«شى جىنپىڭ فاشىزىمى ۋە خىتايدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىش» يىغىنىدا ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ئالاھىدە ئورۇن ئىگىلىدى

مۇخبىرىمىز ئەزىز
2018.12.10
mehrigul-tursun-mukapat-01.jpg مېھرىگۈل تۇرسۇن خانىم «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. 2018-يىلى 10-دېكابىر. ۋاشىنگتون، ئامېرىكا.
RFA

«دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدە ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىنىڭ رايبۇرن بىناسىدا «پۇقرالار كۈچى تەشكىلاتى» ئۆزلىرىنىڭ 13-نۆۋەتلىك «مىللەتلەر ۋە ئېتىقادلار ئارا ياش رەھبەرلەرنى تەربىيىلەش يىغىنى» نى ئاچتى. بۇ يىلقى يىغىنغا «شى جىنپىڭ فاشىزىمىنى چەكلەپ، خىتايدىكى دېموكراتىك ئۆزگىرىشنى ئالغا سىلجىتايلى: يېڭى ۋەزىيەت ۋە يېڭى ئىستراتېگىيە» دەپ ماۋزۇ قويۇلغان ئىدى. بۇ قېتىمقى يىغىنغا خىتايلاردىن باشقا يەنە ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق مىللەتلەرنىڭمۇ ۋەكىللىرى تەكلىپ قىلىنغان ئىدى.

يىغىن رىياسەتچىسى، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن ليەنچاۋ ئالدى بىلەن سۆز ئېلىپ، بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ «دۇنيا كىشىلىك ھوقۇق خىتابنامىسى» ئېلان قىلىنغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرىسىدەك بۈيۈك سىمۋوللۇق كۈنگە توغرىلانغانلىقىنى، ئۆزلىرىنىڭ شۇ ئارقىلىق ئىنسان ھەقلىرىنىڭ خىتايدىكى ھازىرقى ئەھۋالىغا قاراپ چىقىشنى نىشان قىلغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك بۇ قېتىمقى يىغىنغا قاتنىشىشقا كەلگەن مېھمانلار قاتارىدا 1989-يىلىدىكى خىتاي ئوقۇغۇچىلار ھەرىكىتىنىڭ ئىدىيىۋى ئاساسىغا زور تەسىر كۆرسەتكەن خىتاي زىيالىي، خىتاينىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش مىنىستىرى ھەمدە كېيىنكى مەزگىللەردە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان جاۋ زىياڭنىڭ مەسلىھەتچىسى پروفېسسور يېن جياچىنى سۆزگە تەكلىپ قىلدى. 

يېن جياچى سۆزىدە خىتاينىڭ ئىستىقبالى توغرىسىدا سۆز قىلىپ، خىتاينىڭ دېموكراتىيىگە ئۆتۈشى ئۈچۈن ئۇزۇن مەزگىل بوشاشماي كۈرەش قىلىش لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە بۇ جەرياندا ئۇيغۇر، تىبەت، موڭغۇل قاتارلىق خىتاي بولمىغان مىللەتلەرنىڭمۇ ئۆز ھەقلىرى ئۈچۈن قىلغان كۈرەشلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. 

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر كىشى ئامېرىكا دېموكراتىيىنى ئالغا سۈرۈش فوندىنىڭ رەئىسى كارل گېرشمان ئىدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ نۆۋەتتە ئامېرىكا-خىتاي مۇناسىۋىتىنىڭ تارىختىكى ئەڭ يېڭى باسقۇچقا كىرگەنلىكىنى، خىتاي بىلەن دۇنيانىڭ مۇناسىۋىتىمۇ شۇنىڭغا ماس ھالدا ئۆزگىرىۋاتقانلىقىنى، بولۇپمۇ خىتاينىڭ نۆۋەتتە دۇنيا دېموكراتىيەسىگە ۋە تىنچلىقىغا تەھدىت پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭدىن يىگىرمە نەچچە يىل بۇرۇن ئوتتۇرىغا قويۇلغان «خىتاي ئىقتىسادىي جەھەتتە قۇدرەت تاپسا ئەركىنلىككە ۋە دېموكراتىيىگە قاراپ سىلجىيدۇ» دەيدىغان قاراشنىڭ ئۈزۈل-كېسىل خاتا بولغانلىقى ھازىر ئىسپاتلانغانلىقىنى تەكىتلىدى. شۇنىڭدەك خىتاي تۈرمىسىدە ئۆلگەن نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ساھىبى ليۇ شياۋبونىڭ يازمىلىرىدىن نەقىل كەلتۈرۈپ خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ نۆۋەتتە فاشىزم يولىغا مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنداق فاشىزم سىياسىتى ئەينى ۋاقىتتا مەيلى باش كۆتۈرگەندە بولسۇن ياكى ھالاك بولغاندا بولسۇن دۇنياغا زور بالايىئاپەت ئېلىپ كەلگەنلىكىنى، شۇ سەۋەبتىن خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يېڭى فاشىزم ھاكىمىيىتى بولۇپ باش كۆتۈرۈشىنى توسۇشنىڭ زۆرۈرلۈكىنى ئالاھىدە بايان قىلدى. 

