18- ۋە 19-مارت كۈنلىرىدىكى خىتاي سەپىرىدە، ئىككى تەرەپنىڭ ھەمكارلىقنى كېڭەيتىدىغانلىقىنى ۋە ئىككى ئەل رەھبىرىنىڭ بۇ يىل 4‏-ئايدا فلورىدا شتاتىدا كۆرۈشىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

تېللىرسوننىڭ بۇ سەپىرىدە شىمالىي كورېيە بىردىن-بىر مەسىلە بولمىسىمۇ، بىراق ئۇ نۇقتىلىق مەسىلە ئىدى. تېللىرسون خىتاي زىيارىتىنىڭ ھارپىسىدا ئامېرىكىنىڭ شىمالىي كورېيەگە بولغان «سەۋر-تاقىتى توشقان»لىقىنى، ئۇنىڭغا ھەربىي ھەرىكەت قوللىنىشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، خىتايغا كۈنلۈك سىگنال بەرگەن.

ئۇ بېيجىڭدىكى ۋاقتىدا خىتاي رەئىسى شى جىنپىڭ خىتاينىڭ ئامېرىكا بىلەن «ھەمكارلىق دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئۆز-ئارا پايدىلىق نەتىجە ھاسىل قىلىدىغانلىقى»نى جاكارلىغان. تېللىرسون بولسا ئامېرىكىنىڭ «خىتاي بىلەن ئۆز-ئارا توقۇنۇشماسلىق، قارشىلاشماسلىق، بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش ۋە ئۆز-ئارا پايدا يەتكۈزۈش پرىنسىپى ئاساسىدىكى مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تەييار» ئىكەنلىكىنى ئېلان قىلغان ئىدى.

خىتاينىڭ تېللىرسونغا قانداق كونكرېت ۋەدىلەرنى بەرگەنلىكى، ئامېرىكىنىڭ خىتايغا قايسى مەسىلىلەردە، قانداق يول قويغانلىقى مەلۇم ئەمەس بولسىمۇ، بىراق تېللىرسوننىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ھەمكارلىق پرىنسىپى ئامېرىكا ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

ئامېرىكا «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى» چارشەنبە كۈنى ئوبزورچى ماقالىسى ئېلان قىلىپ، تېللىرسوننىڭ بېيجىڭدا قوللانغان تىلى ھەيران قالدۇرغانلىقىنى بىلدۈردى. ماقالىدە، «پرېزىدېنت ترامپ بەلكى بېيجىڭنىڭ شىمالىي كورېيەگە قاتتىق قول بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشنىڭ بىر بەدىلى بار، دەپ قارىشى مۇمكىن. بىراق ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەر، خىتاينىڭ بۇ تەكلىپنى ئۇنىڭ تىبەت، شىنجاڭ، تەيۋەن ۋە جەنۇبىي دېڭىزغا بولغان تەسىر دائىرىسىنى ئامېرىكىنىڭ قوبۇل قىلغانلىقى، دەپ قارايدۇ، دېيىشىۋاتىدۇ» دېيىلگەن.

لېكىن بەزى خىتاي ئۆكتىچىلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاي-ئامېرىكا ھەمكارلىقى كۈچەيسىمۇ، بىراق بۇ ئامېرىكىنىڭ خىتاي دېموكراتىيەسى ۋە ئۇيغۇر ئەركىنلىكىنى قوللاش ئومۇمىي پوزىتسىيەسىگە تەسىر قىلمايدۇ.

ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاتاقلىق خىتاي ئۆكتىچى ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بىزنىڭ بۇنىڭدا بەك چوڭ ئەندىشىمىز يوق. چۈنكى، غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ خىتاي دېموكراتىيە تەرەققىياتىنى قوللاش مەيدانى ئۆزگەرمەيدۇ. ئەڭ كۆپ بولسا قوللاشنى ئازايتىدۇ ياكى كۆپەيتىدۇ شۇ. بىراق، ئۇنىڭ بىزنى خىتاي كومپارتىيەسىگە سېتىۋېتىشى مۇمكىن ئەمەس. شۇڭا، بىزنىڭ ھېچقانداق چوڭ ئەندىشىمىز يوق. شىنجاڭنىڭ ئەركىنلىك ھەرىكىتىنى قوللاش ئۇلارنىڭ تۈپ پرىنسىپى. بەلكى قانچىلىك قوللاش مەسىلىسىدە بەزى پەرقلەر بولۇشى مۇمكىن.»

