ئۆمەر بېكئالىنىڭ ئايالى ۋە كىچىك ئوغلى ئىستانبۇل ئايرودرومىدا تۇتۇپ قېلىنغان

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.09.17
omurbek-eli-ayali-omer-bekali.jpg ئۆمەر بېكئالىنىڭ خانىمى روشەنگۈل ۋە كىچىك ئوغلى مۇھەممەد بېكئالى ئىستانبۇل ئاتاتۇرك ئايرودرومىدا توسۇپ قېلىنىپ، بىر تەرەپ قىلىنىشنى كۈتۈپ تۇرغان مەزگىلدە ئۆزى ۋە ئوغلىنى سۈرەتكە تارتىپ ئەۋەتكەن. 2018-يىلى 16-سېنتەبىر، تۈركىيە.
RFA/Gülchéhre

خىتاينىڭ ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق مىللەتلەرنى قايتا تەربىيەلەش نامىدىكى لاگېرلارغا قانۇنسىز قاماپ، ئۇ جايدا قامالغانلارغا مېڭە يۇيۇش ۋە خورلاش ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقى ھەققىدە ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئاخباراتلارغا ئاشكارا ئىسپات بەرگەن قازاقىستان پۇقراسى ئۆمەر بېكئالى بىر قانچە ئاي ئىلگىرى قازاقىستاندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولغان ۋە ئىستانبۇلدا ئائىلىسى بىلەن يەنە قايتا جەم بولۇشنى ئەندىشە ئىچىدە كۈتمەكتە ئىدى. ھالبۇكى، مىڭبىر جاپادا يولدىشى ئۆمەر بېكئالى بىلەن جەم بولۇش ئۈچۈن ئالمۇتادىن كىچىك ئوغلىنى ئېلىپ ئىستانبۇلغا كەلگەن روشەنگۈل ۋە ئۇنىڭ كىچىك ئوغلى شۇ تاپتا ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايرودرومىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا. ئۆمەر بېكئالى ئىستانبۇل ئاتاتۇرك ئايرودرومىدا تۇرۇپ بىز بىلەن ئالاقىلەشتى. ئۇ ئايالىنىڭ تۇتۇپ قېلىنغانلىق ھەققىدىكى ئاۋازىنى ئەۋەتىپ بەردى.

روشەنگۈل: «ئۆمەر مېنى مايەردە تۇتۇپ ئېلىپ قالدى، پاسپورتۇڭ چاتاقكەن دەيدۇ...»
ئۆمەر بېكئالى: «-يىغلىما مەن ھازىر كىرىمەن...»

ئۆمەر بېكئالى ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ ياردىمى بىلەن 7-ئايدا ئىككى بالىسىنى ئىستانبۇلغا ئېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئايالى روشەنگۈل ۋە كىچىك ئوغلىنىڭ پاسپورت ھەم ۋىزا رەسمىيەتلىرىنى بېجىرىشى بىر مەھەل كاشىلىغا ئۇچراپ، بۇ ئائىلە ئالمۇتا ۋە ئىستانبۇلدا ئىككىگە بۆلۈنۈپ تۇرماقتا ئىدى.

ئايالى روشەنگۈل خانىم ۋە كىچىك ئوغلى مۇھەممەد بېكئالىنىڭ تۈركىيەگە كىرگۈزۈلمىگەندە ئۇلارنىڭ ئالدى بىلەن ئالمۇتاغا، ئاندىن خىتايغا قايتۇرۇۋېتىلىش ئېھتىماللىقى يۇقىرى ئىكەنلىكىدىن ئەندىشە قىلغان ئۆمەر بېكئالى رادىيومىز ئارقىلىق ئۆز باياناتىنى بىلدۈردى.

