توقسۇ ناھىيەسىدە ئۈندىداردا دىنىي مەزمۇندىكى تېكىست يوللىغان بىر ياش 15 كۈن قاماقتا ياتقان

0:00 / 0:00


ئىگىلىشىمىزچە، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ توقسۇ ناھىيەسىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ياش ئۆزىنىڭ ئۈندىداردىكى دوستلار چەمبىرىكىگە دىنىي مەزمۇندىكى تېكىست يوللىغانلىقى سەۋەبلىك 15 كۈن قاماقتا ياتقان.

توقسۇ ناھىيەسدىن ئاقسۇ شەھىرىگە قاتنايدىغان يولۇچىلار مىنىبۇسىنى ھەيدەيدىغان بۇ ياش يېقىندا رادىئومىز زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ ئۆز بېشىدىن كەچۈرگەنلىرىنى بايان قىلدى.

«بۇ، ئۆتكەن يىلى 10 - ئاينىڭ 17 - كۈنى يۈز بەرگەن ئىش ئىدى، - دېدى ئۇ تېلېفون زىيارىتىمىز جەريانىدا، - بىز ئادەتتە ئۈندىدار ئارقىلىق ئالاقە قىلىدىغان دوستلار چەمبىرىكى قۇرغان ئىدۇق. بەزى ئۇچۇرلارنى ئۆز - ئارا يوللىشىپ، دوستلار ئورتاق بەھرىمان بولاتتۇق. بىر كۈنى تۇيۇقسىزلا توقسۇ ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىدىن مېنى چاقىرىپ تېلېفون قىپتۇ. نېمە ئىش بولغانلىقىنى بىلەلمەي ساقچى ئىدارىسىگە باردىم. ئۇلار سەن تېلېفوندا نېمە يوللىدىڭ دەپ قوپاللىق بىلەن سوراق قىلىشقا باشلىدى. مەن ئۇلارغا ئۈندىداردا ئۆزۈم قىزىقىدىغان دىنىي تەبلىغ مەزمۇنىدىكى بىر تېكىستنى يوللىغان ئىدىم. بۇنىڭ نېمە يامىنى بار دېسەم، ئۇلار بۇ دېگەن قانۇنسىز قىلمىش دەپ مېنى 15 كۈن سولاپ قويدى.»

ئۇ يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «سولاقخانىدا 15 كۈن يېتىپ قايتىپ چىقسام، ئايالىمنى تۇتۇپ قاماپتۇ. نېمە ئىش بولغانلىقىنى سورىسام، ساقچىلار ئايالىڭ ئۇزۇن دىنىي كىيىم كىيىدىكەن، بۇمۇ قانونسىز قىلمىش، شۇڭا تۇتتۇق دەيدۇ. مەن بۇ زۇلۇمغا زادىلا چىدىماي قالدىم - دە شۇ كۈنى ئەرز قىلىش ئۈچۈن ئۈرۈمچىگە ماڭدىم. مەن سولاقتىكى ۋاقىتتا ساقچىلار تېلېفونىمنى تارتىۋالغان ئىدى، ئىچىگە ئىز قوغلاش ئاپپاراتى بېكىتىپ قويغانمۇ، كۇچا ئايرودرومىغا بېرىشىمغا ئارقامدىن ساقچىلار قوغلاپ بېرىپ تۇتۇپ ئەكەلدى.»

ئۇ ئۆزى دۇچ كەلگەن ئەھۋاللار ھەققىدە توختىلىپ يەنە مۇنداق دېدى: «مەن بىر شوپۇر، توقسۇ ناھىيەسىدىن ئاقسۇ شەھىرىگە يولۇچىلار مىنىبۇسى ھەيدەيمەن. بەزىدە ئۇزۇن كىيىم كىيىپ يۈزىنى يۆگىگەن ئاياللار ئاپتوبۇسقا چىقىدۇ. بىكەتتىن ماڭاي دېسەك، خەنزۇ خادىملار ئالدىمىزنى توسۇپ، دىنىي كىيىم كىيگەن ئاياللارنى ئاپتوبۇسقا سېلىپسەن دەپ ماڭغىلى قويمايدۇ. ئۇلار بىلەن گەپ تالاشساق، كىنىشكىمىزنى تارتىۋالىدۇ. ئاقسۇ شەھىرىگە كىرىشىمىزگە يەنە ساقچىلار توسۇپ، بىرمۇ - بىر تەكشۈرىدۇ. يېنىمىزدىكى قوغۇن - تاۋۇز تىلىپ يەيدىغان كىچىك بەكىمىزگە قەدەر تارتىۋالىدۇ. ئىشقىلىپ بىز ھايۋاننىڭ كۈنىنى كۆرۈۋاتىمىز!»

ئۇ ئاخىرىدا يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «بىزنىڭ بۇ توقسۇ ۋە شايار ناھىيەلىرىدە بۇ ئىشلار شۇنچىلىك چىڭ ۋە شۇنچىلىك قاتتىق. ئاڭلىساق باشقا جايلاردا ئۇنچىلىك ئەمەس دەيدۇ. بىزنىڭ بۇ ئىككى ناھىيەدە ئايرىم قانۇن بارمۇ ياكى باشقا سەۋەبمۇ ھېچ بىلمىدۇق.»