خىتاي ئاخباراتىغا قارىغاندا، شەنبە كۈنى يەنە بىر نەچچە ئۇيغۇر ماشىنا بىلەن خىتاي ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغان، خىتاي ساقچىلىرى ھۇجۇمچىلاردىن 13 ئادەمنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن.
بۇ ئۇيغۇر ئېلىدە يۈز بەرگەن ئەڭ يېڭى قانلىق ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدە ھۇجۇمچىلارنىڭ پارتلاتقۇچ قاچىلانغان بىر ئاپتوموبىل بىلەن قاغىلىق ناھىيەلىك ج خ ئىدارىسىگە بېسىپ كىرگەنلىكى، ئاپتوموبىلنى پارتلىتىپ 3 خىتاي ساقچىسىنى يارىلاندۇرغانلىقى كۆرسىتىلگەن.
خىتاي ئىلگىرى ئۇيغۇر ئېلىدە بۇ خىلدا ئېلىپ بېرىلغان ھۇجۇملارنى دىنىي ئاشقۇنلارغا دۆڭگەپ كەلگەن بولسىمۇ، بۇ نۆۋەتلىك ھۇجۇمنى كىمنىڭ قىلغانلىقىنى تېخى ئاشكارىلىمىدى.
ھازىرچە ھۇجۇمچىلارنىڭ كىمكى، ھۇجۇمنىڭ قانداق تەشكىللىگەنلىكى ھەققىدە مەلۇماتلار ئېنىق ئەمەس.
مەزكۇر ھۇجۇم «22 - ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمى» دىن كېيىن پۈتكۈل ئۇيغۇر ئېلى مىقياسىدا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى قاتمۇقات كۈچەيتىلگەن مەزگىلدە يۈز بەردى.
ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار ھۇجۇمىدا 43 ئادەم ئۆلگەن، يۈزگە يېقىن ئادەم يارىلانغان ئىدى.
خىتاي ھۆكۈمىتى شۇندىن كېيىن ئۇيغۇر ئېلدە بىر يىللىق ئاتالمىش تېررورلۇققا زەربە بېرىش ھەرىكىتى قوزغىغان ۋە بىر نەچچە قېتىم ئوچۇق مەيدان سوتى ئېچىپ، نەچچە ئون ئۇيغۇرغا ئۆلۈم جازاسى بەرگەن ۋە نەچچە ئون ئۇيغۇرنى ئۇزۇن يىللىق قاماق جازالىرىغا بۇيرۇغان.
خىتاينىڭ بۇ خىل باستۇرۇش سىياسىتىگە ئىنكاس قايتۇرغان مۇلاھىزىچىلەر، خىتاينىڭ ئۇيغۇر خەلقىنى رادىكاللىق قىستاۋاتقانلىقى، قورال كۈچى بىلەن تىنچلىق ئورناتقىلى بولمايدىغانلىقىنى ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.
0:00 / 0:00