ئۇ مۇنداق دېدى: «روشەنگۈل ئاخشام 9دىن 15 مىنۇت ئۆتكەندە ئىستانبۇلغا چۈشكەن. ھازىر ئۇلار ئىچىدە پاسپورت كونترولىدا تۇرۇۋاتىدۇ. مەن سىرتتا ئىككى بالا بىلەن ساقلاۋاتىمەن. ئەگەر ياخشى كۈننىڭ يامىنى بولۇپ روشەنگۈلنى قايتۇرۇۋېتىدىغان ئىش بولسا بۇ ئائىلە مەڭگۈلۈك ئىككىگە بۆلۈنۈپ كېتىدۇ. ئايالىم روشەنگۈل تاشمۇھەممەد پاسپورتىنى ۋە 5 كۈن ئىچىدە قازاقىستاندىن چىقىپ كېتىش رەسمىيەتلىرىنى تولۇق بېجىرىپ، پاسپورتىغا چىقىش ۋىزىسىنى چاپلىتىپ، «ئاستانا ك س 911» قېتىملىق ئايروپىلاندا ئولتۇرۇپ، 2018-يىلى 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، سائەت 18:55 تە ئىستانبۇل ھاۋا لىنىيەسى بويىچە ئالمۇتادىن ئىستانبۇلغا قاراپ ئۇچقان. ئايروپىلان شۇ كۈنى سائەت 21:15 تە ئىستانبۇلغا قونغان. بىر سائەتتىن كېيىن روشەنگۈلنىڭ خىتاي پاسپورتى، ئوغلۇم مۇھەممەتنىڭ قازاقىستان پاسپورتى بىلەن ئىستانبۇل ئايروپورتىدا تۇتۇپ قېلىنغانلىقىدىن خەۋەر تاپتىم، مانا ھازىرغىچە قويۇپ بېرىلمىدى».

ئۆمەر بېكئالى ئۇيغۇر دىيارىدىكى تۈرمە ۋە ئاتالمىش تەربىيەلەش لاگېرىدا يېتىپ، قازاقىستان تەرەپنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن قازاقىستانغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خاتىرجەم ياشىيالماي تۈركىيە كەلگەن ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسى قايتا پارچىلىنىپ ھازىرغىچە جەم بولالماي كەلمەكتە ئىدى. خىتاي دائىرىلىرىنىڭ جازا لاگېرلىرىدىكى جىنايەتلىرىنى ئۆزىنىڭ كەچمىشلىرى ئارقىلىق خەلقئارالىق چوڭ مەتبۇئاتلارغا پاش قىلغان ئۆمەر بېكئالىنىڭ، نۆۋەتتە ئۇيغۇر دىيارىدا قالغان ئاتا-ئانىسى ۋە بارلىق قېرىنداشلىرىنىڭ لاگېرغا قامالغانلىقى مەلۇم. ئۆمەر بېكئالى ۋە ئۇنىڭ قازاقىستاندا تۇغۇلغان پەرزەنتلىرى قازاقىستان گىراژدانى بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئايالىنىڭ تېخى گىراژدانلىق رەسمىيەتلىرى پۈتمىگەنلىكى ئۈچۈن خىتاي پاسپورتىنى قوللىنىشقا مەجبۇر بولغان ئىدى.

لاگېر ھەققىدە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆمەر بېكئالىنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئىستانبۇل ئايرودرومىدىكى ساقچىلار روشەنگۈل ۋە ئىككى ياشلىق مۇھەممەتنىڭ پاسپورتىنى يالغان دېگەن گۇمان بىلەن تۇتۇپ قالغان. ئۆمەر بېكئالى «ئۇلارنىڭ پاسپورتى يالغان بولسا خىتايدىن قازاقىستانغا، قازاقىستاندىن تۈركىيەگە قانداق كېلەلەيتتى؟ بۇنىڭدا خىتاينىڭ قولى بار دېگەن گۇماندا ئىكەنلىكى» نى بايان قىلدى. ئۇنىڭ ئېيتىشىچە؛ روشەنگۈل 5 كۈن مۆھلەت ئىچىدە چېگرادىن چىقىپ كېتىش شەرتى بىلەن قازاقىستاندىن ئايرىلغان، ئەگەر ئۇلار قازاقىستانغا قايتۇرۇلسا ئۇلارنىڭ قازاقىستانغا كىرىش ۋىزىسى يوق بولۇپ، خىتايغا قايتۇرۇش ئېھتىمالغا يېقىن ئىكەن.

