كېرىيەدىكى ھامىلە قەتلىئام قىلىش ۋەقەسىدە يېتەكچى رول ئوينىغان يېزا باشلىقى ئەنىۋەر ئىسمايىل خىزمىتىدىن توختىتىلدى
2014.03.14
ئۆتكەن يىلنىڭ ئاخىرىقى كۈنلىرى كېرىيەنىڭ ئارىش يېزىسىدا ھامىلە قەتلىئام قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ ئانا قارنىدىكى 6 ئايلىقتىن 9 ئايلىققا قەدەر بولغان 4 ھامىلە مەجبۇرىي چۈشۈرىۋېتىلگەن ئىدى. ۋەقە ئۈندىدار ۋە خەلقئارا ئاخبارات ۋاستىلىرى ئارقىلىق دۇنياغا ئاشكارىلانغاندىن كېيىن خوتەن ۋىلايەتلىك ۋە كېرىيە ناھىيەلىك ئالاقىدار ئورگانلار ۋەقە ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. تەكشۈرۈشتىن كېيىن ئۆتكەن ئايدا زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە بېرىپ ئەپۇ سورىغان خىتاي دائىرىلىرى، مۇشۇ ئاينىڭ بېشىدا مەزكۇر ۋەقەدە يېتەكچى رول ئوينىغان مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەنىۋەر ئىسمايىلنى خىزمىتىدىن توختاتقان. ئەمما ۋەقەنىڭ باش رولچىسى خىتاي سېكرىتار سۈن جىبىڭغا ھېچقانداق جازا كەلمىگەن.
تۆۋەندە مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە تەييارلىغان پروگراممىسىنى ئاڭلايسىلەر:
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، خوتەن ۋىلايەتلىك ئالاقىدار ئورگانلار كېرىيەدە يۈز بەرگەن ھامىلە قەتلىئام قىلىش ۋەقەسى ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغاندىن كېيىن، ۋەقە يۈز بەرگەن نۇرلۇق دوختۇرخانىسىغا 400 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان. مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلايەت يەنە ئارىش يېزىلىق ھۆكۈمەتكىمۇ 1 مىليون 200 مىڭ سوم جەرىمانە قويغان؛ بۇ جەرىمانە پۇلنى يېزا تەۋەسىدىكى بارلىق ئىشچى - خىزمەتچىلەردىن تۇتۇۋالغان. ئەمما، بۇ پۇل زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەرگە بېرىلمىگەن، پۇل ۋىلايەت مالىيەسىگە ئاغدۇرۇلغان.
يەنە مەلۇم بولۇشىچە، ۋىلايەت ۋەقەنىڭ سادىر بولۇشىدا يېتەكچى رول ئوينىدى دەپ قارىغان يېزا باشلىقى ئاۋاتخان بىلەن مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەنىۋەر ئىسمايىلنى خىزمىتىدىن توختىتىش ھەققىدە بۇيرۇق چۈشۈرگەن. ئەمما ناھىيەدىكى دائىرىلەر يېزا باشلىقى ئاۋاتخاننى خىزمەتتىكى باشقا نەتىجىلىرىنى كۆزدە تۇتۇپ، جازادىن قوغداپ قالغان. دائىرىلەر پىلانلىق تۇغۇتقا مەسئۇل يېزا باشلىقى ئەنىۋەر ئىسمائىلنى، ۋەقەنى ۋىلايەتكە ئالدىن مەلۇم قىلمىغان يەنى ھامىلە چۈرۈشنىڭ ئالدىدا ئەھۋالنى يۇقىرىغا دوكلات قىلمىغان دېگەن ئەيىبلىمە بىلەن خىزمەتتىن توختاتقان.
ۋەقە يۈز بەرگەن مەزگىلدىكى تېلېفون زىيارەتلىرىمىز داۋامىدا يېزا باشلىقى ئاۋاتخان ئۆزىنىڭ خاتا قىلغانلىقىنى ئۈستىگە ئېلىپ ھامىلە قەتلىئامىنى ئەمدى توختىدىغانلىقىنى ئېيتقان ۋە دوختۇرخانىدا نۆۋەت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقان ھامىلدار ئايالنى دوختۇرخانىدىن قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېيتقان. ئاۋاتخان يەنە يېزىلىق پارتكوم سېكرىتارى سۈن جىبىڭنىڭمۇ بۇ ئىشتىن خەۋىرى بارلىقىنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق، ۋەقەدىكى جاۋابكارنىڭ يالغۇز ئۆزى ئەمەسلىكىنى ئېيتقان.
شۇ چاغدا يەنە مۇئاۋىن يېزا باشلىقى ئەنىۋەر ئىسمائىلمۇ، ۋەقەدىن سېكرىتار سۈن جىبىڭنىڭ خەۋىرى بارلىقىنى، ھەتتا قاتتىق سۈيلەش ئارقىلىق ئۆزىگە بېسىم ئىشلەتكەنلىكىنى ئاشكارىلىغان ئىدى.
ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، يۇقىرىقى مەلۇماتلاردىن قارىغاندا، كېرىيەدە يۈز بەرگەن ھامىلە قەتلىئام قىلىش ۋەقەسىدە يېتەكچىلىك جەھەتتىن 3 - ئورۇندا رول ئوينىغان ئەنىۋەر ئىسمايىل خىزمىتىدىن توختىتىلغان، ئىككىنچى دەرىجىلىك رول ئوينىغان يېزا باشلىقى ئاۋاتخان پەقەت تەنقىدلەنگەن ۋە قوغداپ قېلىنغان؛ ئەمما باش رول ئوينىغان سېكرىتار سۈن جىبىڭغا ھېچقانداق جازا كەلمىگەن. ئۇ نۆۋەتتە زىيانكەشلىككە ئۇچرىغان ئائىلىلەر بىلەن زىيانكەشلىك قىلغۇچى ئورگانلار ئوتتۇرىسىدا مۇرەسسەچىلىك رول ئوينىماقتا.