ئۇيغۇرلار مەسىلىسى ياۋروپا پارلامېنتىدا

0:00 / 0:00

د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر 8-9-ئىيۇل كۈنلىرى ياۋروپا پارلامېنتىدا زىيارەتتە بولۇپ، ياۋروپا بىرلىكىنىڭ ھەرقايسى ساھە رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىشلار ئېلىپ بارغان.

10-ئىيۇل كۈنى ياۋروپا پارلامېنتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدا مۇزاكىرە يىغىنى ئۇيۇشتۇرۇپ، نۆۋەتتىكى ئۇيغۇر ئىلى ۋەزىيىتى ئۈستىدە توختالغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بەرگەن مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، د ئۇ ق نىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى ۋەكىلى ئەنۋەرجان ۋە د ئۇ ق ئىجرائىيە كومىتېتى رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندىلەر 8-ئىيۇل كۈنى ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارەتلىرىدە، ئالدى بىلەن لېبىرال دېموكراتلار پارتىيىسى رەھبەرلىرى بىلەن ئۇچرىشىش ئېلىپ بارغان بولۇپ، دولقۇن ئەيسا ئەپەندى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ ئاساسىي مەزمۇنى توغرىسىدا ئۇچۇر بەردى. 9-ئىيۇل كۈنى د ئۇ ق ۋەكىللىرى يەنە ياۋروپا كومىسىيۇنى تاشقى ئىشلار كومىتېتى ئەزالىرى بىلەن ئۇچرىشىپ سۆھبەت ئېلىپ بارغان.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 10-ئىيۇل ئۆتكۈزگەن ئۇيغۇر ۋەزىيىتى توغرىسىدىكى سۆھبىتى دەل 11-ئىيۇل ئۆتكۈزۈلىدىغان خىتاي بىلەن ياۋروپا بىرلىكى ئارىسىدىكى 33-قېتىملىق كىشىلىك ھوقۇق دىئالوگىغا توغرا كەلگەن. ياۋروپا بىرلىكى تاشقى ئىشلار كومىتېتى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشى خادىملىرى د ئۇ ق رەھبەرلىرىگە ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنى ھەر قېتىم خىتاي بىلەن بولغان دىئالوگدا ئوتتۇرىغا قويۇپ كېلىۋاتقانلىقىنى، ئەمما خىتاينىڭ ھەر قېتىم ئۇيغۇرلار مەسىلىسى تىلغا ئېلىنغان ھامان چىچاڭلاپ كېتىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

د ئۇ ق مۇئاۋىن رەئىسى ئەسقەرجان ئەپەندىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 10-ئىيۇل كۈنى ياۋروپا بىرلىكى كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ ئۇيغۇرلار مەسىلىسى توغرىسىدىكى يىغىنى ياۋروپا پارلامېنتىدا ئۆتكۈزۈلگەن. ئەسقەرجان ئەپەندى بۇ يىغىننى ئۇيۇشتۇرغان باربارا خانىم بىلەن كۆپ قېتىم كۆرۈشكەن ۋە ئۇنىڭغا خەتلەر يېزىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى تەلەپ قىلغان بولۇپ، ئۇ بىزگە 10-ئىيۇلدىكى يىغىننىڭ ئاساسىي مەزمۇنىدىن مەلۇمات بەردى.

د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ ياۋروپا پارلامېنتىدىكى زىيارىتى ۋە ياۋروپا كىشىلىك ھوقۇق كېڭىشىنىڭ 10-ئىيۇل ئۇيغۇرلار ۋەزىيىتى توغرىسىدا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىگە ئائىت مەلۇماتنى دىققىتىڭلارغا سۇندۇق.