ئىستانبۇل ئايرودرومىدا ئەنسىز بىر كېچىنى ئەندىشە بىلەن تاڭغا ئۇلىغان روشەنگۈل خانىم، ئۆزى سولاپ قويۇلغان ئىشخانىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى. بۇ ئانا ئۆزىدىن بەكرەك يەنىلا ئۆزىنى تۆت كۆز بىلەن كۈتۈۋاتقان بالىلىرىنىڭ پەرىشان بولۇۋاتقانلىقىدىن پۇچۇلىنىۋاتاتتى. ئۇ مۇنداق دېدى:
«مەن ياخشى، ھازىر مېنى باشقا بىر قانچەيلەن بىلەن بىر ئىشخانىغا سولاپ قويدى، بىراق مۇئامىلىسى ياخشى، تاماقمۇ ئەكىرىپ بەردى. شۇ بالا كىچىك بولغاچقا يىغلاپ ئاۋارە قىلىۋاتىدۇ، ئاياقتا ئايروپورتتا تۈنۈگۈندىن بۇيان مېنى ساقلاۋاتقان ئىككى بالامچۇ تېخى؟. ئۇلار ئاپام چىقمىغۇچە كەتمەيمىز دەپ سوغۇق ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ چىقىپتۇ كېچىچە... خىتاي پاسپورتى بىلەن چۈشتۈم، ھەممە نېمەم بار قولۇمدا، ئالمۇتادىن چىقىپ كەتسە بولىدۇ دەپ سوتتىن بەرگەن قەغەز بار، تۈركىيەگە ئېلېكترونلۇق ۋىزاممۇ بار. قازاقىستاندىن ئۆز ئىختىيارىڭ بىلەن كېتىمەن دەۋاتىسەن، باشقىغا بىز كېپىل ئەمەس، بەش كۈن ئىچىدە چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ دېگەن ئىدى. بۇنداق بولارىنى بىلمىدىمدە مەن».

مۇخبىر: قانچىلىك ئايرىلىپ تۇردۇڭلار بۇ قېتىم؟

روشەنگۈل: ئۆمەر بىلەن ئىككىنچى قېتىم ئۇزۇن ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىمەن. بۇلتۇر 3-ئايدىن 11-ئايغىچە بىر ئايرىلدۇق، ئۆمەر قۇتۇلۇپ كېلىپ كېيىن بۇ يىل 5-ئاينىڭ 20-كۈنى تۈركىيەگە ماڭغان، مانا 4 ئاي بولدى ئايرىلىپ تۇرۇۋاتىمىز.
مۇخبىر: ئېرىڭىز يېنىڭىزدا يوق ئىقتىسادتىنمۇ قىينالدىڭىزمۇ؟

روشەنگۈل: شۇنداق، ئۆيدە ساتقۇدەك بار نەرسەمنىڭ ھەممىنى ساتتىم، پۇلغا يارىغۇدەك نەرسە بولسىلا سېتىپ باللىرىمنىڭ، يولدىشىمنىڭ يېنىغا باراي دەپتىمەنغۇ.

مۇخبىر: بۇ يەردىكى تۇتۇپ قالغان ساقچىلار نېمە دېدى؟

روشەنگۈل: بۇلار شۇ پاسپورتقا تىرەپ تۇرۇۋاتىدۇ، ھەممە نېمىنى شۇ پاسپورتقا تايىنىپ قانۇنلۇق رەسمىيەتلەرنىڭ ھەممىنى ئۆتەپ كەلگەن تۇرسام، ئۇ پاسپورتنى ئىشەنچلىك دەپ ئويلايمەندە، پاسپورتۇڭدا مەسىلە بار دەيدۇ، خىتاي دۈشمەنلىك قىلغان بولسا مەن ئۇنى بىلمەيمەن دېدىم. مەن شۇنىڭدىن گۇمانلىنىۋاتىمەن.

