شايار ناھىيىلىك «تۇۋاق ئېچىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى «قازان» نىڭ ئىگىسى چىقمىسا ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى

0:00 / 0:00


مەلۇم بولۇشىچە، ئاقسۇنىڭ شايار ناھىيىسىدە، بۇلتۇر 12 - ئاينىڭ ئاخىرى «تۇۋاق ئېچىش» خىزمەت گۇرۇپپىسى ناملىق بىر خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇلغان. گۇرۇپپىنىڭ ۋەزىپىسى ئاتالمىش جىنايەت گۇماندارلىرى مۆكىنىپ ياتقان ئورۇنلارنى تېپىش بولۇپ، بۇ گۇرۇپپا ئاساسلىقى ناھىيەدىكى ئىگىسىز ئۆيلەر ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. شايار ناھىيىسىنىڭ گۈلباغ يېزا كىچىك گۇلباغ ئاھالىلەر كومىتېتىدا ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان «تۇۋاق ئېچىش» گۇرۇپپىسى تەكشۈرۈش ئارقىلىق 150 ئەتراپىدا ئىگىسىز ئۆيلەرنى بايقىغان، ئەمما بۇلاردىن پەقەت 3 ئاي ئىچىدە ئاران 20 نەچچىسىنىڭ ئىگىسىنى تاپالىغان.

ناھىيەدىن كەلگەن بېسىمغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن بۇ خىزمەت گۇرۇپپىسى ئۆتكەن شەنبە مەخسۇس ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، ئەگەر كىمكى «تۇۋاق ئېچىش» قا توسالغۇلۇق قىلسا، قازاننى چاقىدىغانلىقىنى يەنى ئىگىسىز ئۆيلەرنىڭ ساھىبى ئۆزىنى 3 كۈن ئىچىدە مەلۇم قىلمىسا، ئۆيلەرنى ساتىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان. بۇ چارە ئالاقىدار ئاھالىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئەندىشە ۋە غۇلغۇلا پەيدا قىلغان.

يۇقىدىكى ئۇلىنىشتىن مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇرنىڭ بۇ ھەقتە ئىگىلىگەن ئۇچۇرلىرىنى ئاڭلايسىلەر.