ياپونىيە «ئاجار» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيەسى باي ۋەقەسىنى تونۇشتۇردى
2015.12.23

ياپونىيە «ئاجار» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلىنىڭ 10-دېكابىر كۈنىدىكى پروگراممىسىدا ئۇيغۇر رايونىدىكى باي ناھىيەسىدە 18-سېنتەبىر يۈز بەرگەن كۆمۈركان ساقچى ۋە خوجايىنلىرىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى توغرىسىدا مەخسۇس سۆھبەت پروگراممىسى تەييارلانغان.
پروگراممىدا «ئۇيغۇرلار خىتاي ھۆكۈمىتى ئېيتىۋاتقاندەك تېررورچىمۇ ۋە ياكى ئۆز ھەق-ھوقۇقلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلغۇچىمۇ؟» دېگەن تېما ئۈستىدە ياپونىيەلىك مۇتەخەسسىس، پروفېسسور گېنكى فۇجى ئۆز قاراشلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتكەن.
ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە سۆھبەت پروگراممىسىغا ياپونىيەدە كۆزگە كۆرۈنگەن خەلقئارا سىياسىي مەسىلىلەر مۇتەخەسسىسى، پروفېسسور گېنكى فۇجى ئەپەندى بىلەن ياپونىيەدىكى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت ھاشىم تەكلىپ قىلىنغان.
بۇ ھەقتە زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى دوكتور تۇرمۇھەممەت بۇ قېتىمقى پروگرامما ھەققىدە توختالدى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان پروفېسسور گېنكى فۇجى ئەپەندى ئۆزىنىڭ بۇ نۆۋەت باي ۋەقەسى ھەققىدە مەخسۇس تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلەش مەقسىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ھازىرقى ۋاقىتنىڭ ئۆزىدە، ئۇيغۇر رايونىدىكى ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن ئېلىپ بېرىلىۋاتقان باستۇرۇش ۋە كىشىلىك ھوقۇق دەپسەندىچىلىكى دۇنيا مىقياسىدا ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان مۇھىم مەسىلىلەردىن بىرى بولسىمۇ، بىراق بۇ ھەقتىكى خەۋەرلەرنى كۆپىنچە ۋاقىتلاردا ياپونىيە مەتبۇئاتلاردا ئۇچراتقىلى بولمايدۇ. شۇڭا مەن بۇ قېتىم ئۇيغۇر رايونىدا يۈز بەرگەن باي ۋەقەسىنى مىسال قىلىپ تۇرۇپ ئۇيغۇرلارنىڭ ۋەزىيىتى يەنى ئۇيغۇر رايونىدا خىتاي ھاكىمىيىتى تەشۋىق قىلىۋاتقاندەك ھەقىقىي تېررورلۇق ھەرىكەتلەر مەۋجۇتمۇ دېگەن مەسىلە ئۈستىدە سۆھبەت ۋە مۇلاھىزە پروگراممىسى تەييارلاشنى لايىق كۆردۈم.»
پروفېسسور گېنكى فۇجى سۆزىدە يەنە: «بىر قىسىم ياپونىيە مەتبۇئاتلىرىدا ئۇيغۇرلارغا ۋە خىتاي كومپارتىيەسىگە ئائىت مەسىلىلەرنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى ئاشكارىلاش شۇنچىلىك تەسكىن، بەزىدە بۇ خىل ئەھۋاللار كىشىنى ئويغا سېلىپ قويىدۇ. شۇڭا بىز بۇ ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلىمىز ئارقىلىق خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدىكى تەتۈر تەشۋىقاتلىرىغا يەنى باي ۋەقەسىدەك ۋەقەلەرنى باھانە قىلىپ، ئۇيغۇرلارنى خەلقئاراغا تېررورچى قىلىپ كۆرسىتىشىگە تاقابىل تۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى.
دوكتور تۇرمۇھەممەت زىيارىتىمىز جەريانىدا يەنە، مەزكۇر تېلېۋىزىيە پروگراممىسى ئىشلىنىپ تارقىتىلغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىگە بولغان تەسىرى، كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئىنكاسى ۋە گېنكى فۇجى ئەپەندىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىنى ياپونىيەدە ئاڭلىتىشتا كۆرسىتىۋاتقان رولى ھەققىدە توختالدى.
ئاخىرىدا مەزكۇر ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە پروگراممىسىنى كۆرگەن، ياپونىيەدە ئېلىپ بېرىلىۋاتقان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق پائالىيىتىگە يېقىندىن كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان يامادا بۇ ھەقتە ئۆزىنىڭ تەسىراتىنى بايان قىلدى.
ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاننىڭ باي ناھىيەسىدە يۈز بەرگەن ۋەقە ھەققىدىكى پروگرامما ناھايىتى مۇكەممەل ئىشلىنىپتۇ. بۇنىڭدىكى پروفېسسور فۇجى ئەپەندىنىڭ، پارىژدا يۈز بەرگەن تېررور ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا باغلاپ قاتتىق باستۇرۇشقا ئۆتكەنلىكى ۋە شۇنداقلا ئىلگىرىمۇ 11-سېنتەبىر ۋەقەسىدىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇرلارنى باستۇرغانلىقى توغرىسىدىكى بىر قىسىم قاراشلىرى پاكىت ۋە دەلىللەر بىلەن تەپسىلىي ئوتتۇرىغا قويۇلۇپتۇ. بۇ خىلدىكى ئۇيغۇر ۋەزىيىتىگە ئائىت پروگراممىلارنىڭ ئىشلىنىشىنىڭ ياپونىيە جەمئىيىتىدىكى كىشىلەرنىڭ شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بەرگەن بۇ خىلدىكى ۋەقەلەرنى توغرا چۈشىنىۋېلىشىغا كۆپ پايدىسى بولىدۇ دەپ قارايمەن.»
ياپونىيە «ئاجار» ئىنتېرنېت تېلېۋىزىيە قانىلى خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى قانال بولۇپ، بۇنىڭدا ئاساسلىقى ياپونىيەدىكى بىر قىسىم تونۇلغان مۇتەخەسسىس، پروفېسسورلار، يازغۇچىلار ۋە ئوبزورچىلار نۆۋەتتىكى دۇنياۋى سىياسىي مەسىلىلەر توغرىسىدا سۆھبەت تەھلىللەرنى ئېلىپ بارىدۇ.
يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.