مۇخبىر: ھازىر سىزنى ئېنىق قاچان قويۇپ بېرىدىغىنىنى دېدىمۇ؟

روشەنگۈل: ياق تېخى، تۈنۈگۈن مېنى ئالمۇتاغا قايتۇرۇۋەتمەكچىمۇ بولغان. ئەگەر مېنى قايتۇرۇۋەتسە خىتايغا قايتۇرۇشى مۇمكىندە، چۈنكى مېنىڭ قازاقىستاندا قانۇنلۇق تۇرىدىغان ۋىزاممۇ يوق ھازىر. قازاقىستانغا قايتۇرۇلسام، ئۇلار مېنى خىتايغا قايتۇرۇپ بېرىشى مۇمكىن.

بىز ئىستانبۇل ئاتا تۈرك ئايروپورتى تاموژنا ۋە ساقچى ئىشخانىلىرىغا تېلېفون قىلغان بولساقمۇ، ئۇلار بىلەن ئالاقە باغلاش مۇمكىن بولمىدى.

تۈركىيەدە پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ رەئىسى ھىدايەتۇللا ئوغۇزخان، مەزكۇر تەشكىلاتنىڭمۇ بۇ كېلىشمەسلىكتىن خەۋىرى بارلىقى ۋە تۈركىيە كۆچمەنلەر ئىدارىسىنىڭ باش دىرېكتورىنىڭ ئۆزىگە «ئۇلارنى قايتۇرمايمىز، تۈركىيەگە كىرىدۇ، مۇناسىۋەتلىك رەسمىيەتلىرى تۈگىگەن ھامان يېقىن ئارىدا قويۇپ بەرمەكچى» دېگەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۆمەر بېكئالى پۈتۈن خەلقئارا مەتبۇئاتلارغا ئۆزىنىڭ ئاۋازىنى تارقىتىشنى خالايدىغانلىقى ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتىنى خىتاينىڭ رەھىمسىز جىنايەتلىرىگە قاراپ تۇرماسلىقىنى، ئەگەر روشەنگۈل ۋە كىچىك ئوغلى خىتاي ياكى قازاقىستانغا قايتۇرۇلغاندا، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ۋە تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى ئۈچۈنمۇ ئوخشاشلا پايدىسىز بولىدىغانلىقىنى ئەسكەرتتى.

ھازىرغا قەدەر بىر قانچە خەلقئارالىق ئاخبارات ئاگېنتلىقلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆمەر بېكئالى ئائىلىسىنىڭ بۇ كرىزىستىن قۇتۇلۇشىغا كۆڭۈل بۆلۈۋاتقانلىقى مەلۇم.

ئۆمەر بېكئالىنىڭ بۈگۈن يەنى، 17-سېنتەبىر سائەت 10 دا بەرگەن ئەڭ يېڭى ئۇچۇرىغا قارىغاندا، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئىنسان ھەقلىرى كوممىسارتلىقى ئىستانبۇلدا تۇرۇشلۇق ئىشخانىسىنىڭ خادىمى، ئۆمەر بېكئالىغا خەۋەر بېرىپ، ئۆزلىرىنىڭ ئىستانبۇل تاموژنا خادىملىرى بىلەن ئالاقە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن ۋە روشەنگۈلنىڭ قايتۇرۇلمايدىغان بولغانلىقىنى، روشەنگۈل تۈركىيەگە پاناھلىق ئىلتىماسىنى سۇنسا بولىدىغانلىقى، ئۆزلىرىنىڭ ئۇلارنى بۇ كرىزىستىن قۇتۇلدۇرۇشقا ھەمكارلىشىدىغانلىقىنى ئېيتقان، ئەمما قاچان قويۇپ بېرىلىدىغىنى ئېنىق ئەمەس بولۇپ، دائىرىلەر ئۇلارغا يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ بۇيرۇقىنى كۈتۈۋاتقانلىقىنى دېگەن ئىكەن.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.