تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن بېيجىڭ ئايرودرومىدا غايىب بولدى

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2013.07.22
mutellip-imin-uyghurbiz-bashqurghuchi.jpg ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بېيجىڭ ئايرودرومىدا غايىب بولغان تور باشقۇرغۇچىسى مۇتەللىپ ئىمىن. (يېقىنقى سۈرىتى)
www.uighurbiz.net

تۈركىيەدە ئوقۇۋاتقان مۇتەللىپ ئىمىن 6-ئىيۇل كۈنى يازلىق تەتىل قىلىش ئۈچۈن تۈركىيەدىن خىتايغا كەلگەن. ئەمما ئۇ 15-ئىيۇل تۈركىيەگە قايتىش سەپىرىدە، بېيجىڭ ئايرودرومىدا تۇيۇقسىز غايىب بولغان. ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى قىز دوستى ئاتىكەم ئۇيغۇربىز تورىدا ئېلان قىلغان «مۇتەللىپ سىز قەيەردە؟» ناملىق ماقالىسىدە، مۇتەللىپنى بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى ئايروپىلان ئۇچۇش ئالدىدا «چاي ئىچىپ سۆھبەتلىشىش» نامىدا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

تۈركىيە ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ماگىستىر ئاسپېرانتى مۇتەللىپ ئىمىن بۇ يىل بېيجىڭدىكى قىز دوستىنى يوقلاپ قايتىش سەپىرىدە، 15-ئىيۇل بېيجىڭ ۋاقتى سەھەر 1:30 دا دە ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان ئايروپىلانغا چىقىشتىن 10 مىنۇت ئىلگىرى تۇيۇقسىز غايىب بولۇشى ئۇنىڭ بېيجىڭدىكى قىز دوستى ۋە ساۋاقداشلىرىنى ئەندىشىگە سالغان.

مۇتەللىپنىڭ قىز دوستى ئاتىكەم، مۇتەللىپ غايىب بولۇپ 172 سائەتتىن كېيىن، يەنى 22-ئىيۇل كۈنى ئۇيغۇربىز تورىدا ئۇيغۇرئاي تەخەللۇسىدا «مۇتەللىپ سىز نەدە؟» ناملىق ماقالىنى ئېلان قىلىپ، مۇتەللىپنىڭ بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن تۇتۇپ كېتىلگەن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ، جەمئىيەتتىن مۇتەللىپنىڭ دېرىكىنى قىلىشقا مۇراجىئەت قىلدى. ئاتىكەمنىڭ ئايرودرومدىكى خادىملاردىن ئىگىلىشىچە، ئىستانبۇلغا ئۇچىدىغان ئايروپىلان 15-ئىيۇل سەھەر سائەت 1:30 دا دەل ۋاقتىدا ئۇچقان، ئەمما مۇتەللىپ ئايروپىلانغا چىقمىغان.

مۇتەللىپ ئىمىن خوتەن لوپ ناھىيىسىدىن بولۇپ، ئۇ 2012-يىلى 6-ئايدا بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئىنگلىز تىلى تەرجىمانلىق كەسپىنى تۈگەتكەن. مۇتەللىپ ئىمىن تۈركىيە دۆلەتلىك ئوقۇش مۇكاپاتىغا ئىلتىماس قىلىپ، 2012-يىلى 10-ئايدا ئىستانبۇل ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ جەمئىيەتشۇناسلىق كەسپىدە ماگىستىرلىق ئوقۇشىغا قوبۇل قىلىنغان.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، مۇتەللىپ ئىمىن بېيجىڭ مەركىزى مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتقان مەزگىلىدە ئىلھام توختىنىڭ دەرسىنى ئاڭلىغان ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىرى. ئۇلار بىرنەچچە كۈندىن بۇيان مۇتەللىپ ئىمىننىڭ قەيەردە ۋە نېمە ئۈچۈن تۇتقۇن قىلىنغانلىقىنى جىددىي سۈرۈشتۈرۈۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما 22-ئىيۇلغىچە مۇتەللىپنىڭ ئېنىق دېرىكىنى ئالالمىغان.

ئىلھام توختى ئەپەندى يەنە، يېقىندىن بۇيان ئىلگىرى ئۇنىڭ لېكسىيىسىنى ئاڭلىغان بىرقانچە ئوقۇغۇچىنىڭ بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن «چاي ئىچىش» نامىدا ئېلىپ كېتىلىپ سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۇلارنىڭ تۇتقۇن قىلىنىشى دائىرىلەرنىڭ ئۇيغۇربىز تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئىگىلەش ئۈچۈن بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇربىز تورىنىڭ بېيجىڭدىكى باشقۇرغۇچىسى شۆھرەت ئىسىملىك ئوقۇغۇچىمۇ بۇ يىل 6-ئاينىڭ ئاخىرقى كۈنلىرىدە بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن ئەكىتىلىپ، 28 سائەتتىن كېيىن قويۇپ بېرىلگەن. ئۇيغۇربىز تورىنىڭ ساھىبى مۇستەقىل تەتقىقاتچى ئىلھام توختى ئەپەندىنىڭ 2-ئىيۇل كۈنى رادىئومىزغا بىلدۈرۈشىچە، ئەينى چاغدا شۆھرەت ئىسىملىك بۇ ئوقۇغۇچىمۇ بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى ساقچىلار تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان. شۆھرەت ساقچىلار تەرىپىدىن قويۇپ بېرىلگەندىن كېيىنلا، دوستلىرىغا ئۆزىنىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېلىپ كېتىلىپ 28 سائەت سوراق قىلىنغانلىقىنى، دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش خادىملىرى ئۇنىڭدىن ئۇيغۇربىز تورىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ھەم چەتئەل مۇخبىرلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىنى تاپشۇرۇشقا مەجبۇرلانغانلىقىنى يىغلاپ تۇرۇپ دەپ بەرگەن.

