ئۇيغۇر ئايال: ھىجابنى ياقتۇرمايمەن، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىشىنى ئەركىنلىككە خىلاپ دەپ قارايمەن
2015.07.29

خىتاي ھۆكۈمىتى يېقىنقى بىر يىللاردىن بېرى ئۇيغۇر ئېلىدە روزا، رامىزان، ھىجاب، ساقال ۋە باشقا دىنىي سىمۋول، دىنىي ئىبادەتلەرنى مەنئى قىلىپ، خىلاپلىق قىلغان ئۇيغۇرلارنى قاتتىق باستۇرۇپ كەلدى.
خىتاي دائىرىلىرىنىڭ نەزىرىدە ساقال، ھىجاب ۋە باشقا دىنىي سىمۋوللار، بەلگىلەنگەن مەسچىت ۋە ئىبادەت ئورۇنلىرىدىن باشقا يەرلەردە تەبلىغ سۆزلەش، ناماز ئوقۇش، دىنىي پائالىيەت قىلىش «قانۇنسىز «دىنىي ھەرىكەت»، «دىنىي ئاشقۇنلۇق» ھېسابلاندى.
خىتاي بۇ سىياسىتى رايوندا دىندار ئۇيغۇرلارنىڭ ئىزچىل قاتتىق نارازىلىقىنى قوزغاپ، بەزىدە بۇ نارازىلىق ئۇلار بىلەن خىتاي ئامانلىق كۈچلىرى ئوتتۇرىسىدىكى قانلىق توقۇنۇشلارنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ۋە غەرب دېموكراتىك دۆلەتلىرىنىڭ قارىشىچە، خىتاينىڭ سىياسىي ئۇيغۇرلارنىڭ ئاساسى كىشىلىك ھوقۇق، دىنىي ئەركىنلىكىگە مۇخالىپ.
دىندارلىق، دىندارلارنىڭ ھاياتى، دىنىي سىمۋوللار ۋە خىتاينىڭ دىنىي سىياسىتىگە دىنىي ئەھكاملارغا تولۇق ئەمەل قىلمايدىغان ئۇيغۇرلار قانداق قارايدۇ؟ بىز بۈگۈن بۇ مەسىلە ھەققىدە ئۈرۈمچىدە ئولتۇرۇشلۇق بىر ئۇيغۇر ئايال بىلەن سۆھبەت ئېلىپ باردۇق.
گۈزەلنۇر خانىم ئۆزىنى مۇسۇلمان ھېسابلايدىغان، بىراق كۈندىلىك ھاياتىدا ئىسلام ۋە مۇسۇلماندارچىلىقنىڭ پەرز، سۈننەتلىرىگە ئانچە ئەمەل قىلىپ كەتمەيدىغان ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ بىرى. ئۇ، خىتاينىڭ دىنىي سىمۋوللارنى چەكلەش سىياسىتىگە باھا بېرىپ، «ھىجابنى ياقتۇرمايمەن، لېكىن ھۆكۈمەتنىڭ چەكلىشىنى ئەركىنلىككە خىلاپ، دەپ قارىمايمەن» دېدى. بىز ئۇنىڭ بىلەن سۆھبىتىمىزنى ناماز ئوقامسىز؟ دېگەن سوئال بىلەن باشلىدۇق.