كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئەرزۇرۇم ۋە ئىستانبۇل شەھەرلىرىدە ئۇيغۇرلارنى قوللاش نامايىشى ئېلىپ باردى
2018.12.28
تۈركىيەنىڭ ئەرزۇرۇم شەھىرىدىكى «ئۆلكۈ ئوجاقلىرى» تەشكىلاتى 27-دېكابىر كۈنى ئەرزۇرۇم ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتىدا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈۋاتقان خىتايلاشتۇرۇش سىياسىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىش ئېلىپ باردى ۋە بايانات ئېلان قىلدى.
تۈركىيەنىڭ ئەڭ سوغۇق رايونى دەپ قارىلىدىغان ئەرزۇرۇم شەھىرىدە ھاۋا قاتتىق سوغۇق ۋە قار يېغىۋاتقان بولسىمۇ نەچچە مىڭ كىشى بۇنىڭغا پەرۋا قىلماي، ئاتاتۈرك ئۇنىۋېرسىتېتى مەيدانىغا جەم بولۇپ، قوللىرىدا ئاي يۇلتۇزلۇق كۆك بايراق بىلەن تۈركىيە بايرىقىنى كۆتۈرگەن ھالدا خىتايغا قارشى شوئار توۋلاپ يۈرۈش قىلدى.
نامايىش ۋە يۈرۈش پائالىيىتىگە ئۇنىۋېرسىتېت ئوقۇغۇچىلىرى ۋە خەلق ئاممىسى بولۇپ 5 مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ قاتناشقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلدى.
يۈرۈش جەريانىدا نامايىشچىلار بىردەك، «ياشىسۇن مۇستەقىل شەرقىي تۈركىستان» دېگەندەك شوئارلار توۋلىدى.
يۈرۈشتىن كېيىن «ئۆلكۈ ئوجاقلىرى» ئەرزۇرۇم شۆبىسى رەئىسى ۋەدات كوچاك ئەپەندى ئۇيغۇرلارغا ئالاقىدار باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ۋەدات كوچاك ئەپەندى: «زۇلۇمغا سۈكۈت قىلغان تىلى يوق شەيتاندۇر» دېگەن ھەدىسنى خاتىرىلەتتى ۋە «شەرقىي تۈركىستاندا بارغانسېرى چېكىدىن ئېشىۋاتقان زۇلۇمغا خاتىمە بېرىلىشى ئۈچۈن چاقىرىق قىلىمەن»، دېدى. ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: «دۇنياۋى كىشىلىك ھوقۇق شەرتنامىسىدە قوبۇل قىلىنغان دىن ۋە ۋىجدان ئەركىنلىكى ھەر كىم ئۈچۈن ئوخشاش-باراۋەر شەكىلدە ئىجرا قىلىنىشى كېرەك. دۆلەتلەرمۇ بۇ ھەقتە قەدەم بېسىشى كېرەك».
ۋەدات كوچاك ئەپەندى، ئەگەر بىر زۇلۇمنى توسالمىغاندا، ھېچ بولمىغاندا ئۇنى باشقىلارغا ئاڭلىتىش كېرەكلىكىنى خاتىرىلەتتى ۋە «شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ھەر قاچان شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىزنىڭ يېنىدا بولىمىز»، دېدى.
28-دېكابىر كۈنى ئىستانبۇل فاتىھ جامەسىنىڭ مەيدانىدا جۈمە نامىزىدىن كېيىن ئۇيغۇر ۋە تۈركلەردىن بولۇپ ئەر-ئايال نەچچە مىڭ كىشىنىڭ قاتنىشىشى بىلەن نامايىش ئېلىپ بېرىلدى، خىتايغا قارشى شوئارلار توۋلاندى. مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئېچىلىپ بايانات ئېلان قىلىندى.
نامايىش جەريانىدا «كۆكلى دېغىشىم»، يەنى «يىلتىزىدىن ئۆزگەرتىش» دەپ ئاتالغان جەمئىيەتنىڭ رەئىسى مەخمۇت كار باياناتنى ئوقۇپ ئۆتتى.
ئۇ بۇ پائالىيەتنىڭ مەقسىتى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «بۈگۈن بۇ يەردە قەدىمى ئىسلام زېمىنى بولغان شەرقىي تۈركىستانغا ۋە شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمان قېرىنداشلىرىمىزغا ئىگە چىقىش ئۈچۈن ۋە شۇنداقلا خىتاينىڭ قېرىنداشلىرىمىزغا سالغان زۇلۇمىغا سۈكۈتتە قالماسلىق ئۈچۈن جەم بولدۇق. شەرقىي تۈركىستاندىكى زۇلۇمنى تىل بىلەن ئىپادىلەش ھەقىقەتەن مۇمكىن ئەمەس. چۈنكى قېرىنداشلىرىمىز پۇت-قوللىرى باغلىنىپ ئېسىلىدۇ. قىز-سىڭىللىرىمىزنىڭ ئېغىر-ئاياق بولۇشى چەكلىنىدۇ. ئېغىر ئاياق بولغاندا قورساقلىرىنى ئوپېراتسىيە قىلىپ بوۋاقلارنى ئېلىۋېتىدۇ. خۇلاسە قىلىپ ئېيتقاندا شەرقىي تۈركىستاندا چوڭ بىر قىرغىنچىلىق بولۇۋاتىدۇ».
