يېقىندا «پاتىگۈل ئانا بىر ئوغلىنى يوقاتتى، ئەمما ئۇ يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان ئوغۇل - قىزلارغا ئېرىشكۈسى!» دەپ يېزىلغان بىر مۇراجىئەتنامەنى تاپشۇرۇق ئالدۇق . ئۇيغۇر دىيارىنىڭ سىرتىدىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار نامىدا ئەۋەتىلگەن بۇ مۇراجىئەتتە، ئۇلار يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پاتىگۈل غۇلام توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تولىمۇ ئېچىنغانلىقى ۋە دائىرىلەرنىڭ بۇ ئانىنى ناھەق سوتلاپ جىنايەتچىگە ئايلاندۇرۇپ قويىشىدەك ئادالەتسىزلىككە جىددىي نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ھەمدە بۇ ئانىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىشىنى جىددىي تەلەپ قىلىدىغانلىقى بايان قىلىنغان. مۇراجىئەتنامىنى يازغۇچىلار يەنە ئوزلىرىنىڭ ھەر خىل تىللاردا، ھەر مىللەت ۋە دۆلەت كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ خىتابنى تاكى بۇ ئانا ئەركىنىلىكنىڭ تەمىنى تېتىغۇچە ھەرگىز توختىتىپ قويماي دۇنياغا ئاڭلىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۇرگەن. پاتىگۈل غۇلامنىڭ تەقدىرىگە كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان بۇ زىيالىيلارنىڭ ۋەكىللىرى بۈگۈن بىز بىلەن ئالاقە باغلىدى.
پاتىگۈل غۇلام ئانىنىڭ - 5 ئىيۇلدا غايىپ قىلىۋېتىلگەن ئوغلىنى ئىزدەش يولىدا يىللاردىن بۇيان يولۇققان جەبرى - جاپالىرى، دائىرىلەرنىڭ تەھدىت، سوئال - سوراقلىرى رادىيومىز ۋە باشقا تاراتقۇىلاردا دۇنياغا ئاشكارىلانغان ئىدى، ئىككى يىلچە ئاۋازى ئۆچكەن بۇ ئانىنىڭ ئەسلىدە خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنىپ يېقىندا ناھەق ھالدا سوتلىنىدىغانلىقى ھەققىدىكى ئۇچۇرلار تارالغاندىن كېيىن، بۇ بىگۇناھ ئانىنىڭ ئېچىنىشلىق قىسمىتى ئوخشىمىغان مىللەت ۋە دۆلەتلەردىكى ئادالەتپەرۋەر، ئىنسانپەرۋەر ئىنسانلارنىڭ نارازىلىقىنى قوزغاپ، بۇ ئانا توغرىسىدىكى غۇلغۇلا ۋە مۇنازىرىلەر بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئەۋجىگە چىقىشقا باشلىدى.
