ئەدىب ھاجى مىرزاھىد كېرىمى: «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق ناملىق شېئىرىم مېنىڭ ۋە دوستلىرىمنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىغا سەۋەب بولغان ئىدى»

0:00 / 0:00

يېقىندىن بۇيان ئۆز رازىمەنلىكى بىلەن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزىنىڭ ھايات كەچۈرمىشلىرى ۋە ئۆزى نۆۋەتتە دۇچ كېلىۋاتقان تۈرلۈك قىسمەتلەر توغرىسىدا بىز بىلەن ئورتاقلاشقان، ھازىر قەشقەر شەھىرىدە ياشاۋاتقان ئاتاقلىق شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى بۈگۈنكى ئاخىرقى سۆھبىتىمىزدە، ئۆزىنىڭ 1957-يىلى يازغان ۋە شۇ دەۋر ئۇيغۇر ياشلىرى تەرىپىدىن سۆيۈلۈپ يادقا ئوقۇلغان:

ئاسمان كۆزلىرىدىن تامچىلايدۇ ياش،

شۇنچە جىمجىت ئەتراپ گويا غەپلەتتە.

ياپراقسىز دەل-دەرەخ يولۇمغا سىرداش،

ئېيتىڭچۇ! تەبىئەت نېمە ھەسرەتتە؟ ‏

- دەپ باشلانغان «ساندۇق ئىچىدىكى بوۋاق» ناملىق بۇ مەشھۇر شېئىرىنىڭ ئەينى ۋاقىتتا ئۆزىنىڭ ۋە باشقا دوستلىرىنىڭ تۈرمىگە قامىلىشىغا سەۋەب بولغانلىقى توغرىسىدا توختالدى.

سۆھبىتىمىزدە شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆزىنىڭ سالامەتلىكىنىڭ كۈندىن-كۈنگە ناچارلىشىپ كېتىۋاتقانلىقىنى، قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسىنىڭ تۈرلۈك سىياسىي بېسىملىرى سەۋەبىدىن روھىي جەھەتتىن ئازابلىنىپ، پەرىشانلىق ئىچىدە تۇرۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

سۆھبىتىمىز جەريانىدا شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى ئۆزىنىڭ خىزمەت تارىخى توغرىسىدا قىسقىچە توختالدى.

شائىر ۋە يازغۇچى ھاجى مىرزاھىد كېرىمى سۆھبىتىمىز جەريانىدا يەنە، قەشقەر شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى يېقىندا ئۆيىنى ئاختۇرۇپ ئېلىپ كەتكەن رومان ۋە قۇرئانى كەرىم قاتارلىق كىتابلارنىڭ قاتارىدا ئۆزىنىڭ يېقىنقى يىللاردا يازغان، تېخى ئېلان قىلىنمىغان بىر قىسىم ئەسەرلىرىنىڭ قوليازمىلىرىنىڭمۇ بارلىقىنى ۋە بۇ ئىش توغرىسىدا ئۆزى خىزمەت قىلغان قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى بىلەن سۆھبەتلەشكەنلىكى ھەققىدە توختالدى.

يۇقىرىقى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.