رابىيە قادىر خانىم ئەركىنلىك مۇنبىرى ئۆيى ئورۇنلاشتۇرغان يىغىنغا قاتنىشىش ئۈچۈن نورۋېگىيەگە يېتىپ كەلدى

0:00 / 0:00

19-ئۆكتەبىر كۈنى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ رەھبىرى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىم بىلەن مۇئاۋىن رەئىس ئۆمەر قانات ئەپەندى ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى ئۆيى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىغا قاتنىشىش ئۈچۈن نورۋېگىيەگە يېتىپ كەلدى.

نورۋېگىيە ئۇيغۇر كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن ئوسلو ۋە ئوسلو ئەتراپىدىن كەلگەن ئۇيغۇرلار ئايرودرومغا چىقىپ مېھمانلارنى كۈتۈۋالدى. بۈگۈنكى كۈتۈۋېلىشقا يەنە ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرىدە ئىشلەيدىغان خادىملارمۇ كەلگەن بولۇپ، ئۇلار شەرەپ مېھمىنى بولغان رابىيە قادىر خانىمنى ئالاھىدە ھۆرمەتلەر ئىچىدە قارشى ئالدى.

ئايرودرومدىكى كۈتۈۋېلىشتىن كېيىن، رابىيە قادىر خانىم زىيارىتىمىزنى قوبۇل قىلىپ، بۇ قېتىمقى ئوسلوغا كېلىش سەپىرى ھەمدە ئوسلو ئەركىنلىك مۇنبىرى ھەققىدە توختالدى.

رابىيە قادىر خانىم ئالدى بىلەن بىر قىسىم ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆيىدە ئۇلار ئۈچۈن ئورۇنلاشتۇرۇلغان تاماققا داخىل بولغاندىن كېيىن، كەچتە ئۇيغۇر ئىسلام مەركىزىدە ئۇيغۇر جامائىتى بىلەن كۆرۈشۈپ دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيىنىڭ يېقىندىن بېرى قىلىۋاتقان ئەمەلىي خىزمەتلىرى، شەرقىي تۈركىستاندا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلەر شۇنداقلا دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرىنىڭ ئۇيغۇر دەۋاسى ئۈچۈن ئويناۋاتقان رولى ھەققىدە توختالدى.

رابىيە قادىر يەنە، دۈشەنبە ۋە سەيشەنبە كۈنلىرى ئەركىنلىك ئۆيى مۇنبىرى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان كىشىلىك ھوقۇق يىغىنىنى تاماملىغاندىن كېيىنكى شىۋىتسارىيە سەپىرى ھەققىدىكى پائالىيەتلىرى توغرىسىدا مەلۇمات بەردى.

رابىيە قادىر خانىم ئوسلو ئەركىنلىك ئۆيى مۇنبىرىنىڭ ئىككى كۈنلۈك يىغىنىغا قاتناشقاندىن باشقا يەنە، ۋاقىت چىقىرىپ بۇ يەردىكى جامائەتلەر بىلەنمۇ داۋاملىق ئۇچراشماقچى ۋە سۆھبەتلەردە بولماقچى.