رابىيە قادىر خانىم خەلقئارا جەمئىيەتنى پاتىگۈل غۇلامنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەت قىلىشقا چاقىردى

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2016.03.30
rabiye-qadir-yaponiye.jpg د ئۇ ق رەئىسى رابىيە قادىر خانىم مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا سۆز قىلماقتا. 2013-يىلى 2-ئىيۇن، توكيو.
AFP

5-ئىيۇل غايىبلىرىدىن ئىماممەمەت ئېلىنىڭ ئانىسى پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ ليۇداۋان تۈرمىسىگە قامالغانلىقى مەلۇم بولدى. رادىئومىز ئارقىلىق پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالىدىن شۇنداقلا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇنىڭغا يېپىق سوت ئاچىدىغانلىقىدىن خەۋەردار بولغان ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى ئۇنىڭ تۈرمىدىن قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ھەرىكەتكە كەلمەكتە. بۈگۈن بۇ ھەقتە مەخسۇس ئىنكاس قايتۇرغان ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتى رەھبىرى رابىيە قادىر خانىم، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوبامانىڭ نۆۋەتتە دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنى ئۈچۈن ۋاشىنگتونغا كەلگەن شى جىنپىڭدىن، بالىلىرى ناھەق تۈرمىلەرگە سولانغان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ سىمۋولى بولغان پاتىگۈل غۇلامنى شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى تەلەپ قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى ۋە پۈتۈن دۇنيادىكى ئادالەتپەرۋەر دۆلەت ۋە تەشكىلاتلارنىمۇ ئوخشاشلا بۇ مەسىلە كۆڭۈل بۆلۈشى ۋە خىتايغا بۇ ھەقتە بېسىم ئىشلىتىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بېرىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

ئۈرۈمچىدىن رادىئومىزغا ئۇچۇر بەرگۈچى مەلۇم بىر كىشى گەرچە، يىللاردىن بۇيان 5-ئىيۇل ۋەقەسىدە غايىب بولغان ئوغلىنى ئىزدەشنى توختاتمىغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ 2014-يىلى 5-ئاينىڭ 27‏-كۈنى خىتاي دۆلەت بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچىدىكى ئۆيىدىن تۇتۇپ كېتىلگەنلىكى ۋە  7-ئاپرېل ئۇنىڭ ئۈستىدىن ئائىلىسىدىكىلەرنىمۇ قاتناشتۇرماستىن يېپىق سوت ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىغان بولسىمۇ، ئەمما پاتىگۈل غۇلامنىڭ قەيەردە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقى نامەلۇم ئىدى، بۈگۈن بۇ ھەقتە رادىئومىزغا يەنە بىر كىشى پاتىگۈل خانىمنىڭ ئىككى يىلغا يېقىن ۋاقىت ئۈرۈمچىدىكى ئاساسلىق سىياسىي جىنايەتچىلەر قامىلىدىغان ليۇداۋان تۈرمىسىگە قامالغانلىقى ھەققىدە ئۇچۇر يەتكۈزدى.

بۇ ئۇچۇرنى دەلىللەش ئۈچۈن 30-مارت چارشەنبە ئۈرۈمچى ليۇداۋان تۈرمىسى بىلەن ئالاقىلەشتۇق، تۈرمىنىڭ سىياسىي باشقارمىسىدىن بىر خىتاي نۆۋەتچى ساقچى خادىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلدى، ئۇ، پاتىگۈل غۇلامنىڭ بۇ تۈرمىدە ياكى ئەمەسلىكىگە ئېنىق جاۋاب بەرمىدى پەقەت «بۇنى ئېنىق بىلمەيمەن، بەلكىم ئالاھىدە قاتتىق باشقۇرۇلىدىغان تارماقتا بولۇشى مۇمكىن» دېدى.

يېپىق سوت ئادەتتە تۈرمە ئىچىدە ئېچىلامدۇ؟ دەپ سورىغان سوئالىمىزغا بولسا «بۇ ھەقتە جاۋاب بېرەلمەيمەن، ئەڭ ياخشىسى تۇتقۇننىڭ ئادۋوكاتىدىن سوراڭلار» دەپ جاۋاب بەردى.