مەخمۇت كار ئەپەندى سۆزىنىڭ داۋامىدا يەنە ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى توغرىسىدا توختىلىپ مۇنداق دېدى: «ئىشغالچى خىتاي ئۇيغۇرلارنى ئىسلامدىن ۋاز كەچكۈزۈش ئۈچۈن 1 مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى جازا لاگېرلىرىغا قاماپ قويدى. دىنسىز خىتاي ھاكىمىيىتى مۇسۇلمانلارنىڭ ئىززەت-ئار-نومۇسلىرىغا تاجاۋۇز قىلىپ ھەر ئۇيغۇر ئائىلىسىگە بىردىن خىتاي ئورۇنلاشتۇرۇۋاتىدۇ. زالىم خىتاي ھاكىمىيىتى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان شەرقىي تۈركىستانلىقلارغا قارشى بۇ خىل پەسكەش سىياسەتلەرنى يۈرگۈزۈپ كېلىۋاتىدۇ. ئىسلامنىڭ ئىبادەت ۋە پۈتكۈل قائىدە-پرىنسىپلىرىغا چەكلىمە قويماقتا. بېسىم ۋە ئىسكەنجە ئارقىلىق بۇ چەكلىمىلىرىنى ئىجرا قىلىۋاتىدۇ. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ئىككى خىل تاللاش يولىغا دۇچ كەلمەكتە. بىرىنچى: تۈرمىگە قامىلىش ياكى ئۆلۈم. ئىككىنچىسى: ياكى ئۆز ۋەتەنلىرىنى تەرك ئېتىپ بىخەتەر ياشىيالايدىغان بىرەر دۆلەتكە ھىجرەت قىلىش».
مەخمۇت كار ئەپەندى سۆزىدە يەنە تۈركىيە قاتارلىق ئىسلام دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە سۈكۈت قىلىۋاتقانلىقىنى ئەيىبلىدى ۋە ئۇلارغا خىتاب قىلىپ مۇنداق دېدى: «ئەي مۇسۇلمانلارنىڭ باشلىرىدىكى رەھبەرلەر! بۇ مۇناسىۋەت بىلەن سىزلەرگە يەنە بىر قېتىم شەرقىي تۈركىستانلىق مۇسۇلمانلارنىڭ سىلەرنىڭ قېرىندىشىڭلار ئىكەنلىكىنى خاتىرلىتىمىز. مۇسۇلمان ئۇيغۇرلارنى دىنسىز خىتاي ھاكىمىيىتىنىڭ بېسىمىدىن قۇتۇلدۇرۇش، قوغداش سىلەرگە پەرزدۇر. سىلەرنى قېرىنداش دۆلەت دەپ بىلىپ ئانادولىيەنىڭ مەرھەمەتلىك يۇرتىغا كېلىپ پاناھلانغان ئۇيغۇر قېرىنداشلىرىمىزغا ئارقاڭلارنى قىلىپ كۆز يۇمماڭلار! ، ئۇلارنى زالىم خىتايغا تاپشۇرۇپ بەرمەڭلار! ، بۇنداق قىلىش چوڭ بىر گۇناھ ۋە چوڭ بىر ۋابالدۇر. چۈنكى ئۇلارنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئۆلۈمگە تاپشۇرغانلىق بولىدۇ. پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ دېگىنىدەك: ‹مۇسۇلمان مۇسۇلماننىڭ قېرىندىشىدۇر، ئۇنىڭغا زۇلۇم قىلمايدۇ ئۇنى زالىمغا تاپشۇرۇپ بەرمەيدۇ›».
بۇ نامايىش جەريانىدا بىز قادىر ئىسىملىك بىر تۈركنىڭ ئۇيغۇرلار توغرىسىدىكى پىكىر قاراشلىرىنى ئالدۇق. قادىر ئەپەندى ئۇيغۇرلارنىڭ تارىختا چوڭ ئىشلارنى قىلغان مۇھىم قېرىنداش خەلق ئىكەنلىكىنى، ئۇيغۇر مەسىلىسىنى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ كۈنتەرتىپىگە كەلتۈرۈش ئۈچۈن تۈركىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ھەرىكەتكە ئۆتۈش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
تۈركىيەنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا يېقىندىن بۇيان ئاممىۋى جەمئىيەتلەر ۋە بىر قىسىم ئۆكتىچى پارتىيەلەر تەشكىللىگەن خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇش سىياسىتىنى ئەيىبلەيدىغان شۇنىڭدەك تۈركىيە ھۆكۈمىتىنى ئۇيغۇرلارغا ئىگە چىقىشقا دەۋەت قىلىدىغان تۈرلۈك پائالىيەتلەر داۋاملاشماقتا. ئەمما بىر قانچە كۈن ئىلگىرى، «ئىيى» پارتىيەسىنىڭ تۈركىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە كۆڭۈل بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئائىت لايىھىسى پارلامېنتتا ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، ئۇنى ئۈچ پارتىيە قوللىغان بولسىمۇ، بىراق ھاكىمىيەتتىكى ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى ھەم مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسى قوللىمىغانلىقى ئۈچۈن مەزكۇر لايىھە قوبۇل قىلىنمىغان ئىدى.