ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككىچە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر (2)

مۇخبىرىمىز گۈلچېھرە
2018.11.07
Mehrigul-tursun-muxbir-ziyaret.jpg خىتاينىڭ لاگېر ۋە تۈرمىلىرىدىكى تۈرلۈك قىيناشلارغا شاھىت بولغان مېھرىگۈل تۇرسۇن مۇخبىرىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلماقتا. 2018-يىلى 1-نويابىر، ۋاشىنگتون.
RFA/Gülchéhre

مېھرىگۈل: ئىنسان ئۇ زۇلمەتلىك لاگېردىن چىقىپ كېتىشكە ئۈمىدىنى يوقاتمىغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ، ئۇ يەردىكى قاتمۇ-قات قىيىن قىستاقلاردىن خورلانغان جىسمى ئاخىرىغىچە بەرداشلىق بېرەلمەسلىكى مۇمكىن.

2016-يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدىن باشلاپ، خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇر دىيارىدا كېڭەيتىپ قۇرۇۋاتقان «قايتا تەربىيەلەش»، «كەسپىي تەربىيەلەش» ناملىرىدىكى ئورۇنلارنىڭ ئەمەلىيەتتە مىليوندىن ئارتۇق ئۇيغۇرنى قانۇنسىز ھالدا مەجبۇرىي قامىغان، كېچە-كۈندۈز يۇقىرى تېخنىكا ئۈسكۈنىلىرى بىلەن كۆزىتىلىدىغان، قوراللىق مۇھاپىزەت قىلىنىدىغان، تۈرمىگە ئوخشاش سىرت بىلەن ئالاقىسى تامامەن ئۈزۈۋېتىلگەن جازا لاگېرلىرى ئىكەنلىكى دۇنياغا ئاشكارىلاندى. لاگېردىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارمۇ يوق ئەمەس.

«بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈپ ئېلىپ مېڭىش، پۇت-قوللىرىنى كىشەنلەش، سەۋەبسىز بىر ئېلىپ كېتىلگەنچە قويۇپ بېرىلمەسلىك، تۈرمە ۋە ھەربىي تۈزۈمدە باشقۇرۇش، ئاچ قويۇش، جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق قىيىن-قىستاققا ئېلىش، داۋالىماسلىق ۋە باشقا ئەھۋاللار بۇ لاگېرلارنىڭ تېخنىكا تەربىيەلەش ئورنى ئىكەنلىكىدىن دېرەك بېرەمدۇ؟» خىتاي ھۆكۈمىتى 21-ئەسىردە ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان بۇ لاگېرلار زادى قانداق جاي؟

بۇلارنى سىز، « ئۆلۈم گىردابىدىن ھۆرلۈككىچە: خىتاي لاگېرىدىكى پاجىئەلەر» مەخسۇس سەھىپىمىزدە، ئەنە شۇ خىتاينىڭ جازا لاگېرلىرىدىن مۆجىزىلەرچە قۇتۇلۇپ چىققان شاھىتلارنىڭ بايانلىرىدىن ئاڭلايسىز.

سەھىپىمىزنىڭ بۈگۈنكى 2-سانىدا، خىتاينىڭ ئۇيغۇر ئېلىدە قۇرغان لاگېرىدىن قۇتۇلۇپ چىققان تۇنجى ئايال شاھىت سۈپىتىدە ئەركىن ئاسىيا رادىيومىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل مېھرىگۈل تۇرسۇن ئۆزىنىڭ ئىككىنچى قېتىم لاگېرغا قايتا ئېلىپ كېتىلىشى ۋە ئۆزىنىڭ بۇ قاباھەتلىك جايدا ئۇچرىغان قىيىن-قىستاق ھەم قورقۇنچلۇق كەچمىشلىرىنى بايان قىلىدۇ.

