پاتىگۈل غۇلام: گۇەنتانامو تۈرمىسى ھەققىدە تەسىراتلىرىنى بايان قىلدى

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2014.01.28
guentanamo-turmisi.jpg گۇەنتانامو تۈرمىسىنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2013-يىلى 24-ئۆكتەبىر.
AFP

گۇەنتانامو تۈرمىسىدىكى ئەڭ ئاخىرقى ئۈچ ئۇيغۇرنى سلوۋاكىيەگە ئورۇنلاشتۇرغانلىق خەۋىرى، خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىش بىلەن بىرلىكتە، بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئۇيغۇرلارنى بەكلا سۆيۈندۈردى.

بۇ خەۋەر يەنە ئۆز نۆۋىتىدە ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى مەھبۇسلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى، بولۇپمۇ غايىبلار ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى باشقىچە ئويلاندۇردى. بۇ ئائىلىلەردىن قەيسەر ئانا پاتىگۈل غۇلام، بۈگۈن مۇخبىرىمىزغا قىلغان سۆزىدە ئۆزىنىڭ گۇەنتانامودىكى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشىدىن سۆيۈنگەنلىكىنى ۋە ئۇلارغا ئامانلىق تىلەيدىغانلىقىنى بىلدۈرۈش بىلەن بىللە يەنە، ئۈرۈمچىدىكى تۈرمىلەر بىلەن گۇەنتانامو تۈرمىسىنى سېلىشتۇرۇپ، خىتاي تۈرمىلىرىنى «ئادەم يەيدىغان تۈرمىلەر» دەپ ئەيىبلىدى.

يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن مۇخبىرىمىز تەييارلىغان پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.