بۇ ئارىدا، رادئىومىزمۇ چەتئەللەردىكى بىر قىسىم ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نامىدىن يېزىلغان بىر مۇراجىئەتنامە تاپشۇرۇۋالغان بولۇپ، ئۇنىڭدا مۇنداق يېزىلغان :
«بىز ۋەتەن سىرتىدىكى ھەق سۆيەر ئۇيغۇر زىيالىيلىرى نامىدىن شۇنى خىتاپ قىلماقچىمىز، يېقىندىن بۇيان ھەر قايسى ئاخبارات ۋە ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىدىن پاتىگۈل غۇلام ئانا توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى كۆرۈپ تولىمۇ ئېچىندۇق. پاتىگۇل ئانا پەقەت ۋە پەقەت ئۆز يۈرەك پارىسى ئوغلىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلغانلىقى ئۇچۇنلا نۇرغۇن دېشىۋارچىلىقلارغا ئۇچراپتۇ ۋە قۇربانلىقلارنى بېرىپتۇ. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، بۇ قەدىرلىك ئانا سوراققا تارتىلىپ، تۈرمىدىكى جىنايەتچى مەھبۇسلارنىڭ بىرىگە ئايلىنىپ قېلىش خەۋپىدە ئىكەن. شۇنى ئېتىراپ قىلىشىمىز كېرەككى، مىڭ بىر مۇشەققەتتە بېقىپ چوڭ قىلغان جېگەر پارىسىنىڭ ئىز - دېرىكىنى قىلىشى، ئاتا - ئانا بولغۇچىلارنىڭ، بولۇپمۇ ئۆز باغرىنى يېرىپ، ئۇنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئانىنىڭ دەخلىسىز ھوقۇقىدۇر! بىر ئانا قۇش چېغىدا چاڭگىسىدىن ئوغرىلىنىپ كەتكەن قۇش بالىسىنى ئىزلەپ نالە قىلىدۇ! ئەڭ ئەقەللىي قانۇنى ھوقۇقتىن سۆز ئاچساق، مۇناسىۋەتلىك ئورگانلارنىڭ پاتىگۈل غۇلامنىڭ ئائىلە ئەزالىرىغا ئۇنىڭ ئۆلۈك - تىرىكى، تۇتۇپ تۇرۇلغان ئورنى قاتارلىق ئاساسىي ئۇچۇرلارنى تەمىنلەش مەجبۇرىيىتى بار. بىز گەرچە جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ ئەدلىيە قانۇنىنىڭ ئاساسەن مۇكەممەل ئىكەنلىكىگە كۆز يۇممىساقمۇ، لېكىن بۇ پىداكار ئانىنىڭ ئېچىنىشلىق ھېكايىلىرى بىزگە قىسمەن قانۇن ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ قانۇننى ئىجرا قىلىشىدىكى مەسئۇلىيەتسىزلىك، ئۆزلىرىنىڭ قانۇنىغا ئۆزلىرى رىئايە قىلماسلىقتەك ئىككى يۈزلىمە ۋە قانۇنسىز قىلمىشلىرىنى كۆرسىتىپ، ھەممىمىزنى قاتتىق چۆچۈتتى. بىز ۋە باشقا ھەق سۆيەر ئىنسانلار بىرلىكتە بۇ ئۇلۇق ئانىنىڭ دەرھال قويۇپ بېرىلىشىنى ۋە ئوغلىنىڭ ئاقىۋىتى توغرىلىق ئېنىق جاۋاب بېرىلىشىنى قەتئىيلىك بىلەن جىددىي تەلەپ قىلىمىز!»
مەزكۇر مۇراجەتنامىدە يەنە مۇنداق دېيىلگەن :
«گەرچە بۇ ئەركىنلىك ئانىنىڭ پەرزەنتىنى يوقاتقان قەلب يارىسىغا مەلھەم بولالمىسىمۇ، ھېچ بولمىسا جۇڭگو قانۇن ۋە ئەدلىيە ئورگانلىرىنىڭ گۇناھسىز ئانىلارنى تۈرمىگە قامىمايدىغانلىقىدىن ئىبارەت بىر ئەمەلىيەتنى دۇنياغا جاكارلاپ قالسا ئەجەپ ئەمەس! پاتىگۈل ئانىنىڭ ئەركىنلىككە چىقىشىغا ئەگەشكەن ئاۋازلار ۋە بۇ توغرىسىدىكى خىتابنامىگە قويۇلغان ئىمزالار كۈندىن - كۈنگە كۆپەيمەكتە، دۇنيا بۇ ئانىنىڭ زارىغا يىغلىماقتا، قانۇن ۋە ئادالەت ئۆزىنىڭ دەپسەندە قىلىنغىنىغا ئېچىنىپ ياش تۆكمەكتە ۋە غەزەبلەنمەكتە! بىز بۇ چېكىدىن ئاشقان ھەقسىزلىككە قاتتىق نارازىلىق بىلدۈرىمىز! بىزنىڭ ئاۋازىمىز زورايسا زورىيىدۇكى، ھەرگىز توختاپ قالمايدۇ، پۈتۈن دۇنيادىكى مۇناسىۋەتلىك ئىنسانلار، ئورگانلار، ۋاستىلەر ئارقىلىق ھەر خىل تىللاردا، ھەر مىللەت ۋە دۆلەت كىشىلىرى بىلەن بىرلىكتە بۇ ھېكايىمىزنى تاكى بۇ ئۇلۇق ئانا ئەركىنىلىكنىڭ تەمىنى تېتىغۇچە ھەرگىز توختىتىپ قويماي پۈتكۈل دۇنياغا ئاڭلىتىپ تۇرىمىز ۋە ھەر بىر يۈرىكى، ۋىجدانى ئويغاق ئىنساننى بۇ خىتابنامىگە ئاۋاز قوشۇشقا چاقىرىق قىلىمىز!