لېكىن ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، پرېزىدېنت ترامپ بىلەن شى جىنپىڭنىڭ 4‏-ئايدىكى ئۇچرىشىشىدا تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق ئۇلار ئالاھىدە دىققەت قىلىدىغان مەسىلىلەرنىڭ بىرى.

ئاتالمىش ئىسلام دۆلىتى دائىش، ئامېرىكا خەلقئارا تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتىنىڭ نۆۋەتتىكى ئاساسلىق نىشانى. خىتاي بولسا «خەلقئارا دىنىي ئاشقۇنلۇق»نىڭ كۈچلۈك تەھدىتىگە ئۇچراپ كېلىۋاتقانلىقىنى، دائىشنىڭ تەركىبىدىكى شەرقىي تۈركىستان قوراللىق گۇرۇھلىرىنىڭ زور خەۋپكە ئايلانغانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەتلەرنى بۇلارغا قارشى خەلقئارا ھەمكارلىققا چاقىرىپ كېلىۋاتقان بىر دۆلەت.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئىلشات ھەسەن، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى خىتاينىڭ تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق تەلىپىگە ھۇشيارلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دەيدۇ: «بۇش ھۆكۈمىتى 11 ‏-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن، مەسىلەن، ش. ت. ئى. ھ. دېگەننى ب د ت ۋە ئامېرىكىنىڭ تىزىملىكىگە كىرگۈزگەندەك، ترامپ ھۆكۈمىتى يەنە قايتا شۇ تەشكىلاتنى ياكى دائىشنىڭ ئىچىدىكى ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇق تىزىملىكىگە كىرگۈزۈشى مۇمكىن. بۇ خىتايغا بىر دەستەك بولىدۇ. ئامېرىكا گەرچە بىر تەشكىلاتنى كىرگۈزسە، خىتاي ئۇنى كېڭەيتىپ، ئۆز خەلقىگە ۋە پۈتۈن دۇنياغا ھەممە ئۇيغۇرنى شۇ بويىچە كۆرسىتىپ ماڭىدۇ. ھازىر ۋەتەن ئىچىدە خىتاينىڭ ئۇيغۇرغا زۇلۇمى مىسلى كۆرۈلۈپ باقمىغان بىر دەرىجىدە ئېشىپ، خەلقنى چاڭگىلىغا ئېلىۋالدى. ئەمدى بۇنداق بىر شارائىت كەلسە، كوچىدىكى قىرغىنچىلىق تېخىمۇ ئوچۇق بولۇپ كېتىش ئېھتىمالى زور. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ھەممىمىز تىرىشىشىمىز كېرەك. بۇنىڭغا قۇرۇلتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بار. ئەمدى ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسى قۇرۇلتايغا ماسلىشىپ، ئۆزىمىزنىڭ ئەندىشىلىرىنى ئۇلارغا يەتكۈزۈپ، بۇنداق ئەھۋالنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا تىرىشىمىز.»

بىراق ئىلشات ھەسەن ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا ئىلگىرى خىتاي بىلەن تېررورلۇققا قارشى ھەمكارلىق مەسىلىسىگە ئىزچىل مۇساپە قويۇپ كەلگەن. ئىلشات ھەسەن، شۇڭا، ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي بىلەن ئۇنداق قويۇق ھەمكارلىق ئېلىپ بېرىشى گۇمانلىق، دەپ قارايدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ئىلشات ھەسەن: «بۇرۇندىن تارتىپ خىتاي بىلەن ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئوتتۇرىسىدا تېررورلۇققا قارشى ئۇرۇشتا مەلۇم دەرىجىدە ئۇچۇر ئالماشتۇرۇشى بولۇپ كەلگەن. ئەمما ئۇنداق بىرلىككە كېلەلىگەن ئەمەس. چۈنكى، ئامېرىكا دەۋاتقان تېررورلۇق بىلەن خىتاي دەۋاتقان تېررورلۇق ئىككى خىل ئۇقۇم. خىتاي ئۆز خەلقىنىڭ زۇلۇم ئاستىدىكى قارشىلىقىنىڭ ھەممىسىنى تېررورلۇق، دەيدۇ. ئەمما غەرب دۇنياسى ئۇنداق قارىمايدۇ. مېنىڭچە، ترامپ ھۆكۈمىتىمۇ ئۇنداق قاراپ كەتمەيدۇ. شۇڭا، خىتاي بىلەن ئۇنچىلىك يېقىن ھەمكارلىشىپ كەتمەيدىغۇ، دەپ ئويلايمەن» دېدى.

لېكىن ۋېي جىڭشىڭ ئەپەندىنىڭ قارىشىچە، خىتاي بىلەن ئامېرىكا بۇ قېتىم ھەمكارلىقنى كېڭەيتىشكە كېلىشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان بولسىمۇ، بىراق تېللىرسوننىڭ زىيارىتى ئوتتۇرىدىكى ھېچقانداق بىر ئىختىلاپنى ھەل قىلمىغان.

ۋېي جىڭشىڭ مۇنداق دەيدۇ: «ھازىر ترامپ ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايغا تۇتقان ئومۇمى پوزىتسىيەسى نىسبەتەن قاتتىق. بولۇپمۇ شىمالى كورېيە ۋە سودا مەسىلىسىدە، بۇ ئىككى مەسىلە ترامپ ھۆكۈمىتى چوقۇم قىلمىسا بولمايدىغان مەسىلە. تېللىرسوننىڭ خىتايغا بېرىپ، بۇ ھەر ئىككى مەسىلىدە ھېچقانداق نەتىجە ئالالمىغانلىقىغا قارىغاندا، 4-ئايدىكى باشلىقلار سۆھبىتىنىڭ ئۆزى بىر مەسىلىگە ئايلىنىپ قالدى. ترامپنىڭ شى جىنپىڭنى قانداق كۈتۈۋېلىشى، كۈتەمدۇ‏-كۈتمەمدۇ، بۇنىڭ ئۆزى بىر مەسىلە. چۈنكى، ئىككى دۆلەت رەھبىرى كۆرۈشكەندە ئۇنىڭ چوقۇم بىر نەتىجىسى بولۇشى كېرەك. ئىككىسىنىڭ بىرى مۇرەسسە قىلىشى شەرت. ئەھۋالدىن قارىغاندا ھېچكىم مۇرەسسە قىلمىغاندەك قىلىدۇ. ۋاڭ يىنىڭ سۆزىدىن قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى مۇرەسسە قىلغاندەك ئەمەس. بۇ ئەھۋالدا بىر-بىرىنى ھۆرمەت قىلىش دېگەن گەپ قۇرۇق گەپ.»

تېللىرسوننىڭ بېيجىڭدا قوللانغان دىپلوماتىك تىلى نوقۇل «نيۇيورك ۋاقتى گېزىتى»نى بىئارام قىلمىغان. بۇ يەنە ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىسلەرنى بىئارام قىلغان. ئامېرىكىلىق مۇتەخەسسىس روبېرت دالى 22‏-مارت ئامېرىكا «تاشقى سىياسەت» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلغان ماقالىسىدە، تېللىرسوننىڭ قوللانغان تاكتىكىسىنى ياخشى ئويلاشمىغان ۋە خاتا يولغا باشلىشى مۇمكىن، دەپ تەنقىد قىلدى.

ئۇنىڭ قەيت قىلىشىچە، «بىر-بىرىنى ھۆرمەتلەش» دېگەن بۇ سۆز ناھايىتى مۈجمەل ئۇقۇم بولۇپ، بۇ سۆزنى بىر-بىرىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتىنى ئېتىراپ قىلىش، دېگەن مەنىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.

روبېرت دالى ماقالىسىدە ئاگاھلاندۇرۇپ، «ئامېرىكىلىقلار خىتاينىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتى تىبەت، تەيۋەن، شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغاندىن باشقا، ئامېرىكىنىڭ نېگىزلىك مەنپەئەتى بولغان غەربىي تىنچ ئوكيانغا كېڭىيىپ، ئۇنىڭغا چىقىشىدىن ئەندىشە قىلىدۇ» دېگەن.

پىكىرلەر (0)
Share
تولۇق بەت