تايلاند-مالايشىيا ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىپ كەلگەن ئىمىن قارى بىلەن سۆھبەت (1)
2016.09.15
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆز يۇرتىدىن چەتئەللەرگە قېچىشى ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. ئەمما كېيىنكى يىللاردا، بولۇپمۇ 1990-يىللاردىن باشلاپ ئۇيغۇرلارنىڭ چەتئەلگە كۆچۈشى بارغانسېرى كۆپىيىشكە باشلىغان.
ئۇيغۇر مۇساپىرلارنىڭ ئېيتىشىچە، 2009-يىلىدىن تارتىپ خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىمىنىڭ چىدىغۇسىز ۋەزىيەتكە كەلگەنلىكى، بولۇپمۇ ئەقىلگە سىغمايدىغان دىنىي بېسىم سىياسىتى نەتىجىسىدە نۇرغۇن ئۇيغۇر قۇتۇلۇش يولىنى چەتئەلگە قېچىش دەپ قاراپ، 2013-يىلىدىن باشلاپ شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرى ئارقىلىق تۈركىيەگە قېچىشقا باشلىغان. 2014-يىلىنىڭ باشلىرىدىن 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە كۆپ ساندا ئۇيغۇر مۇساپىر تۈركىيەگە كەلگەن ئىدى.
بۇ ئۇيغۇرلاردىن 109 كىشى خىتايغا قايتۇرۇلغان بولۇپ، 60 ئەتراپىدا ئۇيغۇر ھازىرغىچە تايلاند تۈرمىلىرىدە ياتماقتا.
بىز خىتاينىڭ كۈنمىڭ شەھىرىدىن يولغا چىقىپ، 2 بالىسى ۋە ئايالى بىلەن بىرلىكتە تاغ ۋە دېڭىزلارنى ئېشىپ تايلاندقا، ئۇ يەردىن مالايشىياغا كېلىپ، مالايشىيا تۈرمىلىرىدە يېتىپ، ئاخىرى تۈركىيەنىڭ قەيسەرى شەھىرىگە كەلگەن دىنىي زات ئىمىن قارىم بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
تۆۋەندە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنىڭ بىرىنچى قىسمىنى ئاڭلاڭلار.
ئەركىن تارىم: ئىمىن قارىم ۋەتەندىن قاچان ۋە نېمە ئۈچۈن ئايرىلدىڭىز؟
-مەن ۋەتەندىن 2013-يىلى 9-ئايدا ئايرىلدىم. ئايرىلىشىمنىڭ سەۋەبلىرىنىڭ بىرى 2011-يىلىدا يۇرتىمىزدا بىر سەۋەبلەر بىلەن بايلارنى تۇتقىلى تۇردى. پالانى سەن پاختىچىلىقتا ئۇنى قىلىپسەن، مۇنداق ئۆي سودىلىقى قىلىپسەن، بانكا بىلەن ئېلىم-بېرىم قىلىپ ئۆسۈمىنى بەرمەپسەن دېگەندەكلەرنى باھانە قىلىپ، ئاقسۇ ۋىلايىتىدە 27 ئەتراپىدا بايۋەتچىنى 11 يىلدىن 7 يىلغىچە كېسىۋەتتى. ئەمما بۇنى مەن بىلمەيتتىم. بىر ئاشخانىدا ئولتۇرسام 70 ياشلار چامىسىدىكى ئاقسۇ ئايكۆللۈك بىر بوۋاي، يېنىدىكى قوشنىسى بىلەن مۇڭدىشىۋاتىدۇ. گېپىگە دىققەت قىلسام، گېپىدە دەيدۇكى، يەنە شۇ 1933-يىللاردىكى ئىشلار تەكرارلىنىدىغان ئوخشايدۇ، شېڭ شىسەي ئەينى يىللاردا ئۈچ خىل كۈچنى يوقاتقان ئىدى، بىرى مائارىپتىكى كۈچنى، يەنە بىرى بايلارنى، يەنە بىرى ئالىملارنى يوقاتقان ئىدى. ھازىرمۇ ئوخشاش نۆۋەت بايلارغا كەلگەن ئوخشايدۇ. دىندارلارنى يوقاتقىلى خېلى بولدى. بايلاردىن كېيىن نۆۋەت مائارىپتىكىلەرگە كېلىدىغان ئوخشايدۇ دېگىنىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن بىرئاز ئويلىنىپ قالدىم. ئاشخانىدىن چىقىپ ئويلاندىم، تارىخ سۈرۈشتە قىلىشقا باشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن ئۇ مەزگىلدىكى تارىخنى ئوقۇسام راستىنىلا ئالدى بىلەن مائارىپتىكىلەرنى تازىلاپتۇ، بايلارنى تازىلاپتۇ، ئاندىن كېيىن ئىلىم ئەھلىنى ۋەھشىيلىك بىلەن