يوپۇرغىدا دائىرىلەرنىڭ تۇتقۇنلارنى پارتىيىگە مىننەتدارلىق مەزمۇنىدا ئائىلىسىگە خەت يازدۇرۇۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا
2017.08.04

يېقىندا يوپۇرغىدىكى ئاھالىلەردىن بىرى ئۆزى قاتنىشىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىدا مەھبۇسلارنىڭ پارتىيىگە مىننەتدارلىق مەزمۇنىدا ئائىلىسىگە يازغان خەتلىرىنىڭ ئوقۇلۇۋاتقانلىقىنى بايان قىلغان ئىدى. مۇخبىرىمىزنىڭ يېقىندا يوپۇرغىدىكى بىر ساقچىخانا خادىمى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبىتى داۋامىدا، تۇتقۇن گۈلنار ئابلەتنىڭ ئائىلىسىگە يازغان خېتىنىڭ مەزمۇنى ئاشكارىلاندى. ساقچى خادىمى تەرىپىدىن ئوقۇپ بېرىلگەن مەزكۇر خەتنىڭ مەزمۇنى يېزىلىش ئۇسلۇبىدىن، بۇ تۈردىكى خەتلەرنىڭ ئالاقىدار دائىرىلەر تەرىپىدىن مەجبۇرى يازدۇرۇلىۋاتقانلىقى مەلۇم بولماقتا. تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسى دىققىتىڭلاردا بولىدۇ.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، 4 ئاينىڭ ئالدىدا يوپۇرغىدىكى پەرزەنتى مىسىردا ئوقۇۋاتقان بىر ئائىلىنى زىيارەت قىلغان ۋاقتىمىزدا، ئۇ يولدىشى ۋە چوڭ ئوغلىنىڭ مىسىردا ئوقۇۋاتقان ئوغلى سەۋەبلىك تۇتۇپ تەربىيىلىنىۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان؛ ئۇ شۇنىڭ بىلەن بىرلىكتە ئۆزى ۋە كېلىنىنىڭ كەنتتە ئېچىلىۋاتقان سىياسىي ئۆگىنىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىۋاتقانلىقى، بۇ يىغىندا، تۇتۇپ تۇرۇپ تەربىيىلەش مەركىزىدە تەربىيىلەۋاتقان تۇتقۇنلاردىن كەلگەن خەتلەرنىڭ ئوقۇلۇپ ئۆتىلىدىغانلىقىنى مەلۇم قىلغان. ئۇنىڭ بايان قىلىشىچە بۇ تۈردىكى مەكتۇپلاردا، ئۆزلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى شارائىتلىرىنىڭ ئىنتايىن ياخشىلىقى، تۇتقۇنلارنىڭ پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتكە بولغان مىننەتدارلىقى بايان قىلىنغان ۋە ئۇلارنىڭ جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن، ئۆگەنگەن قانۇن بىلىملىرىگە تايىنىپ تەكرار خاتالىق ئۆتكۈزمەيدىغانلىقى ۋە ئائىلىسىنى يېتەكلەيدىغانلىقى بايان قىلىنغان.
بىز بۈگۈن يوپۇرغىدىكى مىسىردىن قايتقان ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئەھۋالىنى ئېنىقلاش داۋامىدا، يۇقىرىقىغا ئوخشاش مەزمۇندا يېزىلغان بىر پارچە مىننەتدارلىق خېتىنىڭ سىيەك يېزىلىق ساقچى خادىمىنىڭ قولىدا بارلىقىدىن خەۋەردار بولدۇق. ئۇ قولىدىكى خەتنىڭ مەزمۇنى تۆۋەندىكىچە ئوقۇپ بەردى. ئەينەن ئاشكارىلانغان بۇ خەتنىڭ مەزمۇنى، يېزىلىش شەكلى ۋە يېزىلىش زۆرۈرىيىتىدىن قارىغاندا، نۆۋەتتە بۇ خىل خەتلەرنىڭ تۇتقۇنلارنىڭ ئۆز ئارزۇسى بىلەن ئەمەس، مەسئۇل خادىملارنىڭ زورلىشى بىلەن يېزىلىۋاتقانلىقى، ياكى خادىملار ئۆزلىرى يازغاندىن كېيىن، ئۇنى تۇتقۇنلار نامىدا ئائىلىسىگە ئەۋەتىۋاتقانلىقى پەرەز قىلىنماقتا.