باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن چارۋا مەيداندىنلا 40 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2015.10.21
xoten-saqchi-herbiy-mukapatlash.jpg «تېررورچىلار» نى تۇتۇشتا تۆھپە قوشقانلارنى مۇكاپاتلاش يىغىنىدا ئامانلىقنى قوغداۋاتقان قوراللىق كۈچلەر. 2014-يىلى 3-ئاۋغۇست، خوتەن.
AFP

باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىدىن يېتەكچى مۇساتوختىنىيازنىڭ كېلىنلىرى گۈلمىرە توختى ۋە رەشىدەم روزىلار جورىلىرىنىڭ مەزكۇر ھۇجۇم پىلانىدىن خەۋىرى بار تۇرۇقلۇق ئەھۋالنى ساقچىغا مەلۇم قىلمىغانلىقى ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغان. يەنە ئاشكارىلىنىشىچە، 17 نەپەر گۇماندار تىزىملىكىدىكى 9 ياشلىق قىزنىڭ دادىسى تۇرغۇن مەمەت قىزىنى بېقىۋالغان گۇماندار مەمەت ئەيسادىن ۋەقەدىن بىرنەچچە كۈن بۇرۇن 10 مىڭ سوم پۇل سورىغان. مەمەت ئەيسا، پۇلنى بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە تۇرغۇن مەمەت ئۆز سەپلىرىگە قېتىلىشقا دەۋەت قىلغان. ئەمما تۇرغۇن مەمەتمۇ تۈزۈلۈۋاتقان مەزكۇر سەپ ھەققىدە ساقچىلارغا مەلۇمات بەرمىگەن. گۇماندار مۇسا توختىنىيازنىڭ سىڭلىسى چارۋا مەيداننىڭ ئاياللار مۇدىرى، كۈيئوغلى ئەمەت سىدىق چارۋا مەيدان مۇئاۋىن سېكرېتارى بولسىمۇ، ئۇلار قېرىنداشلىرىنىڭ كەيپىياتى ۋە ھەرىكەت پىلانلىرى ھەققىدە دائىرىلەرگە مەلۇمات بەرمىگەن؛ شۇڭا بۇ ئىككىسى نۆۋەتتە ۋەزىپىسىدىن ئېلىپ تاشلانغان. چارۋا مەيدان مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ رادىئومىزغا ئاشكارىلىشىچە، مەزكۇر 3 جەمەتنىڭ چارۋا مەيداندىكى ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىنلا 40 نەچچە كىشى تۇتقۇن قىلىنغان.

گۇماندار مەمەت ئەيسادىن پۇل سورىغان تۇتقۇن تۇرغۇن مەمەتنىڭ تاغقا دەۋەت قىلىنىشى، گۇماندارلارنىڭ ۋەقە ئېلىپ بېرىشتىن بۇرۇن بىر مەھەل مەلۇم دەرىجىدە ئاشكارا ھالدا ئۆز سەپلىرىگە ئادەم توپلىغانلىقى ئاشكارىلانماقتا. بۇ ئەھۋال، باي كۆمۈركان ھۇجۇمچىلىرىنىڭ 3 جەمەت 17 كىشى بىلەنلا چەكلەنمەيدىغانلىقى ھەققىدىكى بىر پەرەزنىڭ توغرىلىقىنى ئىشارەتلىمەكتە.

پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.