ئۇيغۇر رايون دائىرىلىرى بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنىڭ خىتايلارنىڭ تاۋۇز چاغىنى بىلەن بىر ۋاقىتقا توغرا كەلگىنى ئۈچۈن ھۆكۈمەت كادىرلىرى ۋە مەكتەپلەرنى 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى. دائىرىلەرنىڭ ھۆكۈمەت خەۋەرلىرىدە يەنە، ئۇيغۇر دىيارىدا ئىككى بايرامدىن ئىلگىرى قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئېلىنغاندىن باشقا، قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ۋاقتىنىڭ 40 مىنۇت ئەتراپىدا دەپ بەلگىلەنگەنلىكى ئېلان قىلىندى. ئۇيغۇر دىيارىدىن زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دائىرىلەر ئاممىۋى سورۇنلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتكەندىن باشقا يەنە، ئىدارە - جەمئىيەتلەردە نۆۋەتچى بولۇشى كېرەكلىكىنى ئۇقتۇرغان.
ئۇيغۇر دىيارىدىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن، 2016 - يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ھەر قېتىملىق بايرام مەزگىللىرىگە ئوخشاشلا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى كۈچەيتىلگەندىن باشقا، ھېيت نامىزىنىڭ ئوقۇلۇش ۋاقتى قاتارلىقلارغا قارىتا مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىلىپ، ھەر خىل بەلگىلىمە، چەكلىمىلەرنىڭ يولغا قويۇلغانلىقى مەلۇم بولدى.
7 - سېنتەبىر كۈنى ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردىن ئۈندىدار قاتارلىقلاردا، ئۈرۈمچى شەھەرلىك ئىسلام جەمئىيىتى نامىدا چىقىرىلغان قۇربان ھېيت نامىزى ھەققىدىكى ئۇقتۇرۇشنىڭ فوتو رەسىملىك نۇسخىسى تارقالغان. ئۇقتۇرۇشتا ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تەۋەسىدىكى ھەرقايسى جايلاردا بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنىڭ 12 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن سائەت 6:45 تىن 7:15 كىچە ئوقۇپ بولۇش كېرەكلىكى تىلغا ئېلىنغان.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونتروللۇقى ئاستىدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيتنى قانداق كەيپىياتتا كۈتىۋاتقانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن ئۇيغۇر ئېلىنىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى ئۇيغۇرلارغا تېلېفون قىلىپ ئەھۋال ئىگىلىدۇق.
ئۆز كىملىكىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن رادىيومىزغا ئەھۋاللارنى بىلدۈرگەن ئۈرۈمچىدىكى مەلۇم ئاھالە كومىتېت خىزمەتچىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئىدارىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئۇ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزى مەزگىلىدە ناماز ئەھۋالىنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسىنى ئالغانلىقى ئۈچۈن، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى ئادىتى بويىچە، ھېيت نامىزىدىن كېيىن قەبرىستانلىققا بېرىپ، ئۆلۈپ كەتكەن ئۇرۇق - تۇغقانلىرىنى يوقلاش ئىشىنى چۈشتىن كېيىنگە ئورۇنلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان. ئۇنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇنىڭ ئۈرۈمچىدىكى ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغان بىر قىسىم دوستلىرى ۋە تونۇشلىرىمۇ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۆز ئىدارىلىرىدە نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغاندىن باشقا يەنە، ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى ھەرقايسى مەسچىتلەردىكى ھېيت نامىزىنى نازارەت قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
غۇلجا شەھەرلىك دىنىي ئىشلار ئىدارىسى تارقاتقان ئۇقتۇرۇشقا ئاساسەن، بۇ يىل ئىدارە ۋە مەكتەپلەرنىڭ 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بەرگەنلىكىنى، بۇ يىللىق قۇربان ھېيت نامىزىنىڭمۇ ھۆكۈمەت بەلگىلەپ بەرگەن ۋاقىتتا ئوقۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بىر ئۇيغۇر، 9 - سېنتەبىر جۈمە نامىزىدىن كېيىن مەسچىت ئىمامىنىڭ قۇتبىدا قىلغان سۆزىدە، جامائەتكە 12 - سېنتەبىر دۈشەنبە كۈنى ئەتىگەن ھېيت نامىزى ئوقۇلىدىغان ۋاقىتنى ئۇقتۇرۇش بىلەن بىللە، جامائەتنى ھېيت مەزگىلىدىكى بىخەتەرلىككە ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى مەسىلىلىرىگە دىققەت قىلىشقا چاقىرغانلىقىنى بىلدۈردى.
زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلغان بۇ ئۇيغۇر يەنە، ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ بۇ يىللىق قۇربان ھېيت مەزگىلىدە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرى ئېلىشىغا نىسپەتەن ئۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ،«ھازىر بىزگە كۆڭۈل ئازادىلىكى ۋە خاتىرجەملىك مۇھىم بولۇپ قالدى. شۇڭا ھازىر بۇ خىل قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىگىمۇ كۆنۈپ قالدۇق» دېدى.
ئۇيغۇر ئېلىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان بىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، ھۆكۈمەتنىڭ بەلگىلىمىسى بويىچە، ئىدارە، مەكتەپلەر 7 كۈنلۈك دەم ئېلىشقا قويۇپ بېرىلگەن بولسىمۇ، ئەمما ئىدارە،مەكتەپلەردىكى ياشلار ۋە ئەر خىزمەتچىلەرنىڭ ھېيت مەزگىلىدىكى نۆۋەتچىلىككە ئورۇنلاشتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈردى.
بۇ خانىمدىن ئادەتتە ھۆكۈمەت خادىملىرى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ جۈمە نامىزىغا بېرىشىنى ئاشكارا چەكلەپ كېلىۋاتقان ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ، خىزمەتچىلەر ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ قۇربان ھېيت نامىزىغا قاتنىشىشىغا قارىتا چەكلىمە،بەلگىلىمىلەرنى يولغا قويغان ياكى قويمىغانلىقىنى سورىغىنىمىزدا، ئۇ ئوقۇتقۇچى ئېھتىياتچانلىق بىلەن جاۋاب بېرىپ، «ھازىرغىچە ھۆكۈمەتنىڭ خىزمەتچىلەرنىڭ ھېيت نامىزىغا بېرىشىنى چەكلەيدىغان ئاشكارا ئۇقتۇرۇشلىرىنى تېخى كۆرمىدۇق. ئەمما بىلىشىمچە، ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدا ئىشلەيدىغانلار ھېيت نامىزىغا بېرىش مەسىلىسىدە يەنىلا دىققەت قىلىدۇ» دېدى.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئېتىقادى ۋە دىنىي ئېتىقادقا مۇناسىۋەتلىك بايرام - پائالىيەتلىرىنى ھەر خىل بەلگىلىمىلەر ئارقىلىق چەكلەپ كېلىۋاتقانلىقى چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا دىنىي جەمئىيەتلەر، كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە دېموكراتىك دۆلەت ھۆكۈمەتلىرى تەرىپىدىن تەنقىدلىنىپ كېلىۋاتقان مەسىلىلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ 2016 - يىللىق قۇربان ھېيت بايرىمىنىمۇ ھەر خىل چەكلىمە، بەلگىلىمىلەر ۋە قاتتىق بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى ئىچىدە ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقى خەلقئارا تاراتقۇلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىماقتا.
0:00 / 0:00