مۇتەللىپ ئىمىننىڭ قىز دوستى ماقالىسىدە مۇتەللىپنىڭ بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغداش ساقچىلىرى تەرىپىدىن مەخپىي تۇتقۇن قىلىنغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق بايانلارنى بەرگەن:
«مۇتەللىپ 6-ئىيۇل كۈنى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى. ئۇ شىمالىي مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇيدىغان بىر قىز ئوقۇغۇچىدىن ئىلگىرى ئارىيەت ئالغان پۇلنى قايتۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن، تۈركىيەگە قايتىشتىن بۇرۇن يەنى 13-ئىيۇل كۈنى بۇ قىز بىلەن ئالاقىلەشتى. بۇ قىز مۇتەللىپكە، ئۆزىنىڭ دىنىي ئېتىقاد سەۋەبىدىن بىرنەچچە كۈن ئىلگىرى بېيجىڭ ساقچىلىرى تەرىپىدىن سوراق قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، ئۆزىنى ئىزدىمەسلىكنى تەلەپ قىلدى. بۇ قىز يەنە، ساقچىلارنىڭ سوراق جەريانىدا ئۇنىڭدىن مۇتەللىپكە ئائىت ئەھۋاللارنى سورىغانلىقىنى ۋە مۇتەللىپنى تېپىپ بېرىشنى تەلەپ قىلغانلىقىنى بىلدۈرۈپ، مۇتەللىپنىڭ ئۆزىگە دىققەت قىلىشىنى قايتا-قايتا تاپىلىغان ئىدى. ئەنسىرىگەن ئىش ئاخىر يۈز بەردى. مۇتەللىپ ئىستانبۇلغا ماڭىدىغان ئايروپىلان قوزغىلىشتىن ئىلگىرى تۇيۇقسىز غايىب بولدى.»

ئاتىكەم ماقالىسىدە يەنە، ئىلھام توختى مۇئەللىمنىڭ ئۇنىڭغا «مۇتەللىپ دۆلەت قانۇنىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ھەرقانداق ئىشنى قىلمىغان تەقدىردىمۇ، بېيجىڭ دۆلەت ئامانلىقىنى قوغدىغۇچى خادىملار ئۇنى ھەرقانداق باھانە بىلەن تۇتقۇن قىلىشى ۋە ئۇنىڭغا ئۇ قىلمىغان ئىشلارنىمۇ ئارتىشى مۇمكىن» دېگەنلىكىنى، ئۇ ئۆزىنىڭ ۋە مۇتەللىپ ئىمىننى يېقىندىن تونۇيدىغان دوستلىرىنىڭ ئۇنىڭدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن.

ئۇيغۇربىز تورى بېيجىڭ مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ دوتسېنتى ئىلھام توختى ئەپەندى تەرىپىدىن قۇرۇلغان تور بېكىتى بولۇپ، نۆۋەتتە بۇ تور بېكىتى پەقەت چەتئەللەردىلا ئېچىلىدۇ. 2009-يىلى ئۈرۈمچىدە يۈز بەرگەن 5-ئىيۇل ئۈرۈمچى ۋەقەسىدە ئۇيغۇربىز تورى باشقا ئۇيغۇرچە تور بەتلەر بىلەن بىرلىكتە ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ تەيىنلەنگەن رەئىسى نۇر بەكرى تەرىپىدىن قۇتراتقۇلۇق قىلدى دەپ ئەيىبلىنىپ، ۋەقەدىن كېيىن تور بېكىتىنىڭ خىتاي ئىچىدىكى بېكىتى تاقىۋېتىلگەن ئىدى. تور بېكىتىنىڭ ساھىبى ئىلھام توختى ئەپەندى شۇندىن كېيىن كۆپ قېتىم نەزەربەند قىلىنىپ، ئۇنىڭ ھەرقانداق باھانىدە چەتئەلگە چىقىشى چەكلەنگەن ئىدى.

تۈزىتىش: ئىلگىرى بۇ خەۋەردە، مۇتەللىپ ئىمىن ئۇيغۇربىز تور بېتىنىڭ تور باشقۇرغۇچىسى بولۇپ قالغان. مۇتەللىپ ئىمىن ئۇىغۇربىز تورىنىڭ باشقۇرغۇچىسى ئەمەس، ھەم ئەزەلدىن بولۇپ باقمىغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.