ناگاساكىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا «5-ئىيۇل ۋەقەسى» مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى

0:00 / 0:00

ياپونىيەدىكى 2-دۇنيا ئۇرۇشىدا ئاتوم بومبىسىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان مەشھۇر شەھەر ناگاساكىدىكى خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا 5-ئىيۇل كۈنى ياپونىيەدىكى «مىللەتلەر كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەجلىسى» تەشكىلاتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن «5-ئىيۇل ۋەقەسى» نىڭ 5 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ياپونلار، ئۇيغۇرلار بىرلىكتە نامايىش ئېلىپ بارغان.

بۇ، ناگاساكى شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان تۇنجى نامايىش بولۇپ، نامايىشچىلار خىتاي كونسۇلخانىسىنىڭ ئالدىدا ئۆزلىرىنىڭ خىتاي ھۆكۈمىتىگە بولغان نارازىلىق باياناتىنى ئوقۇپ ئۆتكەن شۇنداقلا خىتاي كونسۇلخانىسىغا نارازىلىق باياناتىنى تاپشۇرغان.

نامايىش بىر سائەت ئەتراپىدا ئېلىپ بېرىلغان بولۇپ، نامايىشقا ياپونىيەدىكى «مىللەت كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى مەجلىسىنىڭ» مەسئۇلى ئىۋاناگا ئەپەندىم رىياسەتچىلىك قىلغان.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن تەپسىلاتىنى ئاڭلاڭ.