يوپۇرغا ناھىيىسىدە تۈرمىدە ئۆلگەن سىياسىي تۇتقۇننىڭ 24 ياشلىق داۋۇت ساۋۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى

0:00 / 0:00

مۇخبىرىمىزنىڭ ئۆتكەن ھەپتىدىكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، يوپۇرغا ناھىيىسىدە بۇ يىل رامىزان مەزگىلىدە بىر ئۇيغۇر ياشنىڭ تۈرمىدە ئۆلگەنلىكى ئاشكارىلانغان، ئەمما ئۇنىڭ كىملىكى ۋە تۇتۇلۇش سەۋەبى ئاشكارىلانمىغان ئىدى.

مۇخبىرىمىزنىڭ بۈگۈنكى ئېنىقلاشلىرى داۋامىدا، ئۇنىڭ يوپۇرغا ناھىيە يوپۇرغا بازىرىنىڭ 7‏-كەنت 7‏-مەھەللە ئەزاسى 24 ياشلىق داۋۇت ساۋۇت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى.

مەلۇم بولۇشىچە، دېھقانچىلىقتىن باشقا قوشۇمچە ئاشپەزلىك بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان داۋۇت ساۋۇت، قانۇنسىز ئۈن-سىن بۇيۇملىرىنى ساقلاش ۋە تارقىتىش گۇمانى بىلەن تۇتۇلغان.

داۋۇت ساۋۇت تەۋە بولغان كەنت سېكرېتارىنىڭ پاش قىلىشىچە، رامىزاننىڭ ئالدىدا 7-كەنتنىڭ ئۆزىدىنلا 44 نەپەر ئۇيغۇر ياش مەزكۇر گۇمان بىلەن تۇتۇلغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىسى ھېلىھەم يوپۇرغا قاماقخانىسىدا تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

ئاۋاز ئۇلىنىشىدىن، بۇ پروگراممىنىڭ تەپسىلاتىنى ئاڭلىغايسىلەر.