ئۇيغۇر ئاياللىرى پارىژدا نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىنى ئەيىبلىدى
2013.04.24
ئۇيغۇر خانىم قىزلىرىنى دېموكراتىيە ۋە كىشىلىك ھوقۇق بىلىملىرى بويىچە تەربىيىلەش كۇرسى ئاياقلاشقان بولسىمۇ، ۋەكىللەر پارىژ شەھىرىدىكى پائالىيىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.
23 - ئاپرىل كۈنى ھەر قايسى دۆلەتلەردىن كەلگەن ئۇيغۇر ئاياللىرى كىشىلىك ھوقۇق ئاكتىپلىرى دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى رەئىسى رابىيە قادىر خانىمنىڭ يېتەكچىلىكىدە فرانسىيە پارلامېنت بىناسىنى زىيارەت قىلغاندا 3 نەپەر پارلامېنت ئەزاسى بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇيغۇرلارنىڭ سىياسىي ئەھۋالىنى ئاڭلاتقان ھەمدە ئۇلارنىڭ ھېسداشلىقىغا ئېرىشكەن.
24 - ئاپرىل كۈنى ئۇيغۇر ئاياللىرى يەنە، پارىژدىكى مەركىزى مەيدانغا توپلىنىپ، مارالبېشىدا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈرگەن.
ئۇيغۇر ئاياللىرى ۋەكىللىرىنىڭ پارىژدىكى پائالىيەتلىرى ھەققىدە ئىختىيارىي مۇخبىرىمىز گۈلشەن ئابدۇقادىر ئۇچۇر بېرىدۇ.