0:00 / 0:00
2012 - يىلى ئۇيغۇر رايونىنىڭ قىزىلسۇ ئاپتونوم ئوبلاستىدىن ئىككى ئەرزدار بېيجىڭغا قاراپ يولغا چىقىدۇ.

بۇ ئىككەيلەننىڭ بىرى ئۇيغۇر، يەنە بىرى خىتاي. ھەر ئىككى ئەرزدار خىزمەت ئۈستىدە يارىلانغان دادىسى ئۈچۈن تۆلەم تەلەپ قىلىدۇ. خىتاي ئەرزدارنىڭ دادىسى ئاقتۇ ناھىيىسىدە 70 - يىللاردا 12 يىل تاشيول ئىشچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ دادىسى تاھىر ئابدۇراخمان بولسا، ئۈستۈن ئاتۇشتا 8 يىل تاشيول ئىشچىسى،15 يىل سۇ ئىشلىرى تېخنىكى بولۇپ ئىشلىگەن.

خىتاي ئەرزدار بېيجىڭدىن قايتىپ كېلىپ 1 مىليون 700 مىڭ يۈەن پۇل ۋە ئۆي زېمىنغا ئىگە بولىدۇ. ئەمما ئۇيغۇر ئەرزدار دادىسى زەخىملەنگەن 2005 - يىلدىن تا بۈگۈنگىچە ھېچقانداق تۆلەمگە ئېرىشەلمەيدۇ.
تۆۋەندە بۇ ئەھۋالنى ئۇيغۇر ئەرزدارنىڭ ئۆز ئېغىزىدىن ئاڭلايسىلەر. بۇ پروگراممىنى مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر تەييارلىدى.