تۇتۇپتۇ. شۇنىڭغىچە 2013-يىلى 9-ئاي كىرىپ قالدى. راست دېگەندەك دولقۇن باشلاندى، كېيىن پالانى يەردە 2 بالا ئوقۇتقان ئادەمنى 11 يىل كېسىۋېتىپتۇ، پالانى جايدا ئۆيىدىن بىر سىنئالغۇ لېنتىسى چىقىپ قالغان ئادەمنى 10 يىل كېسىۋېتىپتۇ دېگەندەك خەۋەر تارقىلىشقا باشلىدى. بۇ بىر باھانە. ئاقسۇدا ئابلەت قارىم دېگەن بىر زات بار ئىدى. كۆپ ئىشلاردىن بىخەۋەر بىر كىشى ئىدى. بىر كۈن ئۆيىنىڭ ئۆگزىسىدىن تاپانچا چىقىپتۇ دەپ، 13 يىل كېسىۋەتتى. مەن بۇرۇن 3 يىل تۈرمىدە ياتقان ئىدىم، بۇ ئۈچ يىلنىڭ بىر يېرىم يىلى دوختۇرخانا بىلەن ساقچى ئىدارىسى ئارىسىدا ئۆتتى. 2012-يىلى تۈرمىدىن چىقتىم. شۇ يىلى ئاۋات ناھىيەسىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە كەلدىم. ئاقسۇغا كەلگەندىن كېيىن، ھەپتىدە ئۈچ قېتىم ساقچى ئىدارىسىگە كېلىپ قول قوي دېدى، ئەمدى چاي ئىچىپ ئولتۇرسام تۇتۇپ كەتتى، ئىككى كۈن كۈلۈپ ئولتۇرغان ۋاقتىم يوق.
ئەركىن تارىم: 3 يىل تۈرمىدە ياتتىم دېدىڭىز، نېمە دەپ ئەيىبلەپ 3 يىل كېسىۋەتكەن؟
-ئۇ ۋاقتىدا كەسكەن ئىشلار، باشقا بىر ئادەم بىر موتسىكلىتنى ئوغرىلايدۇ. بۇ موتسىكلىتنى ماڭا سىرلىتىدۇ. مەن كونا موتسىكلىتلارنى سىرلايدىغان ئىشلارنى قىلىدىغان ۋاقتىم، ئۇ، ئوغرىلىغان موتسىكلىت ئىكەنلىكىنى بىلمەيمەن. ئۇ ۋاقىتلاردا بىر ئىلىم ئەھلىنى سىياسەتكە چېتىپ جازالىمايتتى. بىر ئىلىم ئەھلىنى جازالىماقچى بولسا ئۇنىڭ ئائىلىسى بىر كىشى بىلەن ئۇرۇشۇپ قېلىپ، بىر پىچاق ياكى كالتەك بىلەن ئۇرۇپ قويغان بولسا، ئۇنى پالانى ئادەم كۈشكۈرتتى دەپ، بىر نەرسە يىتىپ كەتكەن بولسا ئىلىم ئەھلىگە چاپلاپ، ئىجتىمائىي جىنايەتچى دەپ جازالاشنى ياخشى كۆرەتتى. مېنى جازالىغان ۋاقىت موتسىكلىتنى بويىغىلى ئۈچ يىل بولغان ۋاقىت. مەسىلەن ئۇ 1995-يىلىدىكى بىر ئىش، مېنى كەسكەن چاغ 1999 يىلىدىكى ئىش. مېنى خېتى يوق ئوغرىلانغان موتسىكلىتنى سىرلاپسەن دەپ كېسىۋەتتى. ئەمەلىيەتتە مەن دىنىي مەكتەپتە ئوقۇغانلىقىم ئۈچۈن كېسىۋەتتى، ئەمما خوتەندە دىندا ئوقۇپسەن دېمىدى. ئۇ يىللاردا بىرىمىزنى ئوغرى، بىرىمىزنى بۇلاڭچى، بىرىمىزنى قانۇنسىز توي قىلدىڭ دەيدۇ، مانا مۇشۇنداق تۆھمەتلەر بىلەن كېسەتتى. مېنىمۇ موتسىكلىتنىڭ كىنىشكىسىنى سۈيلىمەي بويىدىڭ دەپ 3 يىللىق كېسىۋەتتى. شۇ سوراق جەريانىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىغان تارتۇقلار بار بەدىنىمدە. مۇشۇ ئىشلار مېنى بەكلا قورقۇتقان. تۈرمىدە تاماق بەرمەيدۇ. مەن 1999-يىلى تۈرمىدىكى ۋاقتىمدا 7 يىل كېسىلگەن بىر مەھبۇسقا تاماق بەرمىگەننى كۆردۈم. ئىككى قولى بىلەن ئىككى پۇتىنى كارىۋاتقا باغلاپ قويۇپ، جازالىغانلىقىنى كۆردۈم. مۇددەتسىز كېسىلگەن بىرى بار ئىدى، ۋەتەن خائىنى دەپ ئېگىز بىر يەرگە ئاستى. مەن مۇشۇلارنى كۆرۈپ ئىككىنچى قېتىم تۈرمىگە تاشلانسام ساق چىقالمايدىغانلىقىمنى ئويلاپ، ماڭا بىر قورقۇنچ كەلدى. مەن تۈرمىدىن چىققاندىن كېيىن تۈرمىدىن يېڭى قويۇپ بېرىلگەن 11 دەك ئادەمنىڭ مېيىتىنى يۇدۇم. بۇ ئادەملەرنىڭ پۇتلىرى، قوللىرى خەشەكتەك كىچىك بولۇپ قاپتۇ، قوساقلىرى بەكلا يوغان. تۈرمىدىن چىقىپ ئۇزۇن ئۆتمەيلا ئۆلۈپ كەتتى.
