لاگېر ساقچىسى: «كۇرسانتلار ئۆزلىرىنىڭ نەدىلىكىنى بىلمەيدۇ، ئائىلە تاۋابىئاتلىرىمۇ ھەم»

مۇخبىرىمىز شۆھرەت ھوشۇر
2018.10.29
lager-qizil-naxsha-menge-yuyush.jpg ئۇيغۇر رايونىدىكى مەلۇم بىر «تەربىيەلەش» لاگېردا تاماق تارقىتىشتىن بۇرۇن كوممۇنىستىك پارتىيەنى مەدھىيەلەپ ناخشا ئېيتقۇزۇلۇۋاتقان كۆرۈنۈش.
Oqurmen Teminligen

مۇخبىرىمىزنىڭ قەشقەردىكى مەلۇم بىر لاگېر ساقچىسى بىلەن ئۆتكۈزگەن سۆھبەت خاتىرىسىنىڭ بۈگۈن ئاڭلىتىلىدىغان قىسمىدا قەشقەردىكى بىر لاگېرنىڭ دەسلەپتە مەلۇم ناھىيەنىڭ بازار ئىچىدە قۇرۇلغانلىقى، كېيىنچە بۇ لاگېرنىڭ ئەلنىڭ نەزىرىدىن ئۇزاق تۇتۇلۇش ئۈچۈن بازار سىرتىغا يۆتكەپ كېتىلگەنلىكى، لاگېردىكىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمىنىڭ ئۆزىنىڭ نەدە تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقى، ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنىڭمۇ ئۇلار تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان ئورۇندىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

نۆۋەتتە شىۋېتسىيەدە ياشاۋاتقان سابىق ساقچى يولۋاس ئەپەندى لاگېردىكىلەرنىڭ ئورنىنىڭ ئۆزىگە ۋە ئائىلىسىگە بىلدۈرۈلمەسلىكىنىڭ تەخمىنىي سەۋەبلىرى ھەققىدە پىكىر بايان قىلدى.

يولۋاس ئەپەندى خىتاي دائىرىلىرىنىڭ لاگېرلارنىڭ ئورنىنى تۇتقۇنلارنىڭ ئۆزى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىغا بىلدۈرمەسلىك ئارقىلىق بىر تەرەپتىن لاگېر ۋە تۇتقۇنلارنىڭ سانى ۋە ئۇنىڭ ئىچىدە يۈز بەرگۈسى پاجىئەلەرنى دۇنيادىن يوشۇرماقچى ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈردى.

يولۋاس ئەپەندى يەنە لاگېرلارنىڭ مىللىي روھنى سۇندۇرۇش مەقسىتىدە قۇرۇلغانلىقىنى، تۇتقۇنلارنى كۆپرەك قىيناش ۋە ئائىلە-تاۋابىئاتلىرىنى ئازابلاش مەقسىتىدە ئۇلارنىڭ تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان جايىنىڭ يوشۇرۇن تۇتۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.