رويتېرسنىڭ تەكشۈرۈشىدىن ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېر سانىنىڭ شىددەت بىلەن كۆپىيىۋاتقانلىقى مەلۇم بولدى

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2018.12.03
lager-urumchi-turpan-reuters.jpg ئۈرۈمچى بىلەن تۇرپاننىڭ ئارىلىقىغا سېلىنغان «تەربىيەلەش لاگېرى» نىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشى. 2018-يىلى 4-سېنتەبىر.
REUTERS

نوپۇزلۇق ئاخبارات ئورگانلىرىدىن رويتېرس ئاگېنتلىقى 29-نويابىر كۈنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە بىر مەخسۇس تەكشۈرۈش دوكلاتى ئېلان قىلدى.

39 يىغىۋېلىش لاگېرى ئۈستىدىن نۇقتىلىق ئېلىپ بېرىلغان بۇ تەكشۈرۈش دوكلاتى ئوقۇرمەنلەرنى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ سىغىمچانلىقى ئۈستىدە ئەڭ يېڭى ئۇچۇرلار بىلەن تەمىنلەيدىغان بولۇپ، مەزكۇر دوكلات كۆزەتكۈچىلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس پەيدا قىلدى.

رويتېرس ئاگېنتلىقى ئۇيغۇر ئېلىگە مەخسۇس مۇخبىر ئەۋەتىش ۋە گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئارقىلىق ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلار ھەققىدە يەنە بىر تەكشۈرۈش خاراكتېرلىك خەۋىرىنى ئېلان قىلدى. مەزكۇر خەۋەر دوكلاتى ئۇيغۇر ئېلىدىكى لاگېرلارنىڭ كۆلىمى ۋە ئۇنىڭ كېڭىيىش ئەھۋالى ئۈستىدىكى ئەڭ يېڭى مەلۇماتلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان. رويتېرس ئاگېنتلىقى بۇ دوكلاتىنى ئامېرىكىدىكى «ئېرسرايز» (Earthrise) ناملىق بىر سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىش ئورگىنى بىلەن بىرلىكتە تەييارلىغان بولۇپ، مەزكۇر ئورگان بۇنىڭ ئۈچۈن گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھى ئارقىلىق ئىككى يىل مابەينىدە تارتىلغان نەچچە يۈزلىگەن پارچە رەسىمنى ئانالىز قىلىپ چىققان ئىكەن.

دوكلاتتىن قارىغاندا، رويتېرس ئاگېنتلىقى دوكلاتىدا ئۇيغۇر ئېلىدىكى يەرلىك تور بەتلەردە ئىلگىرى قۇرۇلۇش ئېلانى قاتارلىقلاردا ئېنىق تىلغا ئېلىنغان 80 لاگېر ئورنى ئىچىدىن پەقەت گۇگۇل سۈنئىي ھەمراھ كۆرۈنۈشلىرىدە ناھايىتى ئېنىق دەلىللىگىلى بولىدىغان 39 لاگېر مەيدانىنى نۇقتىلىق تەتقىق قىلغان.

ئاخبارات دوكلاتىدا بايان قىلىنىشىچە، سۈنئىي ھەمراھىدىن تارتىلغان رەسىملەردىكى لاگېر بىنالىرى بىرمۇ-بىر ئانالىز قىلىنىش نەتىجىسىدە، بۇ لاگېرلارنىڭ كۆلىمىنىڭ 2017 ‏-يىلى 4‏-ئايدىن 2018‏-يىلى 8‏-ئايغىچە بولغان 17 ئاي ئىچىدە 3 ھەسسە كېڭەيگەنلىكى مەلۇم بولغان. جۈملىدىن، بۇ 39 لاگېر مەيدانىدا جەمئىي 1129 بىنا بار ئىكەن. ئومۇملاشتۇرۇپ ھېسابلىغاندا ئۇنىڭ كۆلىمى بىر مىليون كۋادرات مېتىر يەنى 140 پۇتبول مەيدانىغا تەڭ كېلىدىكەن.

