خىتايدا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھېسداشلىق قىلغان بىر موڭغۇل قىزى ئۆلۈم تەھدىتىگە ئۇچرىدى

مۇخبىرىمىز ئەركىن
2018.03.28
xitaydiki-az-sanliq-milletler-mesilisi-we-iqtisadiy-perqler-305.jpg ياپونىيىدە نەشر قىلىنغان «خىتايدىكى ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسى ۋە ئىقتىسادىي پەرقلەر» ناملىق كىتابنىڭ مۇقاۋىسى. 2012-يىلى 20-سېنتەبىر، ياپونىيە.
RFA/Qutluq Haji

جاڭ خانىم يېقىندا ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەن بىر موڭغۇل قىزى بولۇپ، ئۇ ئوتتۇرا مەكتەپ ۋە ئۇنىۋېرسىتېتنى خىتاينىڭ ئىچكىرى ئۆلكىسىدە ئوقۇغان ئىدى. جاڭ خانىم بىر موڭغۇل ئائىلىسىدە تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ موڭغۇلچىنى بىلمەيتتى. ئۇنىڭ كىملىك كارتىغا موڭغۇل، دەپ يېزىلغاندىن باشقا، بۇ موڭغۇل قىزىدا موڭغۇللۇقنىڭ ھېچقانداق ئىپادىسىنى تاپقىلى بولمايتتى.

ئۇ ئۆتكەن يىلى ئۆتكۈزۈلگەن بىر پائالىيەتكە قاتنىشىشقا بېرىپ، يىغىنغا قاتنىشىشى رەت قىلىنغۇچە بولغان ئارىلىقتا ھېچقاچان ئۆزىنىڭ موڭغۇل كىملىكىنى ئويلاپ باقمىغان. جاڭ خانىم ئۆتكەن يىلى 7‏-ئايدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن ياشلارنىڭ بىر ئاياللار ھوقۇقى كۇرسىغا قاتنىشىشقا بارىدۇ. لېكىن كۇرسنى تەشكىللىگۈچى ئورۇننىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭ كىملىكىدىكى موڭغۇلچە خەتلەرنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يىغىنغا قاتنىشىشىنى رەت قىلىدۇ. 

بۇ ۋەقە جاڭ خانىمنىڭ ئۆز كىملىكى، خىتاينىڭ ئۇيغۇر، تىبەت ۋە باشقا ئاز سانلىق مىللەتلەرگە قاراتقان سىياسىتى ھەققىدە پىكىر يۈرگۈزۈشىگە تۈرتكە بولىدۇ. ئۇ يېقىندا خىتاينىڭ سىنا مىكرو بلوگىدا «ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئۈمىد» سەرلەۋھىلىك ماقالە ئېلان قىلىپ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. ئۇ ماقالىسىدە خىتاينىڭ بىر تەرەپتىن ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ۋەتەننى سۆيۈشىنى تەلەپ قىلىپ، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارغا 2‏-سىنىپ پۇقرا مۇئامىلىسى قىلىشتەك سىياسىتىنى «مەنتىقسىزلىق» دەپ تەكىتلىگەن. 

ئۇنىڭ ماقالىسى سىنا مىكرو بلوگىدا كەسكىن مۇنازىرە قوزغاپ، خىتاي تورداشلىرىنىڭ شىددەتلىك تەنقىدى، ھۇجۇمى، ھاقارىتى ۋە تەھدىتىگە ئۇچرىغان. بەزى خىتاي تورداشلار ئۇنىڭغا ئۆلۈم بىلەن تەھدىت سېلىپ، «ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى كېرەك» لىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. سىنا مىكرو بلوگى مەزكۇر ماقالىنى ئېلىپ تاشلىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭغا قارشى يېزىلغان رادىكال ھۇجۇملارغا چەك قويمىغان. 

