2014-يىلى يۈز بەرگەن ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى (1)

مۇخبىرىمىز مېھرىبان
2014.12.08
poyiz-istansisi-wagzal-partlash.jpg ئۈرۈمچى ۋوگزالىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، قوراللىق كۈچلەرنىڭ ئەتراپنى چارلاپ، قامال قىلغان كۆرۈنۈشى. 2014-يىلى 30-ئاپرېل، ئۈرۈمچى.
EyePress News

2014-يىلى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان باستۇرۇشى ئەڭ كۈچلۈك بولغان بىر يىل بولۇش بىلەن بىللە ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرى ۋە قانلىق توقۇنۇشلار 2009-يىلدىن بۇيان ئەڭ كۆپ يۈز بەرگەن بىر يىل بولدى. خەلقئارادا زور تەسىر كۆرسەتكەن ۋەقەلەردىن 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم، 30-ئاپرېل ئۈرۈمچى پويىز ئىستانسىسى پارتلىتىش ھۇجۇمى، 22-ماي ئۈرۈمچى ئەتىگەنلىك بازار پارتلىتىش ھۇجۇمى، 28-ئىيۇل يەكەن ئېلىشقۇ-خاڭدى يېزىلىرىدىكى ئىسيان، 30-ئىيۇل ھېيتگاھ جامەسى ئىمامى جۈمە تاھىرنىڭ پىچاقلىنىپ ئۆلتۈرۈلۈش ۋەقەسىدىن باشقا خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ ئۆزىدە ئېلان قىلىنغان ۋەقەلەر 30 دىن ئاشقان.

خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ بۇ خىل قارشىلىق ھۇجۇملىرىنى خەلقئاراغا تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ ئېلان قىلىپ، ۋەقەلەرگە چېتىشلىق ئۇيغۇرلارنى ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىش، مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىش قاتارلىق ئېغىر جازالار بىلەن جازالىدى. ئەمما چەتئەللەردىكى ئۇيغۇر تەشكىلاتلىرى ۋە خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قارشىلىق ھەرىكەتلىرىنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قاراتقان دىنىي ۋە مىللىي باستۇرۇش سىياسىتىگە بولغان نارازىلىق سەۋەبىدىن يۈز بەرگەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلقئارا مۇستەقىل تەكشۈرۈش ئۆمىكىنىڭ ئۇيغۇر لار ۋەزىيىتىنى تەكشۈرۈشى كېرەكلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

تۆۋەندە بۇ ۋەقەلەر ئىچىدە ھازىرغىچە ئاشكارىلانغانلىرىنى ۋاقىت تەرتىپى بويىچە ئەسلىتىپ ئۆتمەكچىمىز.

1. 15-يانۋار ئاقسۇ ئاۋات يېڭى ئېرىق ساقچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

2014-يىلى 15-يانۋار كۈنى ئاقسۇ ئاۋاتنىڭ يېڭىئېرىق ساقچىخانىسىدا توقۇنۇش يۈز بېرىپ 3 كىشى ئۆلگەن. رادىئومىز مۇخبىرىنىڭ ناھىيە ۋە يېزىلىق ساقچى خادىملىرىدىن ئېنىقلىشىچە، 3 نەپەر پىدائىي 15-يانۋار چارشەنبە كۈنى ساقچىخانا ئالدىدا گۆزەتتە تۇرغان ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچىغا ئورغاق بىلەن ھۇجۇم قىلىپ ئۇلارنى يارىلاندۇرغان. خىتاينىڭ رەسمىي ساقچىلىرى ساقچىخانا ئىشخانىسىدىن ئوق چىقىرىپ، ساقچىخانا بىناسىغا ھۇجۇم قىلىپ كىرىۋاتقان ئۈچ نەپەر پىدائىينى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن.

2. 24-يانۋار ئاقسۇ توقسۇدىكى زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى:

1-ئاينىڭ 24-كۈنى ئاقسۇنىڭ توقسۇ ناھىيە بازىرىدا زەنجىرسىمان پارتلىتىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن. خىتاينىڭ تەڭرىتاغ تورىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، ئىبراھىم قاھار باشچىلىقىدىكى 17 نەپەر پىدائىيدىن، 6 نەپىرى ھۇجۇمغا ئاتلىنىش ۋە نىشانىغا زەربە بېرىش داۋامىدا ھاياتىدىن ئايرىلغان؛ 6 نەپىرى خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن ئېتىۋېتىلگەن؛ 5 نەپىرى ئەسىر ئېلىنغان. مۇخبىرىمىزنىڭ توقسۇدىن بىۋاسىتە ئىگىلىگەن مەلۇماتلىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، 17 نەپەر پىدائىينىڭ بىر قىسمى ئىبراھىم قاھار باشچىلىقىدا 1-ئاينىڭ 24-كۈنى 3 موتسىكلىت بىلەن، توقسۇ ناھىيە بازىرىدىكى كۆكتات بازىرى ۋە بىر ھۆسن تۈزەش سالونىغا ھۇجۇم قىلغان. پىدائىيلاردىن ئىككى نەپىرى ساقچىلارنىڭ قورشاۋىدا قالغاندا ئۆزلىرى ئولتۇرغان ئاپتوموبىلنى پارتلاتقان.

3. 14-فېۋرال ئۇچتۇرپان توققۇزاق بازىرى كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى:

2-ئاينىڭ 14-كۈنى ئاقسۇ ئۇچتۇرپان توققۇزاق بازىرىدا يۈز بەرگەن كوچا چارلاۋاتقان ساقچىلارغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدە 11 ئادەم ئۆلگەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەخمۇت توختى باشچىلىقىدىكى 13 كىشىلىك بىر پىدائىيلار گۇرۇپپىسى 6 ئايدىن بېرى خىتاي ھاكىمىيىتىگە قارشى ھەرىكەت ئېلىپ بېرىشنىڭ ئىدىيە ۋە تېخنىكا جەھەتتىكى تەييارلىقىنى قىلغاندىن كېيىن جۈمە كۈنى، يەنى 14-فېۋرال كۈنى ئۇچتۇرپان بازىرىدا كوچا چارلاۋاتقان ساقچى ئاپتوموبىللىرىغا ھۇجۇم قىلغان.

رادىئومىز مۇخبىرى يەرلىكتىن ئىگىلىگەن ئەھۋاللاردىن ئاشكارىلىنىشىچە، پىدائىيلار گاز باكلىرىنى قورال سۈپىتىدە قوللىنىپ 5 دانە ساقچى ئاپتوموبىلىنى پاچاقلاپ تاشلىغان. خىتاي ساقچىلىرى پىدائىيلاردىن 8 نەپىرىنى نەق مەيداندا ئېتىۋەتكەن؛ قورشاۋدا قالغان 3 نەپەر پىدائىي ئۆزلىرىنى پارتلىتىۋالغان؛ ئۆزىنى پارتلىتىشتا خىتاي تەرەپتىن ئىككى ساقچى ۋە ئىككى پۇقرا بولۇپ 4 كىشى يارىلانغان.

4. 1-مارت كۈنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدىكى پىچاقلىق ھۇجۇم:

1 - مارت كۈنى كەچقۇرۇن شۇ يەر ۋاقتى كەچ سائەت 9 ئەتراپىدا قارا نىقاب كىيگەن بىر گۇرۇھ كىشى كۇنمىڭ پويىز ئىستانسىسىدا شىددەتلىك پىچاق ھۇجۇمى ئېلىپ بارغان. ھۇجۇمنىڭ نىشانى خىتايلارغا قارىتىلغان بولۇپ، تاكى 2 - مارت شۇ يەر ۋاقتى كېچە سائەت 01:00 گىچە بولغان بىرقانچە سائەتلىك ھۇجۇمدا جەمئىي 34 ئادەم ئۆلگەن، 140 نەچچە ئادەم يارىلانغان.

شىنخۇا خەۋەر تورى پىچاقلىق ھۇجۇمچىلارنىڭ جەمئىي 8 نەپەر كىشىدىن تەشكىللەنگەنلىكىنى، ۋەقەنى ئابدۇرېھىم قۇربان قاتارلىق 8 كىشىنىڭ سادىر قىلغانلىقىنى ئېلان قىلغان. ئۇلارنىڭ ئىچىدە 6 نەپىرى ئەر، 2 نەپىرى ئايال ئىكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. دائىرىلەر يەنە ئەينى چاغدىكى ۋەقەنى بىر تەرەپ قىلىش جەريانىدا خىتاي ساقچى تەرەپنىڭ ھۇجۇمچىلاردىن 4 نەپەر ئەر كىشىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەنلىكىنى، بىر نەپەر ئايالنى يارىلاندۇرۇپ تىرىك تۇتقانلىقىنى ئېلان قىلغان. خىتاي دائىرىلىرى ۋەقەنى تېررورلۇق ھۇجۇمى دەپ بېكىتكەن.

ئەينى چاغدا، 1-مارت كۈنمىڭ ۋەقەسىدىكى قالغان 7 گۇماندارنىڭ كىملىكى ئېلان قىلىنمىغان. 6-ئاينىڭ 30-كۈنىدىكى خەۋىرىدە كېيىن تۇتقۇن قىلىنغان 4 نەپەر گۇماندارلارنىڭ ئىسىملىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇلار، ئىسكەندەر ئەخەت، تۇرغۇن توختىنىياز، ھۈسەن مەمەت ۋە پاتىگۈل توختى.

بۇلاردىن ئالدىنقى ئۈچ نەپىرى تېررورلۇق تەشكىلاتىنى قۇرۇش، يېتەكلەش ۋە پىلانلاش بىلەن ئەيىبلەنگەن، پاتىگۈل توختى بولسا، تېررورلۇق تەشكىلاتى ۋە تېررورلۇق ھۇجۇمىغا قاتنىشىش بىلەن ئەيىبلەنگەن.

خىتاي خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 30-ئىيۇن سوتلانغان 3 ئەر گۇماندار ۋەقە سادىر بولغان مەيداندا يوق بولۇپ، بەزى خەۋەرلەردە دېيىلگىنىدەك ۋەقەدىن بۇرۇن 27-مارت كۈنى تۇتۇلغان. ۋەقە ھەققىدىكى كونا-يېڭى ئۇچۇرلاردا بۇ 8 نەپەر پىدائىينىڭ ئاۋۋال چەتئەلگە چىقىپ كېتىشكە ھەرىكەت قىلغانلىقى، ئەمما بۇ جەرياندا ئۆزلىرىنىڭ 3 نەپەر سەپدىشى تۇتۇلغاندىن كېيىن، چەتئەلگە چىقىشتىن ۋاز كېچىپ مەزكۇر ھۇجۇمنى ئېلىپ بارغانلىقى خەۋەر قىلىنغان.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.