دۇنيا ئادالەتسىزلىك بىلەن تىنچ ۋە گۈزەل ئەمەسكى، ئادالەت سادالىرىنى بىللە ياڭرىتىدىغانلار بىلەن خاتىرجەمدۇر! ئەڭ ئاخىرىدا دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئۆز پەرزەنتلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن، سۆيگەن كىشىلىرىدىن ھەقسىز ئايرىلىپ قالغان بارچە ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ يالغۇز ئەمەسلىكىنى بىلدۈرىمىز. پاتىگۈل ئانا بىر ئوغلىنى يوقاتتى، ئەمما ئۇ يۈزلىگەن ۋە مىڭلىغان ئوغۇل - قىزلارغا ئېرىشكۈسى!»
بۇ چاقىرىقنى ئېلان قىلغۇچى ئۇيغۇر زىيالىيلار ۋەكىللىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، چاقىرىققا ئاۋاز قاتقان كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر زىيالىيلار ئاساسەن فرانسىيە، ئەنگىلىيە، گېرمانىيە، نورۋېگىيە، شۋېتسىيە، ئاۋستىرىيە، ئامېرىكا قاتارلىق ئەللەردىكى داڭلىق ئۇنىۋېرستېتلارنىڭ دوكتور ۋە دوكتور ئاشتى ئوقۇغۇچىلىرى ھەمدە تەتقىقاتچىلار بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ ساندىكىسى يېقىن كەلگۈسىدە ئۇيغۇر ئېلىغا قايتىپ تەتقىقات ۋە باشقا خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىش ئالدىدا بولغىنى ئۈچۈن، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ بىھۇدە ئاۋارىچىلىقلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش يۈزىسىدىن نام - شەرىپىنى ئاشكارىلاشقا ئىمكانسىز بولسىمۇ، ئەمما سۈكۈت قىلىپ تۇرالمايدىغانلىقىنى ۋە بۇ ئادالەتسىزلىككە قارشى ئىپادە بىلدۈرۈش مەجبۇرىتى بار دەپ تونۇغانلىقى ئۈچۈن پىكىر بىرلىكى ھاسىل قىلىپ تەشۋىقات پائالىيەتلىرىنى باشلىغان. بۇ زىيالىيلار ئۆز تىلى ۋە خىتاي تىلىدىن باشقا يەنە، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان، بىلىم ئېلىۋاتقان ئەللەرنىڭ تىللىرىنىمۇ پىششىق بىلىدىغان بولغاچقا ھېچ بولمىغاندا بۇ ئەۋزەللىكلىرىدىن پايدىلىنىپ، پاتىگۈل غۇلامنىڭ ۋەزىيىتىنى ھەر خىل تىللاردا باشقا خەلق ۋە ئادالەتپەرۋەر تەشكىلاتلارغا يەتكۈزۈش يوللىرى ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدەنمەكتە ئىكەن. ئۇلار يەنە بۇ مۇراجىئەتنامىنىڭ رادىيومىزغا يەتكۈزۈلگەندىن باشقا، ھەر قايسى ئەللەردىكى خىتاي ئەلچىخانىلىرىغا ئەۋەتىلىدىغانلىقىنى، ھازىر فەيسىبوك تور بېتىدە«پاتىگۈل غۇلام ئانا» نامىدا مەخسۇس بەت ئېچىلىپ، ئاۋاز يىغىلىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.
0:00 / 0:00