باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرى پارتلىتىش ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرمەكچى بولغان

0:00 / 0:00

باي كۆمۈركان ھۇجۇمى ھەققىدە ئاشكارىلانغان ئۇچۇرلاردا ھۇجۇمچىلارنىڭ دورا ئىسكىلاتىغا بېسىپ كىرگەنلىكى ۋە ئۇنى قورشاۋغا ئالغانلىقى تىلغا ئېلىنغان بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ دورا ماتېرىياللىرىنى قولغا چۈشۈرۈشكە مۇۋەپپەق بولالىغان ياكى بولالمىغانلىقى ئايدىڭلاشمىغان ئىدى. يەنە بەزى ئاھالىلەرنىڭ بايان قىلىشىدا، ھۇجۇمچىلارنىڭ ئەسلى مەقسىتى كاننىڭ دورا ئىسكىلاتىدىكى پارتلىتىش بۇيۇملىرىنى قولغا چۈشۈرۈپ، ناھىيە ۋە شەھەر مەركىزىدىكى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىغا ھۇجۇم قىلىش ئىكەنلىكى ئىلگىرى سۈرۈلگەن ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ ئالدىنقى كۈنى تېرەك بازار كۆمۈر كېنىدىكى بىر دورا ئىسكىلاتى مۇھاپىزەتچىسى بىلەن زىيارىتى داۋامىدا يۇقىرىقى قاراشنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلەيدىغان دەلىللەر ئوتتۇرىغا چىقتى. مەزكۇر مۇھاپىزەتچىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، شۇ كۈنكى ھۇجۇم سوغان كۆمۈر كېنىنىڭ دورا ئىسكىلاتىنىڭ قۇرۇقدىلىپ قالغان ۋاقتىغا توغرا كېلىپ قالغان. شۇڭا دائىرىلەر ۋەقەدىن كېيىن دەرھال تېرەك بازار كۆمۈركانلىرىدىكى بارلىق ماتېرىياللىرىنى بايغا يۆتكەپ كەتكەن.

نۆۋەتتە، مۇھاپىزەتچىلەر قۇرۇق ئىسكىلاتلاردا كۆزەتچىلىكتە تۇرماقتا.