ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى قىيىن ۋەزىيىتى، بولۇپمۇ تۈركىيەدىكى مىڭلىغان ئۇيغۇرلارنىڭ يۇرتلىرىدىكى ئاتا-ئانا، ئۇرۇق-تۇغقانلىرىدىن خەۋەر ئالالماسلىقى، كۆپ ساندىكى ئۇيغۇر، قازاق ۋە باشقا يەرلىك تۈركىي مىللەتلەرنىڭ جازا لاگېرلىرىغا تۈركۈملەپ قامالغانلىقى توغرىسىدىكى خەۋەرلەر تۈركىيەدىكى ئۇيغۇرلارنى ھەرىكەتكە كەلتۈردى. تۈركىيەدىكى زىيالىيلارمۇ تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى ۋىلايەت ۋە شەھەرلىرىدە دوكلات بېرىش، كۆرگەزمە ئېچىش ۋە نامايىش قىلىش قاتارلىق پائالىيەتلەرگە ئاكتىپ قاتنىشىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتماقتا.
ئەنقەرەدىكى ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتى خەلقئارا مۇناسىۋەتلەر فاكۇلتېتىنىڭ پروفېسسورى، دوكتور ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق بىلەن خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدا 8 ئاي يېتىپ چىققان ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى 9-ۋە 10-يانۋار كۈنلىرى تۈركىيەنىڭ غەربىي رايونىدىكى بالىقېسىر ۋە ئايدىن شەھەرلىرىدە پائالىيەت ئېلىپ بارغان. ئۇلار بالىقېسىر شەھىرىدىكى بالىقېسىر ئۇنىۋېرسىتېتى بىلەن ئايدىن شەھىرىدىكى كادىرلار ئۇيۇشمىسىنىڭ تەكلىپىگە بىنائەن بۇ ئىككى شەھەردە نامايىش، كۆرگەزمە ۋە دوكلات بېرىش يىغىنلىرىغا قاتنىشىپ، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ھازىرقى ئېغىر ۋەزىيىتىنى ئاڭلاتقان.
ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى بالىقېسىر ئۇنىۋېرسىتېتتا ئۆتكۈزۈلگەن دوكلات بېرىش يىغىنىدا «خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان سىياسىتى» دېگەن تېمىدا دوكلات بەرگەن. ئۆمەر بېكئالى بولسا جازا لاگېرلىرىدا بېشىغا كەلگەنلەر قىسمەتلەر ۋە ئۇ يەردە شاھىت بولغان كەچۈرمىشلىرىنى ئاڭلاتقان.
بالىقېسىر ئۇنىۋېرسىتېتىدىكى پائالىيەتتىن كېيىن، 10-فېۋرال كۈنى ئابدۇرېشىت قارلۇق بىلەن ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى تۈركىيەنىڭ ئايدىن ۋىلايىتىگە قاراشلىق نازىللى شەھىرىدە ئەتىگەندىن ئاخشامغىچە داۋاملاشقان 3 پائالىيەتكە قاتناشقان. ئەتىگەندە «شەرقىي تۈركىستان تراگېدىيەسى» دېگەن تېمىدا كۆرگەزمە، چۈشتىن كېيىن نامايىش، ئارقىدىن شەھەر مەيدانىدا مۇخبىرلارغا بايانات بېرىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلگەن. كەچ سائەت 7 دە «شەرقىي تۈركىستاندا نېمە بولۇۋاتىدۇ؟» دېگەن تېمىدا دوكلات بېرىش يىغىنى ئۆتكۈزۈلگەن.
ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ نازىللى شەھەر مەيدانى تۈرك بايرىقى ۋە ئاي-يۇلتۇزلۇق كۆك بايراقلار بىلەن بېزەلگەن بولۇپ، مەيدانغا خىتاينىڭ ئۇيغۇرلارغا ئېلىپ بېرىۋاتقان بېسىم سىياسىتى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن رەسىملەر، جازا لاگېرلىرىدا شېھىت بولغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرى، ئالىملار ۋە جامائەت ئەربابلىرىنىڭ سۈرەتلىرى تىزىلغان. كۆرگەزمە ئېچىلغان مەيداندا تۈركىيەدە تونۇلغان ئۇيغۇر سەنئەتچى ئابدۇرېھىم ھېيىتنىڭ «ئۇچراشقاندا» ناملىق ناخشىسى قويۇلغان بولۇپ، كىشىلەر ناخشا ساداسى ئاستىدا كۆرگەزمىنى ئايلانماقتا ئىدى.
بىز نەق مەيدانغا تېلېفون قىلىپ، پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات ئىگىلىدۇق. بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى نازىللى شۆبىسى مەسئۇللىرىدىن سەما خانىم پائالىيەت ھەققىدە مەلۇمات بېرىپ مۇنداق دېدى: «بۇ يەر ئايدىن ۋىلايىتىنىڭ نازىللى شەھىرى. بۈگۈن ئەتىگەن سائەت 9 دا كۆرگەزمە ئاچتۇق. چۈشتىن كېيىن سائەت ئىككى يېرىمدە نامايىشىمىز باشلىنىدۇ. مەتبۇئات باياناتى ئېلان قىلىمىز. ئاخشام 7 يېرىمدا ھاجى بايرام ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى ئابدۇرېشىت جېلىل قارلۇق ئەپەندى شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا دوكلات بېرىدۇ.»
كېيىن 300 ئەتراپىدا كىشى نازىللى شەھەر مەيدانىدا نامايىش قىلغاندىن كېيىن بۇ پائالىيەتنى ئۇيۇشتۇرغان كادىرلار ئۇيۇشمىسى نازىللى شۆبىسىنىڭ مەسئۇلى ئولگۇن ئەرگۈن ئەپەندى مەتبۇئات باياناتىنى ئوقۇپ چىققان. ئۇ مۇنداق دېدى: «شەرقىي تۈركىستاندىكى قېرىنداشلىرىمىز جازا لاگېرلىرىدا تەن جازاسىغا ئۇچرىماقتا. تۈركىيە ۋە باشقا دۆلەتلەر بۇ مەسىلىگە يېتەرلىك دەرىجىدە كۆڭۈل بۆلمەيۋاتىدۇ. بىز بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنى ۋە باشقا خەلقئارالىق ئورگانلارنى شەرقىي تۈركىستاندىكى قىرغىنچىلىقنى توختىتىش ئۈچۈن ھەرىكەتكە ئۆتكۈزۈشكە چاقىرىمىز.»
بۇ پائالىيەتلەردە گۇۋاھلىق بەرگەن ئۆمەر بېكئالى ئەپەندى ئۆتكەن جۈمە، شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى بالىقېسىر ۋە دېنىزلى ۋىلايەتلىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن پائالىيەتلەردە جازا لاگېرلىرىدا يېتىپ چىققان بىر كىشى بولۇش سۈپىتى بىلەن شەرقىي تۈركىستان توغرىسىدا ئاڭلاتقانلىرىنىڭ زور تەسىر قوزغىغانلىقىنى بايان قىلدى.
تۈرك خەلقى ئۆزلىرىنىڭ مىڭ يىل بۇرۇن ئۇيغۇر دىيارىدىن كەلگەنلىكىنى، ئۇيغۇر دىيارىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ ئاتا يۇرتى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان بولۇپ، ئۇيغۇرلارنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ئۇلارنىڭ ئالاھىدە دىققەت نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بىر يىلدىن بۇيان تۈركىيەنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ئۇيغۇرلارنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەش ئۈچۈن ھەر خىل پائالىيەتلەر ئۆتكۈزۈلمەكتە. ئابدۇرېشىت جېلىل بىلەن ئۆمەر بەكېلى ئەپەندى كېيىنكى بىر يىل ئىچىدە 15 شەھەردىكى 30 دىن ئارتۇق دوكلات بېرىش ۋە باشقا پائالىيەتلەرگە قاتناشقان.