ئەركىن تارىم: بۇ ئادەملەر نېمە سەۋەبتىن ئۆلگەن بولۇشى مۇمكىن سىزچە؟
-بۇ تۈرمىدىكى ئەھۋال بىرى ئاغرىپ قالدىم دېسە بېرىدىغان دورىسى ئېنىق. ئادەم ئاغرىپ ئۆلەي دەپ قالغۇچە دوختۇرخانىغا ئاپارمايدۇ. يەنە بىرى بەزى تۈرمىلەردە تۇخۇمدەك بىر پارچە ناندا بىر كۈن جان ساقلايمىز. ئۇيغۇرلارنى ئىجتىمائىي جىنايەتچى دەپ كەسسىمۇ، بىزگە قىلىدىغان مۇئامىلىسى يەنە باشقىچە. بۇلاڭچى، ئوغرى، دەپ كېسىدۇ، ئەمما جازالىغان ۋاقتىدا خىتايلارغا ئىككى سائەت قىيناش جازاسى بەرسە، بىزگە 4 سائەت بېرىدۇ. بىزنى سوغۇق مۇز ئۈستىدە بىر سائەت تۇرغۇزسا باشقىلارنى تۇرغۇزمايدۇ. مۇشۇنداق جازالايدۇ ئەمدى.
ئەركىن ئەكرەم: ئىمىن قارى سىز تۈرمىدە قانداق تەن جازالىرىغا ئۇچرىدىڭىز؟
-مەن تۈرمىدە ئاغرىپ قالدىم دېسەم، ئىككى مېتىر جايدىن يەرگە ئاتتى. ئىككى-ئۈچ قېتىم ئاتتى. ئاغزىمدىن قان ئېقىۋاتسا 1-2 سائەت كارى بولماي تاشلىۋەتتى. ھوشۇمنى بىلمەي تۇرسام بىر ۋاقىتتا دوختۇرخانىدا يېتىپتىمەن. يالغان ھوشىدىن كەتكەن بولۇشى مۇمكىن دەپ ئىڭەكلىرىمگە يىڭنە سانجىپ باقتى، تاپانلىرىمنى كۆيدۈرۈپ باقتى. ئىجتىمائىي جىنايەتچىلەرنىڭ ھەممىسىگە بىر تاۋاقتىن تاماق بېرىدۇ، ئەمما بىزدەكلەرگە كەلگەندە ياكى تاۋاق ئۆرۈلۈپ كەتكەن بولىدۇ، ياكى باشقا بىر نەرسە بولغان بولىدۇ ياكى بۇ جىنايەتچى گەپ ئاڭلىمىدى دېگەن يالغان ياۋىداق گەپلەر بىلەن تاماق بەرمەي ئاچ قويىدۇ. تاياق يېسەك ئۇرغان جايلار ساقىيىدىكەن، ھازىر بەدىنىمنىڭ ھەممە يېرىدە تاياق ئىزلىرى بار. ئەمما تاماق ئاجايىپ بىر نەرسىكەن، بۈگۈن بەرمىسە ئەتە بېرەرمىكىن دەيدىكەنمىز، ئەتە بەرمىسە ئۆگۈن بېرەمدىكىن دەيدىكەنمىز، شېئىر يادلىمىساڭ بەرمەيمىز دەيدىكەن، شېئىرنى يادلايدىكەنمىز، يەنە بەرمەيدىكەن، ئاچلىقتىن ئۈچەيلىرىمىز قوسراقلىرىمىزغا چاپلىشىپ كېتىدىكەن. بۇنداق بىر پەيتتە تويغىچە سوغۇق سۇنى ئىچىرىپ قوسۇقىمىزغا ۋاڭ ۋاڭ ئۇرىدۇ. بۇنداق تاياق يېگەندىن كېيىن بەزىمىز قۇسىمىز.
ئاقسۇ ئاۋاتلىق ئىمىن قارىمىنىڭ چەتئەلگە قېچىپ چىقىشىدىكى سەۋەبلەر توغرىسىدا ئېلىپ بارغان سۆھبىتىمىزنى ئاڭلىدىڭلار كېيىنكى پروگراممىمىزدا داۋامىنى ئاڭلىتىمىز.









