جاڭ ۋېيگو: بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالدى

0:00 / 0:00

3-ئىيۇن، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم سېكرېتارى جاڭ چۈنشيەن «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» نىڭ قارارلىرىنى «مۇھىم تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە» دەپ كۆرسىتىپ، ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىلىغا زور ۋە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، بەزى خىتاي ئانالىزچىلىرىنىڭ قارىشىچە، مەزكۇر يىغىننىڭ قارارلىرىدا ھېچقانداق يېڭىلىق يوق، بېيجىڭنىڭ ئۇيغۇر سىياسىتى تۇيۇق يولغا كىرىپ قالغان.

28-ماي چاقىرىلغان 2-قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا «قوش تىللىق» مائارىپنى كۈچەيتىش، قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى، مۇستەقىللىق پىكرى ۋە مۇستەقىل دىنىي قاراشلارنى قاتتىق باستۇرۇش، تورنى قاتتىق كونترول قىلىش قاتارلىقلار تەكىتلىنىپ، ھەقسىز تولۇق ئورتا مائارىپىنى يولغا قويۇش، ئۇيغۇرلارنى ئىچكىرى ئۆلكىلەردە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق تالاش-تارتىشتىكى قارارلارنى چىقارغان ئىدى.

جاڭ ۋېيگو ئەپەندى، ئۇيغۇر ۋەزىيىتىنى يېقىندىن كۆزىتىپ كېلىۋاتقان خىتاي ۋەزىيەت ئانالىزچىلىرىنىڭ بىرى. ئۇنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئۇيغۇر ئىلىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق «شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى» دا چىقارغان قارارلىرىنىڭ خاتا ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرگەن. ئۇ، خىتاي كومپارتىيەسى بۇ قېتىمقى يىغىندا ئۆزىنىڭ «شىنجاڭ سىياسىتى» نى توغرا، دەپ مۇئەييەنلەشتۈرگەن بولسىمۇ، بىراق ئۇنىڭ ئۇيغۇرلار ھەققىدە خاتا قارار چىقىرىپلا قالماي، ئۇيغۇر ۋەزىيەتنى خاتا مۆلچەرلىگەنلىكىنى بىلدۈردى.

جاڭ ۋېيگو: جۇڭگو كومپارتىيەسى شىنجاڭ ۋە شىنجاڭنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئاز سانلىق مىللەتلەر مەسىلىسىدە خالتا كوچىغا كىرىپ قالدى. سىز سىياسىي بيۇرونىڭ ئۆتكەن قېتىملىق شىنجاڭ خىزمەت يىغىنى بىلەن بۇ قېتىملىق يىغىنىنىڭ ئارىلىقى ناھايىتى يېقىن ئىكەنلىكىنى كۆرۈۋالالايسىز. ئەمەلىيەت ئۇلارنىڭ ئۆتكەن قېتىملىق يىغىنىنىڭ قارارلىرى ۋە پەرەزلىرىنىڭ ئىنتايىن خاتا ئىكەنلىكى ئىسپاتلاندى. ئۇلار ئۆتكەن قېتىملىق يىغىندا ھازىرقىدەك ۋەزىيەتكە دۇچ كېلىدىغانلىقىنى ئويلىمىغان. بۇ قېتىمقى يىغىندىن سەل بۇرۇن، شى جىنپىڭ سىياسىي بيۇرونىڭ بىر قانچە ئەزاسى ۋە دائىمىي ئەزالىرىنى ئەگەشتۈرۈپ، شىنجاڭدا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارغان. ئوخشاشلا ئۇ، شىنجاڭدا ئوتتۇرىغا چىققان ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە زىددىيەتنى ئويلىمىدى ۋە ھەل قىلمىدى. ھالبۇكى، بىز كۆرۈۋاتقان رېئاللىق شۇ، جۇڭگو كومپارتىيەسى ئۆزىنىڭ قارارلىرىنى توغرا ۋە مۇتلەق، دەپ قاراۋاتقان بۇ ئەھۋالدا، شىنجاڭنىڭ ئەمىلى ۋەزىيىتى بارغانسېرى ئۆتكۈرلەشتى، بارغانسېرى مۇرەككەپلەشتى ۋە قىيىنلاشتى.

رىياسەتچى: خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ قوللانغان «تېررورلۇققا» قارشى تۇرۇش تەدبىرلىرى كونتروللۇقنى يوقىتىپ قويدىمۇ-قانداق؟

جاڭ ۋېيگو: بۇ كونتروللۇقنى يۇقۇپ قويۇشلا مەسىلىسى ئەمەس. ئۇنىڭدا ئەڭ ئەقەللىي تەپەككۇر، ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارى كەم. ئۇنىڭ ئۆزى، ھەرىكىتى، سىياسىتى، بۇ ئېغىر ئاقىۋەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ خاتالىقنى تۈزىتىشكە، يېڭى ۋە ھەقىقىي ھەل قىلىش چارىسى تۈزۈپ چىقىشقا ئامالسىز. پەقەت ئۇ داۋاملىق ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى يولىدا مېڭىپ، ماڭغانسېرى توغرا يولدىن يىراقلاشتى، يىراقلاشقانسېرى خاتالىق زورايدى. نەتىجىدە، زىددىيەت تېخىمۇ ئۆتكۈرلىشىپ كەتتى. مانا بۇ ھازىرقى ئەھۋال.