2-نۆۋەتلىك ئەخمەت يەسەۋى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى

ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز ئەركىن تارىم
2015.09.01
exmet-yesewi-qurultiyi-uyghur-mesilisi.jpg شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلغان، 2-نۆۋەتلىك ئەخمەت يەسەۋى قۇرۇلتىيى يىغىنىدىن كۆرۈنۈش. 2015-يىلى 31-ئاۋغۇست، تۈركىيە.
RFA/Erkin Tarim

تۈركىيەنىڭ غەربىي شىمالىغا جايلاشقان قارابۈك ۋىلايىتىنىڭ سافرانبولۇ ناھىيىسىدە چاقىرىلغان 2-نۆۋەتلىك ئەخمەت يەسەۋى قۇرۇلتىيىدا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

31-ئاۋغۇست كۈنى باشلانغان ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىننىڭ ئېچىلىش نۇتقىنى «ماتۇرىدى ئەخمەت يەسەۋى جەمئىيىتى» نىڭ رەئىسى ئوقتاي ئاجار ئەپەندى قىلدى. يىغىنغا سابىق مىنىستىر، پېشقەدەم سىياسەتچى نامىق كەمال زەيبەك، تۈركىيە، ئەزەربەيجان، تاتارىستانلىق ئاكادېمىكلەر ۋە مۇتەخەسسىسلەر بولۇپ 80 ئەتراپىدا كىشى قاتناشتى. ئۇيغۇرلارغا ۋاكالىتەن شەرقىي تۈركىستان ۋەخپىنىڭ سابىق باش كاتىپى تەتقىقاتچى ھامىت گۆكتۈرك ئەپەندى ۋە ئىسمائىل چىڭگىز ئەپەندىلەر قاتناشتى.

ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنىنىڭ 2-كۈنى يىغىننىڭ كۈن تەرتىپىگە بىنائەن «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش يوللىرى» تېمىسىدا مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىلدى. يىغىندا ئۇزۇن يىل تۈركىيەنىڭ تۈركىي مىللەتلەرگە مەسئۇل دۆلەت مىنىستىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتىگەن نامىق كەمال زەيبەك ئەپەندى تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى تېمىسىدا، ئەزەربەيجانلىق پروفېسسور خانىم خالىلوۋا خانىم «تۈركىيەنىڭ تۈرك دۇنياسىغا بولغان تەسىرى» تېمىسىدا، شىمالىي سپۇرس تۈرك جۇمھۇرىيىتىدىن كەلگەن ئەخمەت زېكى بۇلۇنچ ئەپەندى «سىپۇرس مەسىلىسى توغرىسىدا»، قىرىم تاتارلىرىدىن شائىكە گاسپىرالى خانىم بولسا «ئىسمائىل گاسپىرالى ۋە سۈرگۈن» تېمىسىدا، ئىسمائىل چىڭگىز بولسا «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسى»، شاكىر ئىلياسوغۇللارى «ماكادونىيەدىكى تۈركلەرنىڭ مەسىلىلىرى» تېمىسىدا، رامازان تاشدۇرماز ئەپەندى «شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ ئۆتمۈشى ۋە بۈگۈنى» تېمىسىدا دوكلات بەردى.

يىغىندا سۆز قىلغان ئىسمائىل چىڭگىز ئەپەندى شەرقىي تۈركىستاننىڭ خىتاي ئۈچۈن ئىستراتېگىيىلىك ئەھمىيىتىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ دۇنياغا ئېچىلغان ئىشىكى ئىكەنلىكىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يەر ئاستى ۋە يەر ئۈستى بايلىقلىرىغا ئىگە زېمىن ئىكەنلىكىنى شۇڭا خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى خىتاي زېمىنىغا ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچى بىلەن ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلياتسىيە قىلىشقا تىرىشىۋاتقانلىقىنى بايان قىلدى.

ئۇ، «تۈرك دۇنياسىنىڭ مەسىلىلىرى ۋە ھەل قىلىش» ماۋزۇلۇق يىغىندا شەرقىي تۈركىستان مەسىلىسىنىڭ تۈرك دۇنياسىنىڭ ئەڭ مۇھىم مەسىلىلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ مەسىلىنى خىتاي دۆلىتىنىڭ ئىنسانىي سىياسەت بىلەن ھەل قىلىشى كېرەكلىكىنى، تۈركىيە ۋە باشقا تۈركىي جۇمھۇرىيەتلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەسىلىسىگە ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈشى، شەرقىي تۈركىستان سىياسىتىنى بەلگىلەپ چىقىشى كېرەكلىكىنى تەكىتلىدى.

مەزكۇر خەلقئارا ئەخمەت يەسەۋى قۇرۇلتىيى 2-سېنتەبىر كۈنى ئاخىرلىشىدۇ.

يىغىندا سۆز قىلغان ھامىت كۆكتۈرك ئەپەندى يىغىن ھەققىدە ئۆز كۆز قاراشلىرىنى بايان قىلدى.

تەپسىلاتىنى يۇقىرىدىكى ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن ئاڭلىغايسىلەر.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.