يۇقىرىدىكى بۇ سۈنئىي ھەمراھ رەسىملىرىنى ئانالىز قىلىدىغان مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئورگىنىنىڭ قۇرغۇچىلىرىدىن بولغان ئېدۋارد بويدا رويتېرس ئاگېنتلىقىغا قىلغان سۆزىدە، ئۆزىنىڭ ئۇيغۇر رايونىدىكى چۆللۈكلەردە قۇرۇلۇۋاتقان بۇ لاگېر بىنالىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتىدىن قاتتىق ھەيران بولغانلىقىنى ئىپادە قىلغان. ئۇ سۆزىدە «مەن ئۇ يەردىكى لاگېرلارنىڭ سانىنى، كۆلىمى ۋە ئۇلارنىڭ قۇرۇلۇش تېزلىكىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىم. ئۇلار بۇ چۆللۈكتە بىر قانچە ئاي ئىچىدىلا پۇتبول مەيدانىچىلىك كېلىدىغان بىنادىن 5 نى پۈتتۈرۈپ بوپتۇ» دېگەن.

ئۇيغۇر كىشىلىك ھوقۇق قۇرۇلۇشى تەتقىقاتچىسى ھېنرىي شاجېسكىنىڭ قارىشىچە، رويتېرسنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى زور كۆلەملىك لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىۋاتقىنى ئىكەن. ئۇ مۇنداق دېدى: «ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلارنىڭ سانى ۋە كۆلىمى ئۈستىدە ئادرىيان زېنز ۋە شاۋن جاڭ قاتارلىق مۇستەقىل تەتقىقاتچىلارمۇ قىلغان شۇنداقلا ئىلگىرى BBC خەۋەر ئاگېنتلىقى ۋە ئاۋسترالىيە ABC تېلېۋىزىيەسى قاتارلىقلارمۇ مۇشۇ خىلدىكى دوكلاتلارنى تەييارلىغان. ئەمما رويتېرسنىڭ بۇ ئەڭ يېڭى دوكلاتىدا كىشىنى چۆچۈتىدىغىنى زور كۆلەملىك لاگېر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ ھېلىھەم داۋام قىلىشى، جۈملىدىن بۇ لاگېرنىڭ ئاياغلىشىدىغانلىقىدىن ھېچقانداق سادا بولماسلىقىدۇر. ئەپسۇسكى، بۇ ئالدىمىزدىكى يىللاردا يەنە نۇرغۇنلىغان ئۇيغۇر ۋە باشقا مىللەتلەرنىڭ يەنە داۋاملىق لاگېرغا قامىلىدىغانلىقىنى ئىپادە قىلىپ تۇرماقتا».

مەلۇم بولۇشىچە، رويتېرس ئاگېنتلىقى سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرى ۋە باشقا ئىسپاتلار ئارقىلىق يىغىۋېلىش لاگېرى ئىكەنلىكى دەلىللىنىپ چىقىلغان 7 ئورۇنغا مۇخبىر ئەۋەتكەن بولۇپ، بۇ لاگېرلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەتراپى تام بىلەن قورشالغان ۋە دەرۋازا ئالدىدا قوراللىق خادىملار ھەم شۇنداقلا كۆزىتىش مۇنارلىرى بار ئىكەن. مۇخبىرلار بۇ ئورۇنلارغا يېقىنلاشقان بولسىمۇ، بىراق ساقچىلارنىڭ توسقۇنلۇق قىلىشىغا ئۇچرىغان. رويتېرسنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇلار ئانالىز ئېلىپ بارغان 39 يىغىۋېلىش لاگېرىنىڭ ئىچىدىكى ئەڭ چوڭ يىغىۋېلىش لاگېرى كورلا شەھىرىدە بولۇپ، كورلىدىكى بۇ يىغىۋېلىش لاگېرى يېقىنقى 17 ئاي ئىچىدە 2 ھەسسە كېڭەيگەن، ئۇنىڭ بۇ يىل 8‏-ئايدا تارتىلغان سۈنئىي ھەمراھ رەسىمىدىكى ئومۇمىي قۇرۇلۇش كۆلىمى 140 مىڭ كۋادرات مېتىرغا يېتىپ بارغان.