دائىرىلەرنىڭ ئۈرۈمچىدە پاتىگۈل غۇلام خانىم ئۈستىدىن 7-ئاپرېل يېپىق سوت ئاچماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى ئىگە بولغان ئۇچۇرلىرىمىز ئاڭلىتىلغاندىن كېيىن، چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرىنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى قوزغىدى. شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پاتىگۈل غۇلامنى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن ھەرىكەت باشلىغانلىقى مەلۇم. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بۇ ھەقتە بۈگۈن رادىئومىزغا ئىنكاس قايتۇرۇپ ئۆزىنىڭ پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئەھۋالىدىن ئەنسىرەۋاتقانلىقىنى، ئەمما يەنە بۇ خەۋەرنىڭ دۇنيا يادرو بىخەتەرلىك يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن شى جىنپىڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەر قايسى دۆلەتلەرنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى پايتەخت ۋاشىنگتونغا يىغىلىۋاتقان مۇشۇ پەيتتە ئوتتۇرىغا چىققانلىقى ئۈچۈن، ئىلاجسىز قالغان پاتىگۈل غۇلامنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بېرىۋاتقان تىرىشچانلىقىنىڭ ياخشى نەتىجە بېرىدىغانلىقىدىن ئۈمىدى بارلىقىنى بىلدۈردى.

«پاتىگۈل غۇلام -5 ئىيۇلدا پەرزەنتى خىتاي تەرىپىدىن غايىب قىلىۋېتىلگەن ئانىلارنىڭ ۋەكىلى، ئادالەت يولىدا توختىماي كۈرەش قىلىۋاتقان ئۇيغۇر ئانىلارنىڭ، زۇلۇمغا ئۇچراۋاتقان ئۇيغۇر خەلقىنىڭ سىمۋولى»‏-دېگەن رابىيە قادىر خانىم ۋاشىنگتوننى مەركەز قىلغان ئۇيغۇر پائالىيەتچىلىرىنىڭ، نۆۋەتتە جىددىي ھەرىكەتكە كېلىپ ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى ۋە ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقىدىكى مۇناسىۋەتلىك ئەربابلار بىلەن كۆرۈشۈپ، پرېزىدېنت ئوبامادىن شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەندە پاتىگۈل غۇلام ۋە ئىلھام توختىغا ئوخشاش بىگۇناھ قامالغان بارلىق سىياسىي ۋە ۋىجدان مەھبۇسلىرىنىڭ شەرتسىز قويۇپ بېرىشنى ئوتتۇرىغا قويۇشىنى تەلەپ قىلغان.

رابىيە قادىر خانىم يەنە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ پاتىگۈل غۇلام خانىمنى، ئۆزىنىڭ قانۇنلۇق ھەق-ھوقۇقىنى تەلەپ قىلغانلىقى، ئادالەت تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈنلا ناھەق تۈرمىگە سولاپ،جازالىغانلىقىنىڭ خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى زۇلۇمىنىڭ بىر ئىسپاتى ئىكەنلىكىنى كۆرسەتتى.

رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىز داۋامىدا پاتىگۈل خانىمنىڭ «ليۇداۋان تۈرمىسى» دىن ئىبارەت ئۆزىمۇ ئىلگىرى زور رىيازەت، زۇلۇم چەككەن قارا كۈنلەرنى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تۈرمىدە ئىكەنلىكىنى ئاڭلاپ پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ قانچىلىك قىيىن-قىستاققا ئۇچراۋاتقانلىقىنى قىياس قىلالايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ: «مەنمۇ ئۆز ۋاقتىدا ليۇداۋان تۈرمىسىگە سولانغان، ئۇ تۈرمە ئەمەس بىر باستۇرۇق، خىتاينىڭ ئەڭ قاتتىق جازالىرى ۋە زۇلۇملىرى يۈرگۈزۈلىدىغان بىر قارا تۈرمە. شۇڭىمۇ پاتىگۈل غۇلام خانىمنىڭ قانداق ئاسارەتلەر چېكىۋاتقىنىنى كۆز ئالدىمغا ئېلىپ كېلەلەيمەن. ئۇنىڭ تېز ۋە شەرتسىز قۇيۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن بۇ يولدا ئاخىرغىچە ھەرىكىتىمىزنى توختاتمايمىز ۋە بۇنىڭغا دۇنيا جامائەتچىلىكى قاراپ تۇرمايدۇ دەپ ئىشىنىمەن» دېدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.