مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي ھەرىكىتىنىڭ 2019-يىلى يەنىمۇ يۇقىرى دولقۇنغا كۆتۈرۈلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە
2019.01.01
مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر سىياسىي ئاكتىپلىرىنىڭ 2019-يىلىدا يەنىمۇ زور غەيرەت بىلەن خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدىكى جازا لاگېرلىرىغا قارشى بىر يۈرۈش پائالىيەتلەرگە تەييارلىق قىلىۋاتقانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
د ئۇ ق نىڭ رەئىسى دولقۇن ئەيسا ئەپەندى يېڭى يىللىق تېلېۋىزىيە نۇتقىدا 2018-يىلى قولغا كەلتۈرۈلگەن نەتىجىلەرنى مۇئەييەنلەشتۈرۈش بىلەن بىرگە 2019-يىلىنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈچۈن يەنىمۇ ئېغىر كۈلپەتلەرگە تولغان بىر يىل بولىدىغانلىقىنى تىلغا ئالغان ئىدى. ئۇ سۆزىنىڭ ئاخىرىدا مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنى پائال ھەرىكەتكە كېلىپ، 2019-يىلىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا «ئۇيغۇر يىلى» بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈش ئىستەكلىرىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.
دەرۋەقە، 2018-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار خىتاينىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا تەسىس قىلغان جازا لاگېرلىرىغا قارشى نامايىش قىلىش، ئىمزا توپلاش پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرۇش، گۇۋاھلىق بېرىش ۋە ئۇزۇن مۇساپىلەرگە يۈرۈش قىلىش قاتارلىق شەكىللەردە ئۆز نارازىلىقلىرىنى ئىپادە قىلىپ، ئۇيغۇرلار مەسىلىسىنىڭ خەلقئارا مەتبۇئاتلارنىڭ قىزىق نۇقتىسىغا ئايلىنىشىغا تەسىر كۆرسەتكەن ئىدى. بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ 2019-يىلى يەنىمۇ زور كۆلەمدە قانات يايدۇرۇلىدىغانلىقى ئىلگىرى سۈرۈلمەكتە.
گوللاندىيەدە يېرىم يىلدىن بۇيان يالغۇز كىشىلىك نامايىش قىلىش بىلەن تونۇلغان ئۇيغۇر زىيالىيسى ئابدۇرەھىم غېنى ئەپەندى خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى كۈرەشلىرىنى 2019-يىلىمۇ ئىزچىل داۋاملاشتۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈۋاتقان ئۇيغۇرلارنىڭ بىرىدۇر. ئۇ بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشتىن ئىلگىرى 2018-يىلىدىكى پائالىيەتلىرىنىڭ نەتىجىلىرى ئۈستىدە قىسقىچە توختىلىپ ئۆتتى.
گوللاندىيەدىكى «ئۈرۈمچى رېستورانى» نىڭ خوجايىنى، د ئۇ ق مەدەنىيەت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى زەينىدىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ ھەقتە توختالغاندا ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ پائالىيەتلىرىدىن بارلىق ئۇيغۇرلارنىڭ ئۈلگە ئېلىشى لازىملىقىنى ئەسكەرتتى. ئۇ «ئۇيغۇرلار مەسىلىسى مىڭلىغان ئابدۇرېھىملارغا موھتاج،» دېدى.
نورۋېگىيەدە ياشاۋاتقان د ئۇ ق نىڭ تەپتىشى پەرھات ياقۇپ ئەپەندىمۇ ئابدۇرەھىم غېنىنىڭ يالغۇز كىشىلىك كۈرىشىگە يۇقىرى باھا بەردى ھەمدە 2019-يىلى مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇر مىللىي داۋاسىنىڭ يەنىمۇ يۇقىرى دولقۇن كۆتۈرۈلىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.
ئابدۇرەھىم غېنى 2019-يىللىق پائالىيەت پىلانلىرى ئۈستىدە توختىلىپ، يالغۇز كىشىلىك نامايىشىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇش ئىرادىسىنى نامايان قىلىش بىلەن بىرگە ياۋروپا پارلامېنتى ئالدىدىمۇ يالغۇز كىشىلىك نامايىش ئۇيۇشتۇرۇش خىيالىدا بولۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.
د ئۇ ق رەھبەرلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلارنىڭ جازا لاگېرلىرىغا قارشى كەسكىن كۈرەشلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلار مەسىلىسى 2018-يىلى ب د ت دا تەكرار-تەكرار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپلا قالماستىن، ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسى، گېرمانىيە پارلامېنتى ۋە ياۋروپا پارلامېنتىدا كۈنتەرتىپكە كەلگەن بىر مەسىلىگە ئايلانغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرۈشىچە، 2019-يىلى ئۇيغۇرلار مەسىلىسى خەلقئارادا جىددىي بىر مەسىلىگە ئايلىنىدىكەن.