بۇنىڭدىنمۇ مۇھىمى، رايوندا يەنە 67 يېڭى لاگېر بىناسى قۇرۇلۇشى داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، ئۇنىڭ كۆلىمى 210 مىڭ كۋادرات مېتىر ئىكەن.

ھېنرىي شاجېسكى يۇقىرىدىكى بۇ ئەھۋالدىن قارىغاندا ئۇيغۇر ئېلىدە لاگېرلاردا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشىلەر سانىنىڭ قايتىدىن ئانالىز قىلىنىشى كېرەكلىكىنى ئەسكەرتتى. ئۇ سۆزىدە مۇنداق دېدى: «بىزگە مەلۇم بولغاندەك، نۇرغۇن كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرى بۇ ھەقتە ئېلىپ بارغان ئىزدىنىشلىرى نەتىجىسىدە ئۇيغۇر رايونىدىكى لاگېرلاردا ئاز دېگەندە بىر مىليون ئەتراپىدا تۇتقۇن بارلىقى ھەققىدە ئورتاقلاشقان. تەتقىقاتچى ئادرىيان زېنزنىڭ رەقەملىرىمۇ شۇنداق ئەمما دىققەت قىلىشقا نۇقتا ئادرىيان زېنزنىڭ تەتقىقاتى 2016-يىلى ئاخىرىدىن تارتىپ، 2017-يىلىنىڭ بېشىغىچە بولغان ئارىلىقتىكى سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسەن چىقىرىلغان. بىراق شۇندىن بۇيان لاگېر قۇرۇلۇشىنىڭ تېز سۈرئەتتە داۋام قىلغانلىقىدەك بۇ نۇقتىدىن قارىغاندا لاگېرغا تۇتۇلغانلارنىڭ سانىنىڭ ئاللىقاچان بىر مىليوندىن ئېشىپ كەتكەنلىكى مۇقەررەر. بۇنىڭ ئۈچۈن يېڭى بىر سانلىق مەلۇمات تۇرغۇزۇلۇپ چىقىلىشى زۆرۈر دەپ قارايمەن».

ئۇيغۇر ئېلى ۋەزىيىتىنى كۆزىتىپ كېلىۋاتقان بىر قىسىم ئورگانلار ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۆزىنىڭ ئانالىزلىرىدا ئۇيغۇر ئېلىدە ھازىر ئالاھازەل 1 مىليوندىن 3 مىليونغىچە كىشىنىڭ لاگېردا ئىكەنلىكىنى مۆلچەرلىگەن ئىدى. رادىيومىز ئىلگىرى لاگېردا خىزمەت قىلغان بىر ساقچىنى زىيارەت قىلغاندا لاگېر ساقچىسى ھەربىر بىنادا ئالاھازەل 60 دىن ئوشۇق ياتاقخانا بارلىقى، ھەربىر ياتاقتا 10-20 گىچە ئادەم بارلىقىنى بىلدۈرگەن ئىدى. بۇ مەلۇماتلار كېيىن «زىمىستان» تورى ئىگىلىگەن مەلۇماتلار بىلەنمۇ ئوخشاش چىققان. جۈملىدىن مۇشۇ بويىچە ھېسابلىغاندا، بىر بىنادا ئالاھازەل 1000-1200 ئەتراپىدا تۇتقۇن بار بولۇپ، 39 لاگېرنىڭ ئۆزىدىلا تۇتۇپ تۇرۇلۇۋاتقان كىشى سانى بىر يېرىم مىليونغا يېتىپ بارىدىكەن. دېمەك، ھازىرغىچە ئومۇمىي بايقالغان 80 لاگېر مەيدانىنى ھېسابلىغاندا بۇ سانلىق مەلۇماتنىڭ ئاللىقاچان 3 مىليوندىن ئېشىپ كېتىدىغانلىقى مۆلچەرلەنمەكتە.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.