باي كۆمۈركان ھۇجۇمىدا ئۆلگەن ساقچىلاردىن 4 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى

0:00 / 0:00

18-سېنتەبىر كۈنى باي ناھىيىسىنىڭ تېرەك بازىرىدا يۈز بەرگەن سوغان كۆمۈر كېنىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە ئۆلگەن ساقچىلاردىن 4 نەپىرىنىڭ كىملىكى ئېنىقلاندى.

بۇلاردىن ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭ 45 ياش، شياۋ خۇ 28 ياش، زايىر 28 ياش، زاكىرجان 27 ياش بولۇپ، بۇلار ۋەقە يۈز بەرگەن تەۋەلىكتىكى تېرەك بازارلىق ساقچىخانىنىڭ خادىملىرى ئىكەن. بۇلار، ۋەقە يۈز بەرگەن كۈنى ۋەقە مەيدانىغا يېقىنلاشقان چېغىدا يول ئۈستىدە كۈتۈپ تۇرغان پىدائىيلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان. دائىرىلەر ۋەقەدە ئۆلگەن ساقچىلارنىڭ كىملىكى ھەققىدىمۇ ھازىرغىچە ئاممىغا ھېچقانداق مەلۇمات بەرمىگەن. ئاشكارىلىنىشىچە، ساقچىخانا باشلىقى ۋۇ فېڭ ئاپتوموبىلىغا تېرەك بازاردىكى ماي پونكىتتىن نېسىگە ماي قاچىلايدىغان بولۇپ، مەزكۇر ماي پونكىتنىڭ باشلىقى ساقچىلاردىن نېسى ھېسابنى سۈرۈشتە قىلغان چېغىدا ۋۇ فېڭنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئۇقۇپ قالغان. ساقچى زاكىرجاننىڭ ئۆلۈمىمۇ ئۇنىڭ ئائىلىسىگە دائىرىلەرنىڭ ھال سوراپ كېلىشى سەۋەبلىك جەمئىيەتكە ئاشكارىلانغان.

مەلۇم بولۇشىچە، ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، يەنى چارلاش ئوپىراتسىيەسى داۋامىدىمۇ ساقچىلاردىن ئۆلگەن ۋە يارىلانغانلار بولغان، ئەمما ئۇلارنىڭ سانى ۋە كىملىكى ھازىرچە ئېنىق ئەمەس.