خىتاينىڭ ئاسسىمىلىياتسىيە سىياسىتى پەرقلىق مۇئامىلىگە سەۋەب بولماقتا

مۇخبىرىمىز ئىرادە
2013.05.31
dini-checklesh-305 ﺋﯘﻳﻐﯘﺭ ﺭﺍﻳﯘﻧﯩﺪﯨﻜﻰ ﺩﯨﻨﻰ ﭘﺎﺋﺎﻟﯩﻴﻪﺗﻠﻪﺭﻧﻰ ﭼﻪﻛﻠﻪﺵ ﺗﺎﺧﺘﯩﺴﻰ
RFA Photo

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۇيغۇر ئەرلىرىنى ساقال قويۇشتىن، ئاياللىرىنى بولسا ياغلىق چىگىشتىن چەكلەپ، بۇنى دىنىي رادىكاللىق بىلەن باغلاپ چۈشەندۈرۈۋاتقان بىر شارائىتتا، خىتاي ئۆلكىلىرىدە ياشايدىغان تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ، دىنىي ئېتىقاد پائالىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ ئەركىن ھالدا ئېلىپ بارالىشى كىشىلەرنى گاڭگىراتماقتا.

مەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بىر رەسىملىك ئۇچۇردا خىتاي ساقچىلىرى كوچىدا كېتىۋاتقان ئۇيغۇر ئايالنى يۈزىنى يېپىۋالغانلىقى ئۈچۈن قولغا ئالماقچى بولۇۋاتقان بولسا، يەنە بىر ياقتا روپاش تۇڭگان ئاياللىرىنىڭ كوچىلاردا بىخارامان كېتىۋاتقان كۆرۈنۈشلىرى بار ئىدى. خىتاي ھۆكۈمىتى نېمە ئۈچۈن ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىدە بولىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن بىر دۆلەتتە ئوخشىمايدىغان ئىككى خىل دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈلىدۇ؟ كۆزەتكۈچىلەر، بۇنىڭ ئۇيغۇرلار ئۈستىدىن يۈرگۈزۈلۈۋاتقان ئاسسىمىلىياتسىيە ۋە تېررىتورىيە مەسىلىسى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ھۆرمەتلىك رادىئو ئاڭلىغۇچىلار، بۈگۈن ئۇيغۇر ئېلىدىكى مەلۇم بىر رادىئو ئاڭلىغۇچىمىز رادىئومىزنىڭ ئىلخەت ئادرىسىغا قول تېلىفونى ئارقىلىق تارتىلغان بىر قانچە پارچە سۈرەتنى ئەۋەتىپ، ئۇيغۇرلار ئۇچراۋاتقان دىنىي بېسىمنىڭ چەكتىن ئېشىپ كەتكەنلىكىنى، بۇنى خەلقئاراغا بىلدۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتقان. بۇ ئىخلاسمەنىمىز ئەۋەتكەن رەسىملەردە قارا پەرەنجە كىيىپ، يۈزىنى ئورىغان ھالدا كوچىدا كېتىۋاتقان بىر ئايالنى بىر قانچىلىغان خىتاي ساقچىلىرىنىڭ ئورىۋېلىپ، ئۇنىڭ يۈزىنى ئاچماقچى بولۇۋاتقان ۋە ئۇنى قولغا ئېلىپ ئەپ ماڭغان كۆرۈنۈشلىرى بار ئىدى. يۇقىرىدىكى ئىخلاسمەنىمىز ئەۋەتكەن رەسىملىك ئۇچۇرىدا يەنە، خىتاي ئۆلكىلىرىدىكى تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ ئەركىن ھالدا دىنىي پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقانلىقى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن كۆرۈنۈشلەرمۇ بار بولۇپ، ئۇ خىتايدا ئۇيغۇرلار بىلەن تۇڭگانلارنىڭ ئوخشىمايدىغان مۇئامىلىگە ئۇچراۋاتقانلىقىنى، بىر دۆلەتتە ئىككى خىل تۈزۈمنىڭ يولغا قويۇلۇۋاتقانلىقىنى ئىنكاس قىلغان.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ياغلىق چېگىشى، يۈزىنى ئورىۋېلىشىنى، ئۇيغۇر ئەرلىرىنىڭ ساقال قويۇشىنى دىنىي رادىكاللىق بىلەن باغلاپ تۇرۇپ مۇئامىلە قىلىپ، ئۇيغۇرلار ئۈستىدىكى دىنى بېسىمنى ھەسسىلەپ ئاشۇرۇشى، نۆۋەتتە خەلقئارا جامائەتنىڭ دىققىتىنى قوزغاۋاتقان ئىنتايىن مۇھىم بىر مەسىلە. ئامېرىكا ھۆكۈمىتى، دۆلەت مەجلىسى ۋە خەلقئارادىكى نوپۇزلۇق تەشكىلاتلارمۇ ئۆز دوكلاتلىرىدا ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىكىنىڭ بېسىمغا ئۇچراش مەسىلىسىنى ھەم شۇنداقلا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرى بىلەن تۇڭگان مۇسۇلمانلىرىغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقىنى تەنقىد قىلغان ئىدى. تېخى يېقىندا ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مىنىستىرلىقى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنغان دىنىي ئەركىنلىك دوكلاتىنىڭ خىتايغا ئائىت قىسمىدا خىتاي دائىرىلىرىنىڭ گەنسۇ، نىڭشا، يۈننەن ۋە چىڭخەيدىكى تۇڭگانلارغا ئوخشىمايدىغان بىر خىل دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈۋاتقانلىقى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ بۇ ئۆلكىلەردىكى تۇڭگانلارنىڭ دىنىي تۇرمۇشىغا ئۇيغۇرلارنىڭكىگە ئارىلاشقاندەك ئارىلىشىۋالمايدىغانلىقىنى، تۇڭگانلارنىڭ دىنىي پائالىيەتلىرىنى ئۇيغۇرلارغا قارىغاندا كۆپ ئەركىن ئېلىپ بارىدىغانلىقىنى قەيت قىلغان.

ئۇيغۇر كۆزەتكۈچىلەر خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇسۇلمانلىرىغا قىلىۋاتقان پەرقلىق مۇئامىلىسىنىڭ ھەرگىزمۇ تاسادىپىيلىق ئەمەسلىكىنى، بۇنىڭ ئۇيغۇرلارنى ئاسسىمىلىياتسىيە قىلىش سىياسىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى. شۋېتسىيىدە ياشايدىغان ئۇيغۇر زىيالىيلىرىدىن ھەسەن ئارتۇچ ئەپەندى بۇ ھەقتە ئۆز كۆز قارىشىنى بايان قىلىپ ئۆتتى.

ئامېرىكا ئۇيغۇر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى ئالىم سېيىتوف ئەپەندى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارغا قىلىۋاتقان بۇ چەكتىن ئاشقان دىنىي بېسىمىنىڭ ئۇيغۇرلار زېمىنىنىڭ بېسىۋېلىنغان بىر زېمىن بولۇشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن ئۇچۇرلاردىن خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنىڭ روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ھەجگە بېرىش، قۇرئان ئۆگىتىش، دىنىي كىتاب - ماتېرىياللارنى تارقىتىش قاتارلىق قانۇنلۇق دىنىي پائالىيەتلىرىنىمۇ دىنىي رادىكاللىق دەپ، جىنايەت قاتارىدا مۇئامىلە قىلىۋاتقانلىقى، ھەرقايسى يەرلىك دائىرىلەر ئوچۇق - ئاشكارا ھالدا ساقال قويغان ئەرلەرنى، ياغلىق ئارتقان ئاياللارنى ئاممىۋى سورۇنلارغا كىرىشتىن چەكلەيدىغان ئۇقتۇرۇشلارنى تارقىتىپ، كەڭ خەلق ئاممىسىنى بۇنىڭغا ئاۋاز قوشۇشقا قىستاۋاتقانلىقى مەلۇم. چارشەنبە كۈنى ئامېرىكا دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان ئۇيغۇرلارنىڭ دىنىي ئەركىنلىك ۋەزىيىتى ھەققىدە دوكلات بېرىش يىغىنىدا خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئىسلام دىنىنى ئۇيغۇرلارنى كونترول قىلىشتىكى بىر توسالغۇ دەپ قارىغانلىقتىن بار كۈچى بىلەن بۇنى يوق قىلىشقا ئۇرۇنۇۋاتقانلىقى مىساللار ئارقىلىق ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىدى. ئالىم سېيىتوف ئەپەندى ئەسكەرتىپ، يېقىندا مەيدانغا كەلگەن بىر قاتار قانلىق ۋەقەلەرگە خىتاينىڭ مۇشۇنداق چېكىدىن ئاشقان سىياسىتىنىڭ سەۋەب بولغانلىقىنى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇرلارنى زوراۋانلىققا مەجبۇرلاۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

چارشەنبە كۈنى دۆلەت مەجلىسىدە چاقىرىلغان يىغىندا يىغىنغا ھەرقايسى كىشىلىك ھوقۇق ئورگانلىرىنىڭ تەتقىقاتچى ۋە مەسئۇللىرى خىتاي ھۆكۈمىتىنى «خىتاي خەلقئارالىق تېررورچىلىققا قارشى كۈرەشنى سۇيىئىستېمال قىلىپ، چەكتىن ئاشقان باستۇرۇش سىياسەتلىرى ئارقىلىق ئۇيغۇرلارنى تېررورلۇققا مەجبۇرلىماسلىقى كېرەك» دەپ ئاگاھلاندۇرغان ئىدى.

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.