سەھىپىمىزنىڭ 1-سانىدا، ئەمدىلا 2 ئايلىق بولغان 3 گېزەك ئوماق بالىسىنى ئېلىپ مىسىردىن ۋەتىنىگە قايتقان مېھرىگۈل، تېخى يۇرتى چەرچەنگە يېتىپ بارماي تۇرۇپ ئاتا-ئانىسى بىلەن كۆرۈشمەك تۈگۈل ئېمىتىۋاتقان بوۋاقلىرىدىنمۇ ۋاقىتسىز ئايرىۋېتىلىپ، خىتاي بىخەتەرلىك تارماقلىرى تەرىپىدىن ئۈرۈمچى خېيجياسەن تۈرمىسىگە قامالغانلىقى، 3 ئايدىن كېيىن ئائىلىسىگە كېپىللىككە بېرىلگەنلىكى، ئەمما ئۇنىڭ تۇيۇقسىز قويۇپ بېرىلىشىگە بولسا 3 گېزەك بالىسى ئىچىدىكى مۇھەممەتنىڭ دوختۇرخانىدا جان ئۈزۈشى سەۋەب بولغانلىقىدەك پاجىئەلىك كەچمىشلىرىنى ئاڭلاتقان ئىدۇق.

سەۋەبسىز تۇتقۇن قىلىنىپ 3 ئايلىق تۈرمە ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ، ئاخىرى ئاتا-ئانىسى، قېرىنداشلىرى ۋە قالغان ئىككى بوۋىقى بىلەن جەم بولالىغان مېھرىگۈلنى، ئۇنى ھاياتىنىڭ يەنىمۇ ئېغىر سىناقلىرى، قورقۇنچلۇق زۇلمەتلەر كۈتۈۋاتقان ئىدى.

ئەينى ۋاقىتتا بالىلىرىنى داۋالىتىش ھەلەكچىلىكى ۋە تۈگىمەس دوختۇر چىقىملىرىنى تۆلەش بىلەن بولغان بۇ ياش ئانا، چەرچەن ناھىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك دائىرىلىرى تەرىپىدىن 2017-يىلى 4-ئايدا قايتا تۇتۇلىدۇ. بۇ مەزگىل خىتاي دائىرىلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارنى كەڭ كۆلەملىك لاگېرلارغا قاماشنى كۈچەيتكەن مەزگىلى ئىدى.

بۇ نۆۋەت ئۇنىڭ بېشىغا قارا خالتا كىيدۈرۈلىدۇ، پۇت ۋە قوللىرىغا قوش كىشەن سېلىنىدۇ، چېچى چۈشۈرۈلىدۇ، يالىڭاچ قىلىنىپ دوختۇر تەكشۈرۈشىدىن ئۆتكۈزۈلىدۇ. شۇنىڭدەك چەرچەن ناھىيەلىك دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىدا مېھرىگۈلنىڭ ئىسمى «54-» نومۇرغا ئايلىنىدۇ.

مېھرىگۈل ئۇ جايدا ئۆزىگە تونۇشلۇق پېشقەدەم ئوقۇتقۇچى، مەھەللىدىكى قوشنىلىرىنىڭ ئۆزىدىنمۇ كىچىك قىزى، ھەتتا ئۆزىنى داۋالىغان ئەنگلىيەدە ئوقۇپ كەلگەن دوختۇر قاتارلىق ئۆزىگە ئوخشاشلا بىگۇناھ 68 نەپەر ئۇيغۇر ئايال بىلەن 210-نومۇرلۇق كامېراغا قامىلىدۇ.

مېھرىگۈل 54 -نومۇرلۇق مەھبۇسقا ئايلانغاندىن كېيىن سوراق جەريانىدا ئېغىر جىسمانىي ۋە روھىي خورلاشلارغا ئۇچرىغان. قىيىن-قىستاق ۋە قورقۇنچلۇق بۇ زۇلۇملار ئۇنى تۇتقاقلىق كېسىلىگە گىرىپتار قىلغان. ئۇ سۆھبىتىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا خىتاينىڭ لاگېرلاردىكى داڭلىق «يولۋاس ئورۇندۇقى» غا ئولتۇرغۇزۇش قاتارلىق جىسمانىي ۋە پسىخىكىلىق خورلاش ئۇسۇللىرىنىڭ تەپسىلاتلىرىنى ئاشكارىلايدۇ. سەھىپىمىزنىڭ كېيىنكى قىسمىدا كۆرۈشەيلى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.