ئارقىدىن سۆزگە چىققان ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەشكىلاتىنىڭ تاشقى ئىشلار دىرېكتورى لوئىزا گرېۋ نۇقتىلىق قىلىپ ئۇيغۇرلار نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت ۋە دىنىي باستۇرۇشلار ھەققىدە سۆز قىلدى. بولۇپمۇ تاشقى دۇنياغا «شەرقىي تۈركىستان» دەپ بىلىنىۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ ئانا ۋەتىنىنىڭ نۆۋەتتە بالايى-ئاپەتنىڭ ئۇۋىسى بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇ جايدىكى زۇلۇمنى كۆلەم، دەرىجە ۋە ئېغىرلىق نۇقتىلىرىدىن ئومۇملاشتۇرۇپ «ئىنسانىيەتكە قارشى ھايۋانلارچە جىنايەت» دەپ تەسۋىرلەشكە بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى. ئۇ يەنە سۆزىنىڭ داۋامىدا ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە ئۆتكۈزۈلگەن گۇۋاھلىق بېرىش يىغىنىدا ئامېرىكا تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىدىن سكوت باسبىي بايان قىلغان گۇۋاھلىق سۆزلىرىنى نەقىل كەلتۈرۈپ نۆۋەتتە ئاز دېگەندىمۇ ئىككى مىليوندىن ئارتۇق كىشىنىڭ لاگېرلارغا قامىۋېتىلگەنلىكىنى، بۇ لاگېرلارنىڭ ۋاقىتلىق خاراكتېردە ئەمەسلىكىنى، نۆۋەتتە ئالاقىدار مۇتەخەسسىسلەرنىڭ بۇ لاگېرلارنى «يىغىۋېلىش لاگېرى» دەپ ئاتاشقا ئۆتكەنلىكىنى، چۈنكى ھازىر دۇنيادىكى بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ خىتاي بىلەن بولغان ئىقتىسادىي مۇناسىۋىتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى دۇنيانىڭ گىتلېر گېرمانىيەسىنىڭ قىلمىشىنى توسۇش ئورنىغا گېرمانىيە بىلەن سودا قىلغىنىغا ئوخشايدىغانلىقىنى، ئەمما ئامېرىكىنىڭ بۇ جەھەتتە كۆكرەك كېرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نى ئىشقا سېلىش ھەققىدە پائالىيەتلەردە بولۇۋاتقانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلىشقا تەكلىپ قىلىنغان يەنە بىر مۇھىم شەخس ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە يىللاردىن بۇيان خىتايدىكى كىشىلىك ھوقۇق خىزمىتى ئۈچۈن جان-پىدالىق بىلەن ئىشلەپ كېلىۋاتقان ئاۋام پالاتا ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرىن ۋە كرىستروفېس سىمىسلار ئىدى. ئۇلار ئايرىم-ئايرىم سۆز قىلىپ خىتايدىكى ئالاقىدار مەسىلىلەرنى بىرەر قۇر ئەسلىتىپ ئۆتكەندىن كېيىن نۆۋەتتە قىزىق نۇقتىلاردىن بولۇۋاتقان «يەر شارى ماگنېتسكىي قانۇنى» نىڭ راۋۇرۇس ئۈنۈمگە ئىگە بولۇۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ نورمال ئىنسانلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىنى بىنورمال قىلىپ قويغان بىر قىسىم كىشىلەرگە ئەجەللىك زەربە بېرىدىغانلىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

«پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ بۇ يىلقى يىغىنى ئۈچۈن ئۈچ دانە مۇكاپات تەسىس قىلىنغان ئىدى. ئۇنىڭ ئىككىسى كىشىلىك ھوقۇق ساھەسىدە يىللاردىن بۇيان كۆرۈنەرلىك ئەمگەكلەرنى قىلىۋاتقان شەخسلەردىن «لەنتوس فوندى» نىڭ رەئىسى كاترىنا لەنتوس خانىمغا ۋە ئەينى ۋاقىتتا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ باش سېكرېتارى بولغان جاۋ زىياڭنىڭ كاتىپى بولۇپ ئىشلىگەن ھەمدە كېيىنچە يەتتە يىللىق قاماققا ھۆكۈم قىلىنغان باۋ توڭ ئەپەندىگە بېرىلدى. شۇ قاتاردا «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىنىڭ رەئىسى ياڭ جيەنلى سۆز ئېلىپ نۆۋەتتە خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ پۈتۈن سەپ بويىچە فاشىزمغا قاراپ مېڭىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ بىر تىپىك مىسالى سۈپىتىدە پۈتۈن ئۇيغۇرلارنىڭ ئون پىرسەنتىنى ھېچ سەۋەبسىزلا «يىغىۋېلىش لاگېرى» غا قامىۋالغانلىقىنى بايان قىلدى. شۇنىڭدەك يېقىندا لاگېردىن قۇتۇلۇپ چىققان مېھرىگۈل تۇرسۇننىڭ لاگېردىكى كەچۈرمىشلىرىنى، شۇنداقلا ئۇنىڭ كەچۈرمىشلىرىدىن ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى تەسەۋۋۇر قىلىش مۇمكىنلىكىنى يىغىن ئەھلىگە يەنە بىر قېتىم ئەسلىتىپ ئۆتتى. شۇنىڭدەك ئۇنىڭ خىتايدىكى زۇلۇمنى پاش قىلىش جەھەتتە باتۇرلۇق كۆرسەتكەنلىكىنى، ئۇنىڭ بۇ جەھەتتىكى غەيرىتىگە ئاپىرىن ئوقۇش يۈزىسىدىن 2018-يىللىق مۇكاپاتنىڭ يەنە بىرىنىڭ مېھرىگۈلگە بېرىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. 

ئامېرىكا ئاۋام پالاتاسىنىڭ ئەزاسى جېيمىس مەكگوۋېرن تەكلىپكە بىنائەن مۇكاپات لوڭقىسىنى مېھرىگۈلگە تاپشۇرۇپ بەرگەندە پۈتۈن زالدىكىلەر ئالقىش ياغدۇردى. شۇنىڭدىن كېيىن مېھرىگۈل قىسقىچە سۆز قىلىپ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىگە، «پۇقرالار كۈچى» تەشكىلاتىغا، شۇنداقلا ئۆزىنى قوللاپ كەلگەن ھەر ساھە كىشىلىرىگە ئۆز تەشەككۈرىنى بىلدۈردى. 

بۇ قېتىمقى يىغىندا سۆز قىلغۇچىلار ئارىسىدا ھەممىدىنمۇ بەكرەك كىشىلەرنىڭ دىققىتىگە سازاۋەر بولغىنى «مۇستەقىل خىتاي قەلەمكەشلەر جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى لياۋ تيەنچى خانىمنىڭ سۆزلىرى بولدى. ئۇ سۆزىدە نۇقتىلىق قىلىپ ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 30-يىللىرى گىتلېرنىڭ بىۋاسىتە بۇيرۇقى بىلەن «يىغىۋېلىش لاگېرلىرى» بارلىققا كەلگەنلىكى ۋە بۇ لاگېرلارنىڭ مىليونلىغان يەھۇدىينىڭ ھاياتىغا زامىن بولغانلىقىنى، ئەينى ۋاقىتتا دۇنيانىڭ بۇ لاگېرلارنى كۆرمەسكە سالغانلىقىنى، كېيىنچە پۈتۈن دۇنيانىڭ بۇ ئىشقا پۇشايمان قىلغانلىقىنى، ئەمدىلىكتە ئوخشاش تارىخنىڭ ئۇيغۇرلار دىيارىدا تەكرارلىنىش ئالدىدا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، 21-ئەسىرگە كەلگەندە ئاشۇ مۇدھىش تارىخنىڭ قايتىدىن ئوتتۇرىغا چىقىشىغا خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ، جۈملىدىن خىتاي خەلقىنىڭ بۇنىڭغا سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى، شۇ سەۋەبتىن ئۆزىنىڭ خىتايلار ئۈچۈن ۋە خىتاي كومپارتىيىسى ئۈچۈن بۇنىڭدىن قاتتىق نومۇس ھېس قىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى. 

شۇنىڭدىن كېيىن ئۇيغۇر، موڭغۇل ۋە تىبەت ۋەكىللىرى سۆزگە چىقىپ ئالاقىدار ئەھۋاللاردىن مەلۇماتلار بەردى. شۇ قاتاردا ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن سۆزگە چىقىپ، لاگېر گۇۋاھچىلىرىنىڭ بايانلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىر قانداق زۇلۇمغا دۇچ كېلىۋاتقانلىقىنى تولىمۇ جانلىق تەسۋىرلەپ بېرىۋاتقانلىقىنى، شۇڭا دۇنيانىڭ بۇ مەسىلىلەرگە ئۇنداق ئاددىي قارىماسلىقى لازىملىقىنى ئالاھىدە تەكىتلىدى. 

يىغىن ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىشتا ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئېلشات ھەسەن بىلەن يىغىن توغرىسىدا قىسقىچە سۆھبەتلەشتۇق. ئۇ بۇ خىلدىكى يىغىنلاردىن پايدىلىنىپ ئۇيغۇر داۋاسىنى تېخىمۇ كۆپ كىشىلەرگە ئاڭلىتىش مۇمكىن بولىدىغانلىقىنى، ئەمما بۇنىڭلىق بىلەن ئۇيغۇر داۋاسىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ئاجىزلىشىپ قالمايدىغانلىقىنى تەكىتلىدى. 

بۇ قېتىمقى يىغىنغا ئامېرىكا ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ كۆپلىگەن خادىملىرى، شۇنىڭدەك خىتاي دېموكراتلىرى ۋە بىرقىسىم ئۇيغۇر جامائىتى ئىشتىراك قىلدى. بۇ قېتىمقى يىغىن ئەتە يەنە بىر كۈن داۋام قىلىدىغان بولۇپ، بىز بۇ توغرىلىق داۋاملىق خەۋەر بېرىمىز.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.