ئانالىزچىلارنىڭ قارىشىچە، بۇ ۋەقە «خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرگە ھېچقانداق پىكىر قىلىش بوشلۇقى قويمىغانلىقى» نى ئىپادىلەيدىكەن. ئامېرىكا نيۇيورك شەھەرلىك ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ سىياسىي پەنلەر پروفېسسورى شيا مىڭ، ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش خاھىشىنىڭ پۈتۈن خىتاي جەمئىيىتىدە مەۋجۇت مەسىلە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ خىل خاھىشنىڭ مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشىدا نۇرغۇن ئامىللارنىڭ رولى بار ئىكەن. 

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «بۇ خىل خاھىش ۋە قارشىلىشىشنى نوقۇل بىر سەۋەب كەلتۈرۈپ چىقارغان ئەمەس. بۇنى تارىخىي سەۋەب، ھۆكۈمەتنىڭ سىياسىي ئىدېئولوگىيىسىنىڭ تەسىرى، خەلق ئىچىدىكى سىياسەت كەلتۈرۈپ چىقارغان ھەر خىل ئامىللار كەلتۈرۈپ چىقارغان. تارىخىي سەۋەب نۇقتىسىدىن ئالساق بىز شۇنى كۆرىمىز، خىتاي نەچچە مىڭ يىلدىن بېرى ياتلار ۋە خۇاشيالار، دەپ ئايرىلىپ كەلدى. چۈنكى، خۇاشيالار ياكى خەنلەر ئەتراپتىكى دۆلەتلەر ۋە چارۋىچى مىللەتلەرنى ياتلار، دەپ تەرىپلەيتتى ۋە ئۆزلىرىنى ئۈستۈن ئورۇنغا قويۇپ، ئۇلارغا كەمسىتىش نەزىرىدە قارايتتى. بۇ خىل خاھىش ھازىرغا قەدەر داۋاملىشىپ كەلدى.». 

بەزى ئۇيغۇر مۇتەخەسسىسلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايلاردىكى بۇ خىل تارىخىي پىسخولوگىيىلىك يۆنىلىشنىڭ شەكىللىنىشىدە شىمالدىكى مىللەتلەر ئاساسلىق رول ئوينىغان. ئامېرىكىدىكى يىپەك يولى مەدەنىيەت تەتقىقاتچىسى قاھار بارات مۇنداق دەيدۇ: «دۇنيانىڭ باشقا جايلىرىغا قارىغاندا خىتايلاردا بىرلىكنى، دۆلەت بىرلىكىنى ئەلا بىلىدىغان ئېتىقاد بار. بۇ ئېتىقاد ئۆز ۋاقتىدىكى مۇشۇ ھونلارنىڭ، ئورخۇن تۈركلىرىنىڭ بېسىمى، ئۇنىڭدىن كېيىن قارا خىتاي دەيمىز، ئەڭ ئاخىرىغا كەلگەندە مانجۇلارنىڭ بېسىمىدىن پەيدا بولغان. بۇلار شىمالدىكى ئاتلىق مىللەتلەرنىڭ قاتتىق بېسىمىغا ئۇچراپ كەلگەن. سەددىچىن سېپىلىغىلا قارىساق بۇ كۈچنىڭ قانچىلىك ئېغىرلىقىنى بىلدۈرىدۇ. شۇڭا ئۇلار ياشاپ قېلىش ئۈچۈن بىر دۆلەتكە ئۇيۇشۇپ ياشىشى شەرت. شۇڭا، بۇ تارىخىي پىسخولوگىيىلىك تېندىنسىيە مۇشۇنداق شەكىللەنگەن».

جاڭ خانىم يازمىسىدا يەنە، ئۆزى ئۇنىۋېرسىتېتتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئۇيغۇر ۋە قازاق مىللىتىدىن بولغان مۇسۇلمان ساۋاقداشلىرىنىڭمۇ مەكتەپ ئىچىدە ياغلىق چىگىش، ناماز ئوقۇش قاتارلىقلاردىن چەكلەنگەنلىكى، بىر ئۇيغۇر ساۋاقدىشى پەقەت ناماز ئوقۇغانلىقى ئۈچۈنلا مەكتەپتىن قوغلاندى قىلىش بىلەن تەھدىت قىلىنغانلىقىنى بايان قىلغان ۋە: «بۇ ساۋاقدىشىم ماڭا ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىلەرنى دەپ بەرگىنىدە مەن ئۇلارغا ئىشىنەلمەي قالغان ئىدىم، تاكى ئۆزۈمنىڭ بېشىغا بۇ ۋەقە كەلگۈچە» دېگەن. ئۇ، ئۆزىنىڭ يۇقىرىقى كەچۈرمىشلىرىدە، خىتاينىڭ ئاز سانلىق مىللەتلەرنى كەمسىتىش سىياسىتىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر، تىبەت ساۋاقداشلىرىغا سالغان ئىزتىراپلىرىنى بايان قىلغان.

23 ياشلىق موڭغۇل قىزى سىنا بلوگىدىكى ماقالىسىدە، ئۇنىۋېرسىتېتتىكى ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىنىڭ دەسلەپكى يىللاردىكى ھاياتى بىلەن كېيىنكى يىللاردىكى ھاياتىدىكى ئۆزگىرىشنى سېلىشتۇرىدۇ. ئۇ، ئۇيغۇر ساۋاقداشلىرىنىڭ ئۇنىۋېرسىتېت ھاياتىنى تەسۋىرلەپ، ئۇلار ئۈچۈن «ھەر يىلى مەكتىپىدىكى ئەڭ مۇھتەشەم ھېيت-بايرامنىڭ قۇربان ھېيتى» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ. ئۇ مۇنداق يازىدۇ: «شۇ كۈنى ئۇيغۇر ۋە قازاق ساۋاقداشلىرىمىز مىللىي كىيىم-كېچەكلىرىنى كىيىپ، زىننەت بۇيۇملىرىنى تاقاپ قوشنا ياتاقلارغا ھېيتلايتى. مەن تۇنجى قېتىم ئۇلارنىڭ ھېيت پەتىسى قىلىشى، ئۇيغۇر تىلىدا ھېيتنى مۇبارەكلەشلىرىنى كۆرۈپ، بەك خۇشال بولغان ئىدىم. بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئۆزى پىشۇرغان پىرەنىك، قۇرت، قايماق، قېتىق ۋە باشقا پىشۇرۇقلىرىنى ئۈستەلگە تىزىپ، ياتاق ئىشىكىنى كەڭ ئېچىپ قويۇپ، ئۆز ئارا تەنتەنە قىلىشى مېنى بەك خۇرسەن قىلغان ئىدى» دەپ تەكىتلىگەن.

دوكتور قاھار باراتنىڭ كۆرسىتىشىچە، خىتايدىكى باشقا مىللەتلەرنى كەمسىتىش، ئۇلارنى خورلاشتەك بۇ خىل شوۋىنىزملىق ئىدىيە ھازىر كونترولدىن چىقىپ كەتكەن. ئۇ، بۇنىڭ خىتاينى ۋەيرانچىلىققا ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. 

قاھار بارات: «سىياسەت باشقۇرغان بېيجىڭ، بۇنداق يۆنىلىشنى ئەسلى بېسىشى كېرەك. چۈنكى، كونا ئاداۋەتنى ساقلاش، دۆلەتلەر، مىللەتلەر مۇناسىۋىتىدە خاتا. لېكىن، بېيجىڭدىكى رەھبەرلەر يەنە بۇنى رىغبەتلەندۈرۈۋاتىدۇ. بۇلار ياپون بىلەن دۈشمەنلەشتى، شەرقىي-جەنۇبىي ئاسىيادىكى دۆلەتلەر بىلەن دۈشمەنلەشتى. بۇنى كۆرۈۋاتىمىز. دۆلەت ئىچىدە ئۇيغۇر، تىبەتلەرنى يوقىتىشقا ئۆتۈۋاتىدۇ. مۇشۇنداق مىللىي شوۋىنىزملىق غالجىرلىق ئىدىيەنى رىغبەتلەندۈرىۋەرسە، بىر يەرگە كەلگەندە كونتروللۇقتىن چىقىپ كېتىدۇ. ھازىر كونتروللۇقتىن چىقىپ كەتتى. شۇڭا، بۇ شوۋىنىزملىق غالجىرلىق داۋاملىشىدۇ. ئەڭ ئاخىرى ئۆزى ۋەيران بولىدىغان يەرگە بارىدۇ» دېدى. 

لېكىن، شيا مىڭ ئەپەندىنىڭ تەكىتلىشىچە، يۇقىرىقى موڭغۇل قىزى توردا ئۇچرىغان تەنقىدلەرنىڭ زور بىر قىسمىنىڭ خىتاي تورداشلىرىنىڭ پىكرىگە ۋەكىللىك قىلىشى گۇمانلىق ئىكەن. ئۇ، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۆكتىچى پىكىرلەرنى تەنقىدلەپ، كىشىلەرنىڭ دىققىتىنى بۇرايدىغان يۇمتاللارنى قوللىنىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. 

شيا مىڭ مۇنداق دەيدۇ: «خىتاي ھۆكۈمىتى ئاپتوماتىك پروگراممىلارنى ئىشلىتىپ، سىزگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ئۇچۇرلارنى يوللايدۇ. چۈنكى، سىز تورغا يېزىلغان ئىنكاس ۋە تەنقىدلەرگە قارىسىڭىز، ئۇنىڭدا سىز ئوتتۇرىغا قويغان نۇقتىئىنەزەرگە قارىتا ھېچقانداق كونكرېت كۆز قاراش ياكى پىكىر بېرىلمىگەن. ئۇنىڭدا پەقەت سىزنى ھاقارەت قىلىدۇ. بۇ ھاقارەت سۆزلەرنىڭ قارىسىڭىز باشقىلارغىمۇ ئىشلىتىلىۋاتقانلىقىنى كۆرىسىز. شۇڭا، بىز ئۇ موڭغۇل قىزغا قارىتىلغان ھۇجۇملارنى راست، دەپ ئىشىنىپ كەتمەسلىكىمىز، ئۇنى خىتايدىكى پۇقرالارنىڭ ئىنكاسى، دەپ قاراپ كەتمەسلىكىمىز كېرەك».

جاڭ فامىلىلىك موڭغۇل قىزىنىڭ كۆرسىتىشىچە، 2015‏-يىلى 11‏-ئايدا پارىژدا يۈز بەرگەن تېررورلۇق ھۇجۇمىدىن كېيىن مەكتىپىدە ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارغا بولغان تەقىب كۈچەيتىلىپ، ئۇلارنىڭ ھەرىكىتى نازارەت قىلىنىشقا باشلىغان. دىنىي ئېتىقادى چەكلىنىپ، ئوقۇغۇچىلاردا ھېيتنى تەبرىكلەش، ناماز قىلىش، قۇرئان ئوقۇش، ياغلىق ئارتىشتەك ئەھۋاللار غايىب بولغان.

ئۇ «ئىزتىراپ ئىچىدىكى ئۈمىد» سەرلەۋھىلىك ماقالىسىدە، ھىجاپلىق بىر ئۇيغۇر ساۋاقدىشىنىڭ ئەھۋالىنى تونۇشتۇرۇپ: «پارىژ ھۇجۇمىدىن كېيىن ئوقۇتقۇچىلىرىمىز ۋە يېتەكچىلىرىمىز بىخەتەرلىكنى باھانە قىلىپ، ئۇنىڭ كوچىغا ياغلىق ئارتىپ چىقسا، دۈشمەنلىككە ئۇچرايدىغانلىقىنى سۆزلەيدىغان بولدى. رەھبەرلەر يەنە مەخسۇس پايلاقچى ئورۇنلاشتۇرۇپ ئۇنىڭ ھەرىكىتىنى كۆزىتىشكە باشلىدى» دەپ تەكىتلىگەن. 

ئۇ ماقالىسىدە بۇ ئۇيغۇر ساۋاقدىشىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان مۇئامىلىلەرنى سۆزلەپ بەرگەنلىكىنى ئەسكەرتىپ، «لېكىن ئۆزۈمنىڭ بېشىغا بۇ ۋەقە كەلگۈچە ئۇنىڭغا ئىشەنمەي كەلگەن